تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئىقتىساد خەۋەرلىرى

ئېلىمىزدە بۇ يىل 7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ كۈندىلىك ئىستېمال ‏بۇيۇملىرى ئىمپورت تاموژنا بېجى يەنە تۆۋەنلىتىلىدۇ‎‎

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5-ئاينىڭ 30-كۈنى تېلېگراممىسى. 5-ئاينىڭ 30-كۈنى ئېچىلغان گوۋۇيۈەن دائىمىي ئىشلار يىغىنىدا كۈندىلىك ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ ئىمپورت تاموژنا بېجىنى چوڭ دائىرىدە تۆۋەنلىتىش، ئاممىنىڭ كۆپ خىل ئىستېمال ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇش قارار قىلىندى.

  بۇ، ئېلىمىزنىڭ ئاپتوموبىل ئىمپورت بېجىنى مەلۇم نىسبەتتە تۆۋەنلەتكەندىن كېيىنكى ئېچىۋېتىشنى داۋاملىق كېڭەيتىشى ۋە ئاممىنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشىدىكى يەنە بىر مۇھىم تەدبىرى.

  يىغىندا كۈندىلىك ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ ئىمپورت بېجىنى يەنىمۇ تۆۋەنلىتىش ئېچىۋېتىشنى داۋاملىق كېڭەيتىش، ئاممىنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش، مەھسۇلات سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە قىستاش، كەسىپلەر دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە پايدىلىق ئىكەنلىكى كۆرسىتىلدى. يىغىندا مۇنۇلار قارار قىلىندى: بۇ يىل 7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، كىيىم-كېچەك، ئاياغ، باش كىيىم، ئاشخانا جابدۇقلىرى ۋە تەنتەربىيە چېنىقىش ئەسلىھەلىرى قاتارلىقلارنىڭ ئىمپورت تاموژنا ئوتتۇرىچە باج نىسبىتى %15.9 تىن %7.1 كە تۆۋەنلىتىلىدۇ؛ كىرئالغۇ، توڭلاتقۇ قاتارلىق ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنىڭ ئىمپورت تاموژنا ئوتتۇرىچە باج نىسبىتى %20.5 تىن %8 كە تۆۋەنلىتىلىدۇ. باقمىچىلىق تۈرى، سۈزۈپ ئېلىش تۈرىدىكى سۇ مەھسۇلاتلىرى ۋە مىنېرال سۇ قاتارلىق پىششىقلاپ ئىشلەنگەن يېمەكلىكلەرنىڭ ئىمپورت تاموژنا ئوتتۇرىچە باج نىسبىتى %15.2 تىن %6.9 كە تۆۋەنلىتىلىدۇ؛ يۇيۇش بۇيۇملىرى ۋە تېرە ئاسراش، چاچ گۈزەللەشتۈرۈش قاتارلىق گىرىم بۇيۇملىرى ۋە بىرقىسىم تېببىي دوراساغلاملىق تۈرىدىكى مەھسۇلاتلارنىڭ ئىمپورت تاموژنا ئوتتۇرىچە باج نىسبىتى %4.8 تىن %2.9 كە تۆۋەنلىتىلىدۇ. ئالاقىدار تارماقلار باج تۆۋەنلىتىش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى، ئوتتۇرىدىكى ھالقىلاردا باھا قوشۇپ پايدا ئېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشى، ئىستېمالچىلارنى نەپكە ئېرىشتۈرۈشى، ئېلىمىزدىكى كەسىپلەرنىڭ رىقابەت كۈچىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، «رۇيخۇا» بوغالتىرلىق ئىش ئورنىنىڭ ھەمكارلىشىپ باشقۇرغۇچىسى جاڭ ليەنچى مۇنداق دېدى: بۇ، ئېلىمىز ئاھالىلىرىنىڭ ئىستېمال دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش يۆنىلىشىگە ماس كېلىدۇ، خەلقنىڭ كۈنسېرى ئېشىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرىدۇ، يەنە ئىستېمالنىڭ قايتىلىنىشىنى جەلپ قىلىشقا، ئىستېمالنى دۆلەت ئىچىدە قالدۇرۇشقا پايدىلىق، بۇ، خەلق ئاممىسىنىڭ بەخت تۇيغۇسى ۋە ئېرىشىش تۇيغۇسىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن كۈچلۈك «سودا ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچى» تەمىنلەيدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • فىلىم: يېشىل سەددىچىن سېپىلى — كۆكيار
  • قوشماقلاشقان تۇغقانلار فوتو سۈرەت كۆرگەزمىسىدە
  • كۈز ئايلىرىدا گۈزەل تۈسكە كىرگەن قايدۇ دەرياسى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى