تەڭرىتاغ تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ئەخلاق تەربىيە

مەسئۇلىيەتكە قانداق قارايسىز؟

مۇيەسسەر خېلىل

   مەسئۇلىيەت بىر خىل بۇرچ ۋە بېسىم تۇيغۇسىدۇر. كىشى ئېڭىدا بېسىم بولغاندىلا ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئىگە بولىدۇ. ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بولغاندىلا، ئارتۇقچىلىقلارنى جارى قىلدۇرغىلى بولىدۇ.

   باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، مەسئۇلىيەت بىر خىل زىممىسىگە ئېلىش، بەدەل تۆلەش دېگەنلىك بولۇپ، ئۇ بىر ئادەمنىڭ كىشىلىك تۇرمۇش قارىشى، دۇنيا قارىشى ۋە پوزىتسىيەسىنى، پىسخىكىسىنى، پىرىنسىپىنى، ئىستىلىنى، ئادىتىنى، ئىدىيەسىنى، ئەقلىي قابىلىيىتىنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ.

   مەسئۇلىيەت بىر خىل پوزىتسىيە بولۇپ، كىشى جەمئىيەتتە ياشىغان ئىكەن چوقۇم تۈرلۈك مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ، شۇنداقلا بۇ خىل مەسئۇلىيەتنى ئوخشىمىغان كەسىپ، ئوخشىمىغان قاتلام، ئوخشىمىغان ساھە، ئوخشىمىغان نۇقتىدىن تونۇشقا توغرا كېلىدۇ. مەسىلەن: پۇقرانىڭ ۋەتەن ئالدىدىكى مەسئۇلىيىتى، ئاتا – ئانىنىڭ پەرزەنت ئالدىدىكى مەسئۇلىيىتى، پەرزەنتنىڭ ئاتا – ئانا ئالدىدىكى پەرزەنتلىك مەسئۇلىيىتى، كىشىلەرنىڭ خىزمەت مەسئۇلىيىتى، شەخسنىڭ كوللېكتىپقا بولغان مەسئۇلىيىتى... دېمەك ھەربىر كىشى مانا مۇشۇنداق تۈرلۈك مەسئۇلىيەت دائىرىسىدە ياشايدۇ. شۇڭا مەسئۇلىيەت بار – يوقلۇقى بىلەن ئەمەس، ئاز – كۆپلۈكى بىلەن ئۆلچىنىدۇ.

   مەسئۇلىيەتنى قانداق ئادا قىلىش بىر خىل پوزىتسىيە مەسىلىسىدۇر. بىز مەيلى قانداق كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنايلى ياكى نېمە ئىش قىلايلى، زىممىمىزدىكى تۈرلۈك مەسئۇلىيەتنى دادىللىق بىلەن ئەستايىدىل ئادا قىلساق ئۆزىمىزدىن ئۆزىمىز رازى بولىمىز، كۆپچىلىك رازى بولىدۇ. ئەڭ مۇھىمى ئىناق، تەرەققىي تاپقان ئىجتىمائىي مۇھىت بەرپا قىلىشقا بىر كىشىلىك تۆھپە قوشالايمىز.

   مەسئۇلىيەت بىر خىل ئاكتىپ پوزىتسىيە، ئاكتىپ ئېنېرگىيەدۇر. ئۇ بىزنى داۋاملىق تىرىشىشقا، ئېغىزدىن چىققان ھەربىر ئېغىز گەپكە ئىگە بولۇشقا، ئىشلارنى ۋىجدانەن ئىشلەشكە ئۈندەيدۇ. ھەربىرىمىزنىڭ مەسئۇلىيەتكە تۇتقان پوزىتسىيەمىز ئۆزىمىز ياشاۋاتقان جەمئىيەت، كوللېكتىپنىڭ مەنپەئىتى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ.

   مەسئۇلىيەت كىچىكىمىزدىن تارتىپ ئائىلىدىن باشلاپ بىزگە سىڭىپ، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشقا بولغان چۈشەنچىمىزنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ بارغانسېرى چوڭقۇرلىشىدۇ. ئائىلىدە ئاتا – ئانىلارنىڭ ئائىلىگە، پەرزەنتلەرگە مەسئۇل بولۇش پوزىتسىيەسى بالىلارغا تەسىر كۆرسىتىش بىلەن بىللە، بالىلاردا ساغلام بەدەن بولۇش، تىرىشىپ ئۆگىنىش، توغرا دۇنيا قاراش تۇرغۇزۇش، چوڭلارنى ھۆرمەت قىلىش، كىچىكلەرنى ئاسراش، مەكتەپتە ياخشى ئوقۇغۇچى بولۇش ئېڭىنى يېتىلدۈرىدۇ. ئاتا – ئانىلار يەنە داۋاملىق يېڭى خىزمەتكە چىققان بالىلىرىغا تىرىشىپ ئىشلەپ، ۋەزىپەڭنى ياخشى ئورۇنداپ، مەسئۇلىيەتتىن قاچما دېگەندەك تەربىيەلەرنى قىلىدۇ. مانا بۇ خىل تەربىيەلەر پەرزەنتلەرنىڭ بالىلىق قەلبىدە بارغانسېرى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى يېتىلدۇرىدۇ.

   شۇنداق، شەخس ئۆزىگە مەسئۇل بولۇش بىلەن بىللە، ئۆزى ياشاۋاتقان جەمئىيەتكە، ئائىلىگە، كوللېكتىپقا مەسئۇل بولۇش پوزىتسىيەسىنى يېتىلدۈرۈشى كېرەك. چۈنكى مەسئۇلىيەتچانلىق بىر خىل ئاكتىپ پوزىتسىيە، ئىجابىي ئېنېرگىيە بولۇپ، ئالغا ئىلگىرىلەشتە ياخشى يول باشلىغۇچى بولالايدۇ. مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن قىلغان ھەرقانداق ئىشتىن ئوڭايلىقچە مەسىلە چىقمايدۇ. قولنىڭ ئۇچىدا قىلغان ئىش مەسئۇلىيەتسىز پوزىتسىيەمىزنى ئىسپاتلاپ، باشقىلار ئالدىدىكى ئىناۋىتىمىزنى سۇسلاشتۇرىدۇ.

   شۇڭا ھەرقانداق ۋاقىتتا ئۆزىمىزگە مەسئۇل بولۇش، باشقىلارغا مەسئۇل بولۇش، ئىشلەۋاتقان خىزمىتىمىزگە مەسئۇل بولۇش، ئاتا – ئانىمىز، قېرىنداشلىرىمىز، ئوماق پەرزەنتلىرىمىزگە مەسئۇل بولۇش پوزىتسىيەسى بىلەن ياشايلى، ئەڭ مۇھىمى ئۇلۇغ ۋەتەننى قۇدرەت تاپقۇزۇشقا بولغان مەسئۇلىيەت تۇيغۇمىز ھەرقاچان يادىمىزدا بولسۇن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مىنىستىرلىقى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتتى
  • قاراجۈن مەنزىرە رايونى
  • يازدىكى نېلۇپەر گۈللىرى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى