تىيانشان تورى   ›   مەخسۇس سەھىپە   ›   ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز

ئۆسۈپ يېتىلىشىمگە ھەمراھ بولغان كىتاب ئۆيۈم

ئىسلاھات، ئېچىۋىتىش يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەش . ئائىلە كىتاب ئۆيۈمدىكى ئۆزگىرىش

ھەبىبۇل راخمان

   1983 – يىلى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگىنىمنىڭ ئىككىنچى يىلى ئىدى، يېڭى توي قىلىشنىڭ شېرىن مىنۇتلىرىغا چۆمگەنىدىم. ئەينى ۋاقىتتا يېزىدا ئىشلەۋاتقان بولغاچقا، يېڭى توي قىلىپلا ئىككى ئېغىزلىق كېسەك ئۆيگە كۆچۈپ كىرگەنىدىم، بىر ئېغىزى ئاشخانا، يەنە بىر ئېغىزى مېھمانخانا ھەم ياتاق ئۆي ئىدى. يېزا بويىچە ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن بىردىنبىر زىيالىي ئىدىم، لېكىن ئۇ چاغلاردا زىيالىيلارنىڭ كىتاب ئۆيى بولماسلىق ئادەتتىكى ئىش ئىدى، ئەمما مەن ياغاچچى تەكلىپ قىلىپ، كىتاب جازىسى ياساتقىنىمدىن بەكلا خۇشال بولدۇم. شۇنىسى ھېلىمۇ ئېسىمدە، كىتاب جازىسىنىڭ ئۈستىدىكى ئۈچ قەۋىتىگە ئەينەك ئورنىتىلغان، ئاستى تەرىپى ئىشكاپ ئىدى، ئۇنى سۇس كۆك رەڭدە سىرلىتىپ ياتاق ئۆينىڭ بىر بۇلۇڭىغا تىكلەپ، ئۈستىگە بىر لوڭقا قويۇپ قويدۇم، ئۆي ئىچى بىردىنلا كۇتۇپخانا تۈسىنى ئالغاندەك بولۇپ قالدى.

   ئەمەلىيەتتە كىتاب جازىسىدا ئانچە كۆپ كىتاب يوق ئىدى، ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقاندا، ئوقۇتقۇچىمىز سۆزلىگەن دەرسلىك كىتابلار ۋە بىر پارچە ‹‹شىنخۇا لۇغىتى›› بار ئىدى، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ قىممەتلىكى مەكتىپىمىز شېئىرىيەت ئۇيۇشمىسىدىكىلەر شاپىگرافتا باسقان بىرقانچە پارچە ‹‹سەھەر گۈلى›› ژۇرنىلى ئىدى. ئۇنىڭ قىرلىرى پۈرۈلگەن، رەڭگى سارغايغان، خەتلىرى ئۆچۈپ كېتەي دېگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ ئالىي مەكتەپتە ئۆتكۈزگەن ياشلىق چاغلىرىمنىڭ ئۇنتۇلغۇسىز گۇۋاھچىسى ئىدى. ھەر قېتىم ئۇنى كىتاب جازىسىدىن ئېلىپ سىياھ پۇرىقىنى پۇرىساملا، يېزىقچىلىق ئىلھامىم قوزغىلىپ كېتەتتى. ياتاق ئۆيۈمنىڭ بۇلۇڭىدا جىمجىت تۇرغان كىچىككىنە كىتاب جازام، ئەمەلىيەتتە كۆپرەك كىتاب ئوقۇپ، ياخشى كىتابلارنى ئوقۇپ، كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۆزۈمنىڭ كىتابىنى چىقىرىشتەك ئارزۇيۇمنىڭ مەنبەسى ئىدى.

   1988 – يىلىنىڭ ئاخىرىدا يېزىدىن ئۈرۈمچىگە كۆچۈپ كەلدىم، ئاۋۋال نەنمېندىكى شىنخۇا كىتابخانىسىنىڭ كەينىدىكى چوڭ قورۇدا تۇردۇم، تۇرۇۋاتقىنىم كېسەك ئۆي بولسىمۇ، بىراق ئىلگىرىكىدىن بىر ئېغىز ئۆي ئارتۇق ئىدى، كىتاب جازىسى ياتاق ئۆيدىن مېھمانخانا ئۆيگە كۆچۈپ كىردى، ئەينەكلىرىنى پاكىز سۈرتۈپ پارقىرىتىۋېتەتتىم، كىتابلار رەتلىك تىزىلغانىدى، ئۆيگە مېھمان كەلگەندە، مېھمانلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭدىن بىرەر پارچە كىتابنى ئېلىپ ۋاراقلاپ كۆرەتتى. كېيىنچە جازىدىكى كىتابلارنىڭ تۈرى ئاز – تولا كۆپىيىپ، سانىمۇ بىرقانچە ھەسسە قاتلىنىپ ئۇنىڭغا پاتماي قالدى. ئۇ چاغدىكى تۇرمۇشۇمنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى خىزمەت بىلەن ئالدىراش بولۇش، خوتۇنۇمغا ياردەملىشىپ بالا بېقىش ۋە خۇددى ئېچىرقاپ كەتكەن كىشىدەك باش چۆكۈرۈپ كىتاب ئوقۇش ئىدى.

   ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90 – يىللىرىنىڭ باشلىرىدا، يەنە بىر قېتىم ئۆي كۆچتۈم، ئەمەلىيەتتە شەھەر ئىچىدىن شەھەر ئەتراپىغا كۆچۈپ، كۆپلىگەن مال – مۈلۈكنى تاشلاپ، بىرلا كىتاب جازىسى، بىرقانچە يەشىك كىتابنى ئېلىپ كەتتىم. تۇرۇۋاتقىنىمىز يەنىلا ئاددىي بىر قەۋەتلىك ئۆي بولسىمۇ، لېكىن يېزا ئۆيلىرىدەك يامغۇر ياغسا تامچە ئۆتىدىغان، يەر تەۋرىسە ئۆرۈلۈپ چۈشىدىغان ئۆي بولماستىن، بەلكى بېتون قۇرۇلمىلىق ئۆي ئىدى. كىتاب جازىسىنى مېھمانخانا ئۆيىمىزنىڭ كۆزگە بەكرەك چېلىقىدىغان جايىغا قويدۇق، ئازراق بوش ۋاقىت چىقسىلا كېيىنكى يېزىقچىلىقىمغا ئاساس سېلىش ئۈچۈن كىتاب كۆرەتتىم، خاتىرە قالدۇراتتىم. كىتاب جازىسىغا كىتابلىرىم پاتماي قالدى، يېزىق ئۈستىلى، كارىۋاتنىڭ بېشى، ھەتتا دېرىزە تەكچىسىگىمۇ كىتابلارنى دۆۋىلەپ قويدۇم، گەرچە قالايمىقانراق بولسىمۇ، كىتابلار قولغا يېقىن، كۆرۈشكە قولاي ئىدى. خىزمەتنىڭ ئالدىراشلىقى سەۋەبلىك يېزىقچىلىقىم ئازايدى، ئەمما كىتابنى جىق كۆردۈم، چۈنكى ھەر ئىككى – ئۈچ كۈندە بىر قېتىم كىتابخانىغا بېرىپ، كۆڭلۈمگە ياققان كىتابلارنى سېتىۋالاتتىم. ئوقۇيدىغان كىتابلىرىمنىڭ دائىرىسىمۇ بارغانسېرى كېڭەيدى، ئەدەبىي كىتابلاردىن باشقا يەنە تارىخ، مەدەنىيەت، ئادىمىيەت، ئۆرپ – ئادەت تۈرىدىكى كىتابلارنىمۇ ئوقۇيتىم، ھەتتا ئالىي مەكتەپكە ئۆتكەن ۋاقتىمدا، ماڭا خۇش خەۋەر ئېلىپ كەلگەن خەرىتە توپلىمىدىنمۇ بىرقانچە يۈرۈش سېتىۋالدىم، بۇنداق خەرىتىلەر ئون نەچچە پارچىگە يەتتى.

   1993 – يىلى كۈزدە كەپە ئۆيدىن بىنا ئۆيگە كۆچتۇق، ئۆينىڭ كۆلىمى كىچىكرەك بولغاچقا، ئىككى بالامنىڭ ئۆگىنىشىگە قولاي بولسۇن ئۈچۈن، كىتاب جازىسىنى كۆزۈم قىيمىسىمۇ ۋاقتىنچە بالكونغا ئەپچىقىپ قويدۇق. مەن ھەرقانچە ھېرىپ – چارچىساممۇ كىتاب جازىسىدىكى كىتابلارنى يەڭگۈشلەپ تۇراتتىم، كۆرۈپ بولغانلىرىمنى ئېلىۋېتىپ، ئورنىغا يېڭى كىتابلارنى سەپلەيتىم، كىتابلاردىن باشقا يەنە ‹‹شېئىرلار››، ‹‹ئايلىق ھېكايىلەر›› ۋە ‹‹نەسىرلەر›› دېگەندەك بىرقانچە خىل ژۇرنالمۇ كۆپەيگەنىدى، بۇلارنى كۆرۈشتىكى مەقسىتىم ئۇلار ئارقىلىق مەملىكەتنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت يۆنىلىشىنى ئىگىلەپ، ئۆزۈمنىڭ يېزىقچىلىقىغا تەييارلىق كۆرۈش ئىدى.

   2002 – يىلى مەن يەنە بىر قېتىم كۆپ قەۋەتلىك بىنانىڭ 3 – قەۋىتىگە كۆچتۈم، كىشىنى خۇشال قىلىدىغىنى شۇكى، بۇ قېتىمقى ئۆيىمىزنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقى بىزگە تەۋە ئىدى، شۇڭا بىز نۇرغۇن كىتاب سىغىدىغان، بىر تامغا لىق كەلگۈدەك كىتاب جازىسى ياساتتۇق. يەنە ‹‹ليەنشياڭ›› ماركىلىق كومپيۇتېر ئېلىپ ئوغلۇمنىڭ ئۆيىگە قويۇپ بەردىم. ۋاقىت تاپساملا، ‹‹ئۇۋىسىغا قايتقان قۇشتەك›› كومپيۇتېر ئالدىدا ئولتۇرۇپ، خۇددى كالا ھارۋا سۆرىگەندەك ئالدىرىماي خەت ئۇراتتىم، سۈرئىتىم ئاستا بولسىمۇ، ئەمما ماقالا يېزىشىمغا تەسىر كۆسىتەلمەيتتى. كېيىن بالىلىرىم ئارقا – ئارقىدىن بېيجىڭدىكى ئالىي مەكتەپكە ئوقۇشقا كەتتى، بۇ ئۆي مېنىڭ ھەقىقىي مەنىدىكى كىتاب ئۆيۈمگە ئايلاندى، كومپيۇتېردا يېزىقچىلىق قىلىش سۈرئىتىممۇ خېلىلا تېزلەشتى، مائۇسنى بىرلا باسسام، ماقالىلىرىم خۇددى قانات چىقارغان قۇشتەك ھەر تەرەپكە ئۇچاتتى، پات – پات خۇش خەۋەرلەرمۇ كېلىپ تۇراتتى. بۇنداق تېز، قولاي بولۇشنى ئىلگىرى ئويلاشقىمۇ پېتىنالمايتىم، ئۆزگىرىشنىڭ چوڭلۇقىغا كىشى يېتىشەلمەيلا قالاتتى.

   2012– يىلىغا كەلگەندە تۇرالغۇ شارائىتىمىزدا يەنە بىر قېتىم چوڭ ئۆزگىرىش بولدى، كۆپ قەۋەتلىك بىنادىن ئېگىز بىناغا كۆچتۈم، كىتاب ئۆيۈم ئايرىم ئىدى، كىتاب جازىسىمۇ يېپيېڭى ئىدى، ئۈستى ئۈچ قەۋەت ئەينەكلىك جازا، ئاستى ئىشكاپ بولۇپ يۈرۈشلۈك ئىدى، ئېگىزلىكى ئادەم بويىدىن ئاشىدىغان بولۇپ، ناھايىتى ھەشەمەتلىك ئىدى. كىتاب جازىسىدىكى كىتابلار لىققىدە بولۇپ، يۇمشاق مۇقاۋىلىق، قاتتىق مۇقاۋىلىق، قەدىمكى ۋە ھازىرقى كىتابلار بار ئىدى، بەزى كىتابلار ئالاھىدە زىننەتلەنگەن، لايىھەلىنىشى ئاجايىپ ھەيۋەتلىك بولۇپ، قولىغا ئالغان كىشىنىڭ قويۇپ قويغۇسى كەلمەيتتى. بۇ كىتابلارنىڭ كۆپىنچىسى چوڭ – چوڭ توملۇق قورال كىتابلار ئىدى. ئالايلۇق، ئېغىر، قېلىن، ئىچىدىكى مەزمۇنلار شۇ قەدەر تولۇق، كىشىگە مول بىلىم بېرىدىغان ‹‹ئوكيانۇس››  مېنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇستازىمغا ئايلانغانىدى. كىتابلارنىڭ ئارىسىدا يەنە ئەدەبىيات ساھەسىدىكى ئالەي، جۇۋ تاۋ، ليۇ لياڭچېڭ قاتارلىق داڭلىق يازغۇچى، شائىرلار سوۋغا قىلغان بازىرى ئىتتىك، تەسىرى چوڭقۇر كىتابلارمۇ بار ئىدى. بۇ كىتابلارنى ئوقۇپ مول ئوزۇق ئالاتتىم. ماڭا نىسبەتەن ئېيتقاندا، كىتاب ئۆيۈم ئەمەلىيەتتە مېنىڭ يۈرەك دالانچەم بولۇپ، كېچە – كۈندۈز كىتاب ئوقۇش ۋە ئويلىنىش بارلىق ئۈمىدلىرىم، ئىنتىلىشىم ۋە ئارزۇيۇمنىڭ ھەممىسىنى قەدەممۇقەدەم ئىشقا ئاشۇرۇشۇمغا ياردەم بېرىپ كەلگەنىدى.

   مېنى ئەڭ پەخىرلەندۈرىدىغىنى شۇكى، ‹‹كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۆزۈمنىڭ كىتابىنى يېزىپ چىقىش›› ئارزۇيۇم ئاخىر رېئاللىققا ئايلاندى، ئارقا – ئارقىدىن نەشىردىن چىققان نەسىرلەر توپلىمىم، ھېكايىلەر توپلىمىم كىتاب جازامدىكى كىتابلىرىمنىڭ كۆزگە چېلىقىدىغان جايىغا قىستۇرۇلدى، ئۇلارنى ئارىلاپ – ئارىلاپ ئېلىپ كۆرۈپ، ئىچىدىكى مەزمۇنلارنى ئوقۇپ، ۋاقىتنى بىكار ئۆتكۈزمىگەنلىكىمنى ھېس قىلىپ، داۋاملىق غەيرەتكە كېلىپ، يەڭنى تۈرۈپ ئوقۇرمەنلەرگە ياقىدىغان ئەسەرلەرنى يېزىش ئىستىكىگە كېلىمەن.

   ئەينى ۋاقىتتىكى كىتاب جازام ھازىرقى كىتاب ئۆيۈمدۇر. مەن ئەينى يىللاردىكى كىتاب ئوقۇشنى ياخشى كۆرىدىغان ھاماقەت ‹‹زىيالىي››دىن بۈگۈنكى كۈندىكى جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسىغا ئايلاندىم. نۇرغۇن كىتابلارنى چىقاردىم، كۆپلىگەن مۇكاپاتلارغا ئېرىشتىم، بەلگىلىك تەسىر قوزغىدىم. مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ‹‹ئوقۇرمەنلىرىم›› ماڭا پات – پات خەت يازىدۇ، تېلېفون بېرىدۇ، ئۈندىدار دوستلار چەمبىرىكىدە ئەسەرلىرىمگە باھا بېرىدۇ، سۆز قالدۇرىدۇ، مەن بىلەن پىكىرلىشىدۇ، بەزىلىرى ھەتتا ئۆز قەلىمىم بىلەن ئىمزا قويغان بىرەر پارچە ئەسىرىمگە ئېرىشىش ئۈمىدى بارلىقىنى ئېيتىدۇ، ئوقۇرمەنلىرىمنىڭ بۇنداق قىزغىنلىقىنى كۆرۈپ، يېزىقچىلىق شۇنچىلىك جاپالىق بولسىمۇ، يەنىلا ئۇنىڭغا ئۆزۈمنى بېغىشلاشنى خۇشاللىق، بەخت دەپ بىلىمەن.
 

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى