تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

قەتئىي تەۋرەنمەي باش نىشاننى چۆرىدەپ، شىنجاڭ خىزمىتىنى پىلانلايلى ۋە ئىلگىرى سۈرەيلى

ـــ مەركەزنىڭ 2–قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغانلىقىنىڭ تۆت يىللىقى توغرىسىدا چاتما ئوبزور (3)

گېزىتىمىز ئوبزورچىسى

   باش نىشان تۇتقا، تۇتقا تۇتۇلسا ھەممە ئىش يۈرۈشىدۇ. مەركەزنىڭ 2 – قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغان تۆت يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم باش نىشاننى زىچ كۆزلەپ، باش نىشاننى چۆرىدەپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئورۇنلاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ شىنجاڭدا چوڭقۇر يىلتىز تارتىشىغا تۈرتكە بولدى، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي ئومۇمىيىتى ئىناق، مۇقىم بولدى، ئىقتىسادى سىجىل، ساغلام تەرەققىي قىلدى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇشى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاندى، تۈرلۈك ئىشلاردا يېڭى ئىلگىرىلەشلەر قولغا كەلتۈرۈلدى.

   شىنجاڭغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، مۇقىملىق بولمىسا ھەممە ئىش نۆلگە تەڭ بولىدۇ.

   باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە ئېنىق قىلىپ: شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىگەن – ئىشلىمىگەنلىككە باھا بېرىشتە، ئاساسلىقى بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى قانداق قىلغانلىقى، تىنچ، ئىتتىپاق سىياسىي ۋەزىيەتنى، ئىناق، مۇقىم ئىجتىمائىي ۋەزىيەتنى ساقلىغان – ساقلىمىغانلىقىغا قاراش كېرەك، دەپ كۆرسەتتى. تۆت يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ۋە يوليورۇقىنىڭ روھىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىكلىكى، مۇرەككەپلىكى، ئۆتكۈرلۈكىنى تولۇق تونۇپ، مىخ قېقىش روھى بىلەن مۇقىملىق خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ، ‹‹بىر باش نىشان››نى پۇختا تۇرغۇزۇپ، ‹‹ئىككى ئاچقۇچلۇق نۇقتا››نى ئىگىلەپ، ‹‹بىر ياخشى مېخانىزم››نى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ‹‹بىر يۈرۈش بىرىكمە مۇشت››نى ياخشى ئېتىپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق ۋە تەرەققىيات خىزمىتىدە يېڭى ۋەزىيەت ياراتتى.

   مۇقىملىق ۋە تەرەققىيات بىر – بىرىنى تولۇقلايدۇ، بىر – بىرىگە زىچ باغلانغان. مەركەزنىڭ 2 – قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ: شىنجاڭنىڭ تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ تېز تەرەققىي قىلىشىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن بىللە، تەرەققىياتنى خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، شۇ جايغا نەپ يەتكۈزۈش، ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىغا پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقى ۋە ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئىللىقلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇش كېرەك، دەپ كۆرسەتتى. تۆت يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ‹‹بىر يۈرۈش بەنزە پۈتۈن كۈچى بىلەن مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلىش، بىر يۈرۈش بەنزە زېھنىنى مەركەزلەشتۈرۈپ تەرەققىياتنى تۇتۇش››تا باشتىن – ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات داۋامىدىكى زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرنى ئۈزلۈكسىز ھەل قىلدى، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇردى، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇردى.

   خەلق تۇرمۇشى ئەلرايى بىلەن باغلانغان بولىدۇ، ئەلرايى خەلقنىڭ كۈچىنى مۇجەسسەملەيدۇ. خەلق تۇرمۇشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنى ئۆز قەرەلىدە ئورۇنداش ياكى ئورۇندىيالماسلىق بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى بالدۇرراق ئىشقا ئاشۇرۇش ياكى ئاشۇرالماسلىق بىلەن مۇناسىۋەتلىك. باش شۇجى شى جىنپىڭ: شىنجاڭنى مۇقىملاشتۇرۇش، شىنجاڭنى ئەمىن تاپقۇزۇش ئىستراتېگىيە يۈكسەكلىكىنى چىقىش قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ خاتىرجەم ياشىشىنى زىچ چۆرىدەپ، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلايدىغان تۈرلەرنى كۆپرەك يولغا قويۇپ، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزىدىغان ئەمەلىي ئىشلارنى كۆپرەك قىلىپ، ھەر مىللەت ئامما كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەرنى كۆپرەك ھەل قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىغا پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقى ۋە ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئىللىقلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى. تۆت يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە باشتىن – ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇش ئىستىكىگە ئۈزلۈكسىز جاۋاب بېرىپ، شۇ دەرىجىلىك مالىيە چىقىمىنىڭ %70تىن كۆپرەكىنى خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشقا ئىشلىتىشتە چىڭ تۇردى، ئەلگە نەپ يەتكۈزىدىغان توققۇز تۈرلۈك قۇرۇلۇشنى يولغا قويدى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈردى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ئۈزلۈكسىز ئاشتى.

   مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ـــ ھەر مىللەت خەلقنىڭ جان تومۇرى. باش شۇجى شى جىنپىڭ: شىنجاڭدىكى ئەڭ چوڭ ئاممىۋى خىزمەت ـــ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە دىنلار ئىناقلىقى، دەپ كۆرسەتتى. تۆت يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى سىجىل چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرىنى دائىم، ئۇزاققىچە پورەكلىتىپ ئېچىلدۇردى.

   ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا ئاچقۇچلۇق بولغىنى پارتىيەنىڭ ئومۇمىيەتنى تولۇق ئىگىلەش رولىنى جارى قىلدۇرۇش. باش شۇجى شى جىنپىڭ: شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئاچقۇچى پارتىيەدە، دەپ كۆرسەتتى. تۆت يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، تىرىشىپ ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىدىغان، مۇقىملىقنى قوغدايدىغان، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرىدىغان كۈچلۈك جەڭگىۋار قورغان قىلىپ قۇرۇپ چىقتى؛ ‹‹ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش›› ئۆگىنىش – تەربىيەسىدە ‹‹سۆزنى ئۆگىنىش، ئىستىلنى ياخشىلاش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش›› مەخسۇس پائالىيىتىنى داۋاملىق چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ چوڭقۇر راۋاجلىنىشى، ئاساسىي قاتلامغا يۈزلىنىشىگە تۈرتكە بولدى.

   بۈگۈنكى كۈندە، شىنجاڭدا ئومۇملۇق مۇقىم، ۋەزىيەت كونترول قىلىنغان، ۋەزىيەت ياخشىلىنىشقا يۈزلەنگەن ھالەت بارلىققا كەلدى، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىشەنچىسى يەنىمۇ ئاشتى. ئەمەلىيەت شۇنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدىكى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانى شىنجاڭ خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان بايراق ۋە يۆنىلىش، شىنجاڭدىكى بارلىق خىزمەتلەر باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ پىلانلىنىشى ۋە ئىلگىرى سۈرۈلۈشى كېرەك. بىز باش نىشان بايرىقىنى باشتىن – ئاخىر جەۋلان قىلدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىگە باش نىشان ئارقىلىق يېتەكچىلىك قىلىدىغانلا بولساق، پۈتۈن ئاپتونوم رايونىمىزدىكى بارلىق پارتىيە ئەزالىرى ۋە ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، بىر مەقسەتتە ھەمكارلىشىپ، ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، ۋەتىنىمىزنىڭ زېمىنى شىنجاڭنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقالايمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى