تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

تاۋۇزنى يېڭى ھالەتتە ساقلاش ئۇسۇلى

    تاۋۇز ئۇسسۇزلۇقنى ئەڭ ياخشى قاندۇرالايدىغان مېۋىلەرنىڭ بىرى بولغانلىقى ئۈچۈن، يازدا ئەڭ كۆپ ئىستېمال قىلىنىدۇ.
    يەپ بولالمىغان تاۋۇزغا يېڭى ساقلاش خالتىسىنى يېپىپ توڭلاتقۇغا سېلىپ قويغاندا، يەنىلا تەمى ئازراق ئۆزگىرىپ قالىدۇ. ئەمما تۆۋەندىكى ئۇسۇل بىلەن تاۋۇزنى توڭلاتقۇغا سالماي تۇرۇپمۇ ئاز دېگەندە ئىككى كۈن يېڭى ھالەتتە ساقلىغىلى بولىدۇ.

    تاۋۇزنى يېڭى ساقلاشنىڭ توغرا ئۇسۇلى
    بىرىنچى قەدەمدە، يېڭى ساقلاش خالتىسى ياكى تاللا بازىرىدىكى يېمەكلىك خالتىسى بىلەن بىر داس سوغۇق سۇ تەييارلىۋالىمىز.

    ئىككىنچى قەدەمدە، يېڭى ساقلاش خالتىسى بىلەن تاۋۇزنى ئورىۋېلىپ، چىش كورلىغۇچ بىلەن يېڭى ساقلاش خالتىسىغا ئازراق تۆشۈكلەرنى ئاچىمىز.

    ئۈچىنچى قەدەمدە، ئورىۋالغان تاۋۇزنى سوغۇق سۇغا سالىمىز (سۇ تاۋۇز يۈزىدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك)، بۇ ئۇسۇل بىلەن تاۋۇزنى ئاز دېگەندە ئىككى كۈن يېڭى ھالەتتە ساقلىغىلى بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • يېڭىسارنىڭ تونۇر كاۋىپى
  • ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان چوڭ جىلغىسى ساياھەت مەخسۇس لىنىيەسىنى ئاچتى
  • سايرام كۆلىنىڭ قىش مەنزىرىسى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى