شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى: ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شىمىگو رايونى خۇاگۇاڭ كوچا باشقارمىسى كوئېنلۇن شەرقىي كوچىسى شىمالىي مەھەللىسىدىكى ‹‹دوسەي›› يەسلىسىدە 5 – ئاينىڭ 28 – كۈنى ‹‹1 – ئىيۇن›› خەلقئارا بالىلار بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. شۇ كۈنى شىمىگو رايونلۇق ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ بۇ مەھەللىدە تۇرۇشلۇق ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› خىزمەت ئەترىتى شىمىگو رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتى، ئاياللار بىرلەشمىسى قاتارلىق ئورۇنلار بىلەن بىرلىشىپ، ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ، قول تۇتۇشۇپ، ئۆزئارا سوۋغات بېرىشىپ، <1 – ئىيۇن> خەلقئارا بالىلار بايرىمىنى تەبرىكلەش›› تېمىسىدىكى پائالىيەتنى قانات يايدۇردى.
سۈن جېنسۇڭ فوتوسى