تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچىنى كۈچەپ ئۇرغۇتايلى

ــ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىككى ئاكادېمىيەنىڭ ئاكادېمىكلار يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى توغرىسىدا (4)

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

  يېڭىلىق يارىتىش كەلگۈسىنى بەلگىلەيدۇ، ئىسلاھ قىلىش دۆلەتنىڭ تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك.

   ‹‹پەن – تېخنىكا تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسىنىڭ ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچىنى كۈچەپ ئۇرغۇتۇش كېرەك››. جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ 19 – قېتىملىق ئاكادېمىكلار يىغىنى، جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسىنىڭ 14 – قېتىملىق ئاكادېمىكلار يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلىپ، پەن – تېخنىكا تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدا يەنىمۇ ئورۇنلاشتۇرۇش قىلدى، پەن – تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش سىياسىتى ۋە تۈزۈم قۇرۇلۇشى توغرىسىدا ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، پەن – تېخنىكا تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، 1 – ئىشلەپچىقىرىش كۈچى بولغان پەن – تېخنىكىغا مۇجەسسەملەنگەن غايەت زور يوشۇرۇن ئىقتىدارنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئازاد قىلىپ ۋە قوزغىتىپ، ئېلىمىزنىڭ پەن – تېخنىكا ئەمەلىي كۈچى ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈشكە كۈچلۈك تۈرتكە بولىدۇ.

   پەن – تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى دۆلىتىمىز تەرەققىياتىدىكى يېڭى موتورغا ئوخشاتساق، ئۇنداقتا ئىسلاھات مۇشۇ يېڭى موتورنى ھەرىكەتلەندۈرۈشتە كەم بولسا بولمايدىغان ئوت ئالدۇرۇش سىستېمىسىدۇر. پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پەن – تېخنىكا تۈزۈلمە ئىسلاھاتىدا ئومۇميۈزلۈك كۈچەپ، كۆپ نۇقتىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، تەرەققىياتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پەن – تېخنىكا تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنىڭ ئاساسىي رامكىسىنى تۇرغۇزۇپ، مۇھىم ساھە ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلاردىكى ئىسلاھاتتا ماھىيەتلىك بۆسۈش ھاسىل قىلدى. يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇش سىستېمىسىنىڭ ئىقتىدارىنى بىرىكتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، پەن – تېخنىكا ۋە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات يوللىرىنى  راۋانلاشتۇرۇپ، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز قوزغاپ، دىققەتنى يېڭىلىق يارىتىش ئامىللىرىغا مەركەزلەشتۈرۈشنى تېزلىتىپ، دۆلەتنىڭ يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسىنىڭ ئومۇمىي ئۈنۈمىنى ئۆستۈردى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بىز پەن – تېخنىكا ئىشلىرىدا تارىخىي خاراكتېرلىك، ئومۇمىي خاراكتېرلىك، ئەندىزە خاراكتېرلىك زور ئۆزگىرىشلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پەن – تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ يېتەكچىلىك رولىنى تېخىمۇ يۇقىرى قاتلام، تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە جارى قىلدۇرالىشىمىزنىڭ سەۋەبى  پەن – تېخنىكا تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنىڭ كۈچلۈك يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچىنى قوزغاتقانلىقىدا.

   پەن – تېخنىكا ساھەسى ئۈزلۈكسىز ئىسلاھ قىلىشقا ئەڭ ئېھتىياجلىق ساھە. ھازىر دۆلىتىمىزنىڭ پەن – تېخنىكا تۈزۈلمە ئىسلاھاتى يەنە ھەل قىلىشقا تېگىشلىك بەزى گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە دۇچ كەلمەكتە. بۇنىڭ ئىچىدە دۆلەتنىڭ يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسىنىڭ ئومۇمىي ئۈنۈمى تېخى كۈچلۈك بولماسلىق، پەن – تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بايلىقى تارقاق بولۇش، تەكرارلىنىش، تۆۋەن ئۈنۈملۈك بولۇش مەسىلىلىرى بولۇپ، ‹‹تۈرى كۆپ بولۇش، قالپىقى كۆپ بولۇش، ماركىسى كۆپ بولۇش›› ھادىسىلىرى مەۋجۇت، پەن – تېخنىكا سېلىنمىسىنىڭ ئۈنۈمى تۆۋەن، پەن – تېخنىكا نەتىجىلىرىنى يۆتكەش – ئايلاندۇرۇش، كەسىپلەشتۈرۈش، بازار قىممىتىنى يارىتىش ئىقتىدارى يېتەرلىك ئەمەس؛ ئالاقىدار ساھەلەر ئىسلاھاتىنىڭ ئىلگىرىلىشى ئومۇمىي ئىلگىرىلەشتىن ئارقىدا قېلىشتەك مەسىلىلەر مەۋجۇت بولۇپ، ئاساسلىقى پەن تەتقىقات يۇرتى، ئورۇنلىرىنىڭ ئىسلاھاتى، پەن – تېخنىكا بىلەن پۇل مۇئامىلىنى بىرلەشتۈرۈش مېخانىزمىنى ئورنىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش، يېڭىلىق يارىتىشچان ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش قاتارلىق ساھەلەردە گەۋدىلىنىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، پەن تەتقىقات خادىملىرىنىڭ ئىجادىي پەن – تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى قانات يايدۇرۇش ئاكتىپلىقى تېخى تولۇق قوزغىتىلغىنى يوق. بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا، پەن – تېخنىكا تۈزۈلمە ئىسلاھاتىدا قىيىنچىلىقنى يېڭىشكە، خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىشقا، قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈشكە جۈرئەت قىلىپ، پەن – تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان بارلىق ئىدىيەۋى توسالغۇ ۋە تۈزۈم قاشالىرىنى بۇزۇپ تاشلاش كېرەك.

   پەن – تېخنىكا تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئورۇنلاشتۇرما ۋە تەلىپىگە ئاساسەن، پەن – تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىشتىن ئىبارەت ‹‹قوش قوزغىتىش››تا چىڭ تۇرۇپ، دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك پەن – تېخنىكا كۈچىنى كۈچەيتىپ، دۆلەت يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسىنىڭ ئومۇمىي ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسىنى يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەشنى ئەلالاشتۇرۇپ ۋە كۈچەيتىپ، كارخانا، ئالىي مەكتەپ، پەن تەتقىقات يۇرتى، ئورۇنلىرى قاتارلىق يېڭىلىق يارىتىش سۇبيېكتلىرىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش قىزغىنلىقى ۋە ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، يادرولۇق تېخنىكا ئىقتىدارى گەۋدىلىك، توپلانما يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى كۈچلۈك بىر تۈركۈم ئىجادچان، باشلامچى كارخانىلارنى يېتىشتۈرۈش كېرەك. دۆلەتلىك تەجرىبىخانىلارنى يۇقىرى ئۆلچەمدە قۇرۇپ، ئۇلۇغۋار ئىلىم – پەن پىلانى، ئۇلۇغۋار ئىلىم – پەن قۇرۇلۇشى، چوڭ ئىلىم – پەن مەركىزى، خەلقئارا پەن – تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بازىسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئەلالاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. بازارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، بايلىقنى تەقسىملەشتىكى ھەل قىلغۇچ رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇشنى، قوللىنىشنى تېزلىتىپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش قانۇن ئىجراسىنىڭ سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، كىشىلەرنىڭ ئىجادىي پائالىيىتىنى نامۇۋاپىق خىراجەت باشقۇرۇش، ئىختىساسلىقلارنى باھالاش قاتارلىق تۈزۈلمىدىن ئازاد قىلىش كېرەك. بىز مەسىلىنى يۆنىلىش، ئېھتىياجنى يېتەكچى قىلىپ، ئەمەلدە كۆرسىتىشنى ۋاسىتە قىلىشتا، تۈزۈم جەھەتتە ئورۇنلاشتۇرۇشتا، سىياسەت جەھەتتە كاپالەتلەندۈرۈشتە، مۇھىت يارىتىشتا يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ھەممەيلەن كۈچەپ، يېڭىلىق يارىتىش سۇبيېكتى، يېڭىلىق يارىتىش ئاساسى، يېڭىلىق يارىتىش بايلىقى، يېڭىلىق يارىتىش مۇھىتى قاتارلىق جەھەتلەرگە سىجىل كۈچىسەكلا، يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچىنى، تەرەققىيات يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى جەزمەن تولۇق قوزغىتالايمىز.

   ئىسلاھ قىلغۇچىلارلا ئىلگىرىلەيدۇ، يېڭىلىق ياراتقۇچىلارلا قۇدرەت تاپىدۇ، ئىسلاھاتتا يېڭىلىق ياراتقۇچىلارلا غەلىبە قىلىدۇ. پەن – تېخنىكا تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىشقا توسقۇنلۇق قىلىدىغان تۈزۈلمە – مېخانىزم توسالغۇلىرىنى قەتئىي تۈگىتىپ، بارلىق يېڭىلىق يارىتىش مەنبەلىرىنى تولۇق قوزغاتساقلا، بىز جەزمەن تېپىلغۇسىز تارىخىي پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، كۈنسېرى كەسكىنلىشىۋاتقان دۇنيا پەن – تېخنىكا رىقابىتىدە ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىيەلەيمىز.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 – ئاينىڭ 31 – كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى