تەڭرىتاغ تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

باش شۇجى كۆرسىتىپ بەرگەن يۆنىلىشنى بويلاپ قەتئىي تەۋرەنمەي ئالغا ئىلگىرىلەيلى

مەركەزنىڭ 2–قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغانلىقىنىڭ تۆت يىللىقى توغرىسىدا چاتما ئوبزور (4)

«شىنجاڭ گېزىتى» ئوبزورچىسى


    مەركەزنىڭ 2-قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغاندىن بۇيان، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىدا يېڭى نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، ئومۇملۇق مۇقىم، ۋەزىيەت كونترول قىلىنغان، ۋەزىيەت ياخشىلىنىشقا يۈزلەنگەن ھالەت بارلىققا كەلدى. بۇ نەتىجىلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشى تۈپ جەھەتتىن يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىنىڭ، سەمىمىي غەمخورلۇقىنىڭ بولغانلىقىدىن، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىدىن ئىبارەت نەزەرىيەۋى قورال، ئىلمىي كۆرسەتمىنىڭ بولغانلىقىدىن بولدى.
    باش نىشان  يېتەكچى، بايراق، يۆنىلىش. پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىدا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى پارتىيەنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى قىلىپ بېكىتىلدى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىش  ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرمىللەت كادىرلار، ئامما چوقۇم ياخشى مېڭىشقا تېگىشلىك يېڭى ئۇزۇن سەپەر، شۇنداقلا چوقۇم ياخشى جاۋاب بېرىشقا تېگىشلىك يېڭى دەۋرنىڭ ئىمتىھان سوئالى، چىڭ تۇتۇپ قەتئىي بوشاشماسلىق روھى بىلەن قەتئىي تەۋرەنمەي باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆرسىتىپ بەرگەن يۆنىلىشنى بويلاپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىشىمىز كېرەك.
    باش شۇجى كۆرسىتىپ بەرگەن يۆنىلىشنى بويلاپ قەتئىي تەۋرەنمەي ئالغا ئىلگىرىلەشتە، باش نىشان ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، باش نىشاننى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز كېرەك. باش شۇجى ئېنىق قىلىپ: يېڭى ۋەزىيەتتە، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ كۆزلەش ۋە كۈچەش نۇقتىسىنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىككە قويۇش كېرەك، دەپ كۆرسەتتى. ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانى شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ ‹‹يىلتىزى›› ۋە ‹‹روھى››، بىز ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشنى باشتىن-ئاخىر ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان سىياسىي ۋەزىپە، تەيشەن تېغىدىنمۇ ئېغىر سىياسىي مەسئۇلىيەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ‹‹بىرىكمە مۇشت››نى ياخشى ئېتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي ئومۇملۇقىنىڭ ئۇزاققىچە ئىناق، مۇقىم بولۇشىغا پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك.

    باش شۇجى كۆرسىتىپ بەرگەن يۆنىلىشنى بويلاپ قەتئىي تەۋرەنمەي ئىلگىرىلەشتە، خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرۇشىمىز كېرەك. باش شۇجى كۆپ قېتىم خەلق تۇرمۇشىغا يېقىنلىشىپ، تەرەققىياتنى تۇتۇش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى. بىز ئاممىنىڭ ‹‹ھەميان››ىنى پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن تومپايتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ ‹‹ياخشى يولى››نى كۈچەپ توغرا تېپىپ، خەلقنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنىڭ ‹‹تۇتقىسى››نى پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن چىڭ تۇتۇپ، ھەم چامىمىزنىڭ يېتىشىچە ئىشلەپ، ھەم مادارىمىزغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، ئىشنى ئىشقا ئۇلاپ بېجىرىپ، يىلنى يىلغا ئۇلاپ ئىشلەپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ كۈنسېرى ئېشىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىسىغا پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقى ۋە ۋەتىنىمىز چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئىللىقلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇشىمىز كېرەك.
    باش شۇجى كۆرسىتىپ بەرگەن يۆنىلىشنى بويلاپ قەتئىي تەۋرەنمەي ئىلگىرىلەشتە، مىللەتلەرنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى بايرىقىنى باشتىن-ئاخىر ئېگىز كۆتۈرۈشىمىز كېرەك. باش شۇجى: مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى  ھەر مىللەت خەلقنىڭ جان تومۇرى، دەپ كۆرسەتتى. بىز مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى چىڭ تۇتۇپ، ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتى، ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش››، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ‹‹تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى›› پائالىيىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ، مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، ئارىلىشىشىنى كۈچەيتىپ، مىللەتلەرنىڭ ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، زېھىن ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىي قىلىپ ئىلگىرىلىشىدىكى كۈچلۈك ئۇل تاشنى بەرپا قىلىشىمىز كېرەك.
    باش شۇجى كۆرسىتىپ بەرگەن يۆنىلىشنى بويلاپ قەتئىي تەۋرەنمەي ئىلگىرىلەشتە، پارتىيەنى تېخىمۇ قۇدرەتلىك قىلىپ قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك. باش شۇجى: پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى كۈچلۈك سىياسىي، ئىدىيەۋى، تەشكىلىي كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك، دەپ كۆرسەتتى. بىز ئاساسىي قاتلامنى تۇتۇش، ئۇل سېلىشنى شىنجاڭنى مۇقىم قىلىش-گۈللەندۈرۈشنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك پىلانى ۋە ئاساسنى مۇستەھكەملەيدىغان تەدبىر قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تىرىشىپ ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىدىغان، مۇقىملىقنى قوغدايدىغان، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرىدىغان كۈچلۈك جەڭگىۋار قورغان قىلىپ قۇرۇپ چىقىشىمىز؛ پارتىيە ئۆزىنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامى ۋە سىياسىي قائىدىسىگە قەتئىي بويسۇنۇپ، ‹‹تۆت ئاڭ››نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن باشتىن-ئاخىر يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلىشىمىز؛ بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئىنتىزامىنى چىڭىتىپ، باشتىن – ئاخىر بايرىقىمىزنى روشەن، مەيدانىمىزنى مۇستەھكەم قىلىپ، ‹‹تۆت خاھىش، تۆت كەيپىيات››نى قەتئىي تۈزىتىشىمىز؛ ئىستىل قۇرۇلۇشى ئارقىلىق ئامما بىلەن بولغان قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ شىنجاڭدىكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئۇلىنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلىشىمىز كېرەك.
    يېڭى دەۋر، يېڭى بۇرچ، يېڭى مۇساپە. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ شىنجاڭدا چوڭقۇر يىلتىز تارتىشىغا، چېچەكلەپ مېۋە بېرىشىگە قەتئىي تەۋرەنمەي تۈرتكە بولۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تاپشۇرۇقىنى جەزمەن ئېسىمىزدە چىڭ ساقلاپ، باش نىشاننى يېتەكچى قىلىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەردە جان پىدالىق بىلەن يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، تىرىشىپ ئىتتىپاق-ئىناق، ئاۋات-باي، مەدەنىي-ئالغا باسقان، خاتىرجەم ياشايدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى ياخشى پۈتەيلى.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • فىلىم: يېشىل سەددىچىن سېپىلى — كۆكيار
  • قوشماقلاشقان تۇغقانلار فوتو سۈرەت كۆرگەزمىسىدە
  • كۈز ئايلىرىدا گۈزەل تۈسكە كىرگەن قايدۇ دەرياسى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى