تەڭرىتاغ تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

شەرقىي فۇجيەننىڭ ئۇسۇلىنى پۈتۈن مەملىكەتتە ئۆرنەك قىلىشقا بولىدۇ

نۇر گېزىتى ئوبزورچىسى


    بىر لايىھەنى ئاخىرغىچە يولغا قويۇپ، 30 يىلدا بىر-بىرلەپ ئىشقا ئاشۇرۇش. فۇجيەن نىڭدېنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش مۇساپىسى شەرقىي فۇجيەننىڭ تارىخى، شۇنداقلا جۇڭگونىڭ ھېكايىسى.
    يولداش شى جىنپىڭ 1988-يىلىدىن 1990-يىلىغىچە نىڭدېدا خىزمەت قىلغان. نىڭدېدا ھۆكۈمەت ئىشلىرىغا مەسئۇل بولۇپ ئىشلىگەن ئىككى يىلدا، شى جىنپىڭنىڭ قەدىمى شەرقىي فۇجيەننىڭ ھەر قايسى ناھىيەلىرىگە يەتكەنىدى، شى جىنپىڭ تاشيول تۇتاشمىغان چەت، يىراق تاغلىق كەنتلەرگە نەچچە قېتىم چوڭقۇر چۆكۈپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، «تامچە سۇ تاشنى تېشەر»، «ئاجىز قۇش بالدۇر ئۇچار» دېگەن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئىدىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ھەر يەرنىڭ ئەمەلىيىتىگە قاراپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش فاڭجېنىنى تۈزۈپ، «خەلق بىلەن قەلبداش بولۇش»تەك كادىرلار ئىستىلىنى يېتىلدۈرۈپ، «تۆتنى ئاساسىي قاتلامغا چۈشۈرۈش» خىزمەت ئەنئەنىسىنى قالدۇردى. نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ئىدىيەسى شەرقىي فۇجيەن زېمىنىدا چوڭقۇر ئورنىدى؛ بۇ ھەقتىكى ھېكايىلەر ھازىر نىڭدېدا ئېغىزدىن  - ئېغىزغا كۆچۈپ تارقالدى؛ ئۇزاققىچە تۆھپە قوشۇش روھى نىڭدېغا نەچچە ئون يىلدىن بۇيان ئىستراتېگىيەلىك ئىرادە ئاتا قىلدى.

    بۇ 30 يىلدا يېزىلغان جۇڭگو ھېكايىسى نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىيلىكى ۋە ئەمەلىيەت كۈچىنى جانلىق نامايان قىلدى. شەرقىي فۇجيەن زېمىنىدىن جۇڭگو زېمىنىغىچە، ‹‹تاغدا ياشىسا تاغقا تايىنىپ، تاغ ناخشىسى ئېيتىش، باغدا ياشىسا باغقا تايىنىپ، باغنى كۈيلەش››تىن بۈگۈنكى نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەشكىچە، ‹‹خەلق بىلەن قەلبداش بولۇش››تىن ھازىرقى خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇشقىچە كىشىلەر ھازىرقى نامراتلارنى يۆلەش-ئېچىش ئىستراتېگىيەلىك ئىدىيەسىنىڭ مەنبەسى، تەرەققىياتى، ئەمەلىيىتىنىڭ سىناقتىن ئۆتكەن مۇساپىسىنى ئېنىق كۆردى. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، دەل جايىدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى يولغا قويۇپ، 60 مىليوندىن كۆپرەك كىشىنى نامراتلىقتىن مۇقىم قۇتۇلدۇرۇشتەك ھەل قىلغۇچ تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇردى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ سالمىقى ئەڭ زور، كۆلىمى ئەڭ كەڭ، تەسىرى ئەڭ چوڭقۇر بولۇپ، تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن، جۇڭگونىڭ نامراتلارنى يۆلەش تارىخىدا ئابىدە تىكلەپلا قالماي، يەنە كىشىلەر جەمئىيىتى تەرەققىيات تارىخىغا كىرگۈزۈشكە دۇنياۋى خاراكتېرلىك تۆھپە قوشتى. شەرقىي فۇجيەننىڭ تەجرىبىسىدىن جۇڭگونىڭ ئەمەلىيىتىگىچە تارىخ شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ مەۋقەنى دەۋر ئاساسىغا قويۇپ، دەۋر سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەنلىكىدەك ئىلمىي كۈچنى ئىسپاتلىدى.
    بۇ 30 يىلدا يېزىلغان جۇڭگو ھېكايىسى بىزگە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى ياخشى قىلىش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشنىڭ ئىرادىسى ۋە ئىشەنچىنى ئاتا قىلدى. شەرقىي فۇجيەننىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش مۇۋەپپەقىيەتلىرى ئىلمىي فاڭجېن، توغرا يۆنىلىش ئاساسىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىدىيەۋى، نەزەرىيەۋى ۋە مەنىۋى بايلىقى ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن، شۇنداقلا نىڭدې خەلقىنىڭ نىشان بېكىتىپ، ئۇزاققىچە كۈچەش غەيرىتىدىن كەلگەن. ھازىردىن باشلاپ 2020 – يىلىغىچە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ھەل قىلغۇچ مەزگىلى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ ھەل قىلغۇچ باسقۇچىدا ئىلگىرىلىگەنسېرى ‹‹ئەڭ ئېغىر مەسئۇلىيەت››، ‹‹ئەڭ قاتتىق سۆڭەك››كە تېخىمۇ دۇچ كېلىمىز. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتى ئىشەنچنى چىڭىتىپ، مەسئۇلىيەتنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىسىگە ئېلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى زىممىسىگە ئالغاندىلا، نامرات رايونلاردىكى ئامما نىشان بېكىتىپ، ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىپ، ‹‹بىرمۇ نامرات ئائىلىنى چۈشۈرۈپ قويماسلىق، بىرمۇ نامرات ئاممىنى چۈشۈرۈپ قويماسلىق›› نىشانىغا يەتكەندىلا، ئاخىرقى نىشانغا يەتكىلى بولىدۇ.
    ئەمەلىيەت ھەقىقەتنى سىنايدۇ، تارىخ كەلگۈسىنى يورۇتىدۇ. شەرقىي فۇجيەننىڭ 30 يىللىق مۇساپىسى ئىسپاتلىغىنى ئىدىيە، يەتكۈزگىنى كۈچ، بېغىشلىغىنى ئىشەنچ، تەمىنلىگىنى تارىخىي نەزەر دائىرە. بۇ سىناق ئېتىزىدا بارلىققا كەلگەن مول مېۋىلەر ھازىرقى كىشىلەرنى قۇرۇق خىيال قىلماي، قۇرۇق نام – ئاتاققا بېرىلمەي، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، خەلقنى مەركەز قىلىش تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرغاندىلا، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تارىخىي تەرەققىياتىدا تۇنجى قېتىم ئېغىر نامراتلىقنى تۈگىتىشتىن ئىبارەت بۇ ئۇلۇغ ئىشنى تاماملاپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا خەلقنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشەلەيدىغانلىقىمىزنى، تارىخنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغانلىقىمىزنى ئۈزلۈكسىز ئۇقتۇردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • باغراش كۆلى سۇ ئۈستى باغچىسى ئالقىشقا ئېرىشتى
  • نەنسەندىكى رەڭگارەڭ گۈل دېڭىزى ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى
  • نارات مەنزىرە رايونىدا يەككە كۈندە كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچىلەر سانىدا رېكورت يارىتىلدى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى