تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ئائىلە

ئائىلە بەختىنىڭ ئۈچ مەخپىيىتى

ماتېرىيال سۈرەت

    يازغۇچى ما مىڭبو مۇنداق دەيدۇ: ئائىلىنىڭ بەختلىك ۋە ئىناق بولۇشىنىڭ ئۈچ مەخپىيىتى بار: ئاياللارنى ئەتىۋارلاش، چوڭلارنى ماختاش ۋە بالىلارنى ئەركىلىتىش.

    سىز بىلەن بىرگە ياشاۋاتقان ئايالغا كۆيۈنسىڭىز ئۇ سىزگە نەچچە ھەسسىلەپ كۆيۈنىدىغان بولىدۇ. ئۇنى ئەيىبلىسىڭىز، سوغۇق مۇئامىلە قىلسىڭىز ئۇمۇ مۇزدەك قاتىدۇ. ئۇنىڭغا قىزغىن بولمىسىڭىز ئۇمۇ سىزگە شۇنداق مۇئامىلە قىلىدۇ، شۇڭا ئەتىۋارلاشتىن ياخشى ئايال مەيدانغا كېلىدۇ، دېگەن گەپنىڭ ئاساسى بار.
    چوڭلارنى ماختاش كېرەك. ھازىر نۇرغۇن ئائىلىلەردە ماددىي تۇرمۇش شارائىتى ناھايىتى ياخشى، پەرزەنتلەرمۇ ۋاپادار، شۇنداقتىمۇ چوڭلارنىڭ ئانچە-مۇنچە ۋايساشلىرىنى ئاڭلاپ تۇرىمىز. چۈنكى چوڭلار پەرزەنتلىرىنىڭ ئۆزلىرىنى چۈشەنمىگەنلىكىدىن نارازى. چوڭلار ئۆتكەن ئىشلارنى ئەسلەشنى ياخشى كۆرىدۇ، تۇرمۇشتا ئاددىي-ساددا بولۇشنى تەشەببۇس قىلىدۇ، ئەمما ياشلار ئۆزىنى كۆرسىتىشنى ياقتۇرىدۇ، ئۆزۈمنىڭ راست، دەيدۇ، بۇنىڭ بىلەن چوڭلار ئۆزىنى ئارتۇقچە ھېس قىلىپ كۆڭلى يېرىم بولىدۇ، ۋاقىت ئۇزارغانچە ئۇلارنىڭ بالىلاردىن كۆڭلى قالىدۇ.شۇڭا چوڭلارنى ماختاش ئىنتايىن مۇھىم، پەرزەنتلەر چوڭلارنى ماختاش، تەرىپلەشنى ئۆگىنىۋېلىشى كېرەك، بۇنداق بولغاندا ئۇلار مۇۋەپپەقىيەت تۇيغۇسىغا ئېرىشىپ، ئۆزىنى ئائىلىدە يەنە مۇھىم ئورۇندا تۇرىمەن، دەپ ئويلايدۇ.
    بالىلارنى ماختاش كېرەك. بالىلارغا بېسىم ئىشلىتىشكە بولمايدۇ، بەلكى ئۇلارنى كۆپرەك ماختاش، مۇئەييەنلەشتۈرۈش كېرەك. بۇنىڭ ئەكسىچە «كالىنى زورلاپ سۇ ئىچۈرۈش» ئۇسۇلىنى قوللانغاندا بالىلاردا قارشىلىق پسىخىكىسى پەيدا بولۇپ، مەسىلە ئېغىرلىشىپ كېتىدۇ. ئاتا-ئانىلار ۋە مۇئەللىملەر بالىلارنى مۇۋاپىق ماختاپ بەرسە، ئۇلارنى كۆپرەك ئېتىراپ قىلسا بالىنىڭ ئىشەنچى ئۇرغۇيدۇ، دادىل ۋە ئاڭلىق بالىلاردىن بولالايدۇ.
    «ئەتىۋارلاش، ماختاش، ئەركىلىتىش» مەخپىيىتىنىڭ ماھىيىتى چۈشىنىش ۋە كەڭ قورساق بولۇش. بۇ بىر خىل ئەقىل-پاراسەت شۇنداقلا ياشاش سەنئىتىدۇر.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى