ھازىر كىشىلەرنىڭ يان تېلېفونغا قاراش قېتىم سانى بارغانسېرى كۆپىيىپ، قاراش ۋاقتى بارغانسېرى ئۇزارماقتا. ئەمما ئۇلار بۇ خىل ئادەتنىڭ مېڭىگە زور تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ. ئامېرىكا فىلورىدا داشۆسىدىكى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، يان تېلېفونغا ئۇچۇر كېلىش سەۋەبىدىن تىترىسە ياكى يان تېلېفوننىڭ قوڭغۇرىقى جىرىڭلىسا، كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى يىغىشىغا، خىزمەت ۋە باشقا مەشغۇلاتىغا كۆرۈنەرلىك تەسىر قىلىدىكەن. تەتقىقاتچىلار يەنە دائىم يان تېلېفوننى قولىدىن چۈشۈرمەي، ئۇنىڭ بىلەن ھەپىلىشىدىغانلارنىڭ تونۇش ئىقتىدارىدا مەسىلە كۆرۈلىدىغانلىقىنى، بولۇپمۇ ئۇنتۇغاقلىق، دىققىتىنى يىغالماسلىق، ئەتراپىدىكى مۇھىتنى ئېسىدىن چىقىرىشتەك ئالامەتلەرنىڭ ئېغىرلىشىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
ئەقلىي ئىقتىدارلىق يان تېلېفون دىققەتنى چېچىۋېتىدۇ
مۇھەررىر :
ئايگۈل ئابدۇللا
|
مەنبە:
شىنجاڭ گېزىتى
2018/06/04 12:12
ئەسكەرتىش:
تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.