تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئىقتىساد خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كارخانىلارنىڭ تۇنجى تۈركۈملۈك يېشىل زايوم تارقىتىشى تەستىقلاندى

  ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى: ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى «گاۋشىن» مەبلەغ سېلىش تەرەققىيات گۇرۇھى مەسئۇلىيەت چەكلىك شىركىتى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «گاۋشىن گۇرۇھى» دېيىلىدۇ) يېقىندا مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ 450 مىليون يۈەنلىك يېشىل زايوم تارقىتىش توغرىسىدىكى تەستىقىگە ئېرىشتى، بۇ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كارخانىلارنىڭ تۇنجى بولۇپ يېشىل زايوم تارقىتىش تەستىقىگە ئېرىشىشى ھېسابلىنىدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى گاۋشىن گۇرۇھىنىڭ تەستىقلانغان 450 مىليون يۈەنلىك ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تۇنجى تۈركۈملۈك يېشىل زايوم تارقىتىش مۇددىتى يەتتە يىل بولۇپ، توپلانغان مەبلەغلەر ئاساسلىقى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونىنىڭ (يېڭى شەھەر رايونى) مۇھىت ئاسراش ئۇل ئەسلىھەلىرىنى ياخشىلاش ۋە مۇھىت ئاسراش مۇلازىمىتىنىڭ بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش تۈرلىرىگە ئىشلىتىلىپ، تۈرلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىغا ئاساسەن تارقىتىلىدىكەن.

  گاۋشىن گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى لۈ يۈۋېي مۇنداق دېدى: يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونىدىكى (يېڭى شەھەر رايونى) قۇرۇلۇش تۈرلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، گاۋشىن گۇرۇھى كۆپ مەنبەلىك مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش يوللىرى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىدۇ. گاۋشىن گۇرۇھى بۇنىڭدىن كېيىن دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كارخانىلار ئىسلاھاتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىچكى تىزگىنلەش سىستېمىسى باشقۇرۇشىنى كۈچەيتىپ، كاپىتال ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئەلالاشتۇرۇپ، كارخانا ئىناۋەت باھالاش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ساھەسىدىكى يېڭىلىق يارىتىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، مەبلەغ سېلىشنى باشقۇرۇش ئىقتىدارىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭى شەھەر رايونى) ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلىشىدا تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • باغراش كۆلى سۇ ئۈستى باغچىسى ئالقىشقا ئېرىشتى
  • نەنسەندىكى رەڭگارەڭ گۈل دېڭىزى ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى
  • نارات مەنزىرە رايونىدا يەككە كۈندە كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچىلەر سانىدا رېكورت يارىتىلدى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى