تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   خانىم-قىزلار

«قارا باش» لارنى تەبىئىي تازىلاش ئۇسۇلى

    يۈزنىڭ T رايونى (پىشاينە، بۇرۇن، ئېڭەك) دىكى مايلار تېخىمۇ كۆپ ئاجرىلىپ چىقىدىغان پەسىل يېتىپ كەلدى. بۇرنىڭىزدىكى «قارا باش» (黑头) لاردىن بىزارلىق ھېس قىلىۋاتامسىز؟ «قارا باشنى يوقۇتۇش چاپلىقى» نى ئىشلىتىپمۇ ئۇنىڭدىن قۇتۇلالمايۋاتامسىز؟ تۆۋەندە «قارا باش» لارنى ئىلمىي ھەم تەبىئىي ئۇسۇلدا يوقۇتۇشنى بىللە ئۆگىنىمىز.

    ھەسەل سۈيى ئىچىش/ يۈز يۇيۇش سۇيۇقلۇقى+ھەسەل
    بىرىنچى قەدەمدە، بىر قۇتا ھەسەل تەييارلاپ، ھەسەلنى ھەر كۈنى يۈز يۇيۇش سۇيۇقلۇقىغا ئارىلاشتۇرۇپ يۈزنى يۇيىمىز.
    ئىككىنچى قەدەمدە، ھەر كۈنى سەھەر ۋە كەچتە ھەسەل سۈيى ئىچىپ بېرىمىز، بۇنداق قىلغاندا «قارا باش» لارنى ئۈنۈملۈك يوقاتقىلى، تېرىنى يۇمرانلاشتۇرغىلى بولىدۇ.  

    پەمىدۇر لىمون يۈز چاپلىقى بىلەن «قارا باش» لارنى تازىلاش
    بىرىنچى قەدەمدە، پەمىدۇر بىلەن لىموننى ئېزىپ، ئاز مىقداردا ئۇن قوشۇپ تەكشى ئارىلاشتۇرىمىز.
    ئىككىنچى قەدەمدە، تەييارلىۋالغان چاپلاقنى يۈزگە سۈرۈپ 30 مىنۇتتىن كېيىن يۇيۇۋېتىمىز.
    رولى: بۇ خىل يۈز چاپلاقنىڭ ئۆلۈك تېرىلەرنى تازىلاش، تەر تۆشۈكچىلەرنى تارايتىش، «قارا باش» لارنى تازىلاش، ماينى تەڭشەش رولى بار.

     تۇخۇم پەردىسى بىلەن «قارا باش» نى تازىلاش ئۇسۇلى
    بىرىنچى قەدەمدە، تۇخۇم شاكىلىدىكى بىر قەۋەت نىپىز پەردىنى سويۇپ بۇرۇنغا تەكشى چاپلىۋالىمىز.
    ئىككىنچى قەدەمدە، چاچ قۇرتقۇچ بىلەن بۇرۇنغا چاپلىغان نېپىز پەردىنى قۇرۇتۇپ بۇرۇنغا چىڭ چاپلاشتۇرىمىز. ئۇدا بىر نەچچە قېتىم مۇشۇ ئۇسۇلنى داۋاملاشتۇرغاندا «قارا باش» لار يوقاپ، تەر تۆشۈكچىلەر تارىيىدۇ.

    تۇخۇم ئېقى بىلەن «قارا باش» لارنى تازىلاش ئۇسۇلى
    بىرىنچى قەدەمدە، بىر تال تۇخۇمنىڭ ئېقى بىلەن سېرىقىنى ئايرىۋالىمىز.
    ئىككىنچى قەدەمدە، پەرداز پاختىسىنى تۇخۇم ئېقىغا چىلاپ، بۇرۇنغا چاپلاپ 15~10 مىنۇتتىن كېيىن پەرداز پاختىسىنى ئېلىۋېتىپ، يۈزنى يۇيۇۋەتسەكلا بولىدۇ.

    تۇز+سۈت بىلەن «قارا باش» لارنى تازىلاش ئۇسۇلى
    ئەڭ ياخشىسى ئېغىزى يېڭى ئېچىلغان تۇزنى ئىشلىتىش ۋە تۇزنى باشقا كىچىك قۇتىغا قاچىلاش كېرەك.
    بىرىنچى قەدەمدە، ھەر قېتىم 5~4 تېمىم سۈتكە بىر چىمدىم تۇز قوشۇپ، تۇز يېرىم ئىرىگەندە بۇرۇنغا سۈرۈپ يىنىك ئۇۋۋۇلايمىز.
    ئىككىنچى قەدەمدە، 30 سېكۇنتتىن كېيىن سۇ بىلەن پاكىز چايقىۋەتسەكلا بولىدۇ. ئەمما تېرىنىڭ يېڭىدىن پاكىز مايلارنى ئاجرىتىپ چىقىرىشىنى قوغداش ئۈچۈن، يۈزنى يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن يۈزگە ھېچقانداق نەرسە سۈرمەسلىك كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى