تەڭرىتاغ تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ئەخلاق تەربىيە

پىسخىكىلىق كىچىك سىناق: بالىڭىز بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىڭىز قانداق؟

 

  1 .بىر كۈن ئىچىدە بالىڭىز بىلەن بىللە ئۆگىنىدىغان، بىللە ئوينايدىغان، مۇڭدىشىدىغان ۋاقتىڭىز ئىككى سائەتكە يېتەمدۇ؟

  A . يېتىدۇ، بەزىدە كۆپ، بەزىدە ئاز .

  B. پەقەت ئارام ئېلىش كۈنلىرىدىلا يېتىدۇ.

  C. يەتمەيدۇ، بەك ئالدىراش، ئىشلار بەك كۆپ.

  2. بالىڭىزنىڭ خاتالىقىنى دائىم ئەپۇ قىلامسىز؟ ئىككىنچى تىلغا ئالمامسىز؟

  A. شۇنداق، دائىم شۇنداق قىلىمەن.

  B. بالامنىڭ قانداق خاتالىق ئۆتكۈزگەنلىكىگە قارايمەن.

  C. بالامغا تەربىيە بولسۇن ئۈچۈن، دائىم تىلغا ئالىمەن.

  3. بالىڭىزنىڭ مەلۇم ئىشنى قىلىشىنى چەكلىگەندە، ئۇنىڭغا سەۋەبىنى چۈشەندۈرەمسىز؟

  A. شۇنداق، چوقۇم ئېنىق چۈشەندۈرىمەن.

  B. پەقەت ئاددىي قىلىپ «قىلساڭ بولمايدۇ» دەيمەن.

  C. چۈشەندۈرمەيمەن، بالا ماڭا مۇتلەق ئىشىنىشى ۋە بويسۇنۇشى كېرەك.

  4. سىزنىڭچە بالىڭىز گەپ ئاڭلامدۇ؟

  A. شۇنداق، گەپ ئاڭلايدۇ.

  B. گەپ ئاڭلايدۇ، دېيىشكە بولىدۇ.

  C. بالام دائىم ئۆز سەنىمىگە دەسسەيدۇ، گەپ ئاڭلىمايدۇ.

  5. ئۆيدە بالىڭىزغا تەۋە ئەركىن بوشلۇق بارمۇ؟ (بىر ئېغىز ئۆي، ئۆينىڭ بىر بۇلۇڭى، بىر ئۈستەل)

  A. بار، پۈتۈنلەي بالامنىڭ ئىدارە قىلىشىدا بولىدۇ.

  B. بالام ئۆينى پۈتۈنلەي رەتلىك تۇتۇشقا ئىقتىدارى بارلىقىنى بىلدۈردى.

  C. تېخى ئويلىشىپ باقمىدىم.

  6. بالىڭىزنى قاتتىق ئۇرمىسىڭىزمۇ، لېكىن دائىم قول تەگكۈزەمسىز؟

  A. ئەزەلدىن قول تەگكۈزمەيمەن.

  B. بەزىدە قول تەگكۈزىمەن.

  C. دائىم قول تەگكۈزىمەن، بەزىدە بوشراق، بەزىدە قاتتىقراق ئۇرىمەن.

  7. ئۆي ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش ۋاقتىڭىزدا، بالىڭىز قىزىقىدىغان ئىشىنى سۆزلىسە سەۋرىچانلىق بىلەن ئاڭلامسىز؟

  A. ئۆي ئىشلىرىنى قويۇپ تۇرۇپ، ئەستايىدىللىق بىلەن ئاڭلايمەن.

  B. بەزىدە ئاڭلايمەن، بەزىدە ئاڭلىمايمەن.

  C. بالىغا ئالدىراشلىقىمنى ئېيتىپ، ئاڭلاشقا ۋاقتىم يوق دەيمەن.

  8. سىز بالىڭىزنى ئائىلىدە ئۆز ۋەزىپىسىنى قەتئىي ئادا قىلىشى كېرەك، دەپ قارامسىز؟ مەسىلەن: ئۆي يىغىشتۇرۇش، تازىلىق قىلىش؟

  A. شۇنداق، بالام چوقۇم شۇنداق قىلىشى كېرەك.

  B. بەزىدە ئۆي ئىشلىرىنى قىلغۇزىمەن، بەزىدە قىلغۇزمايمەن.

  C. ئەزەلدىن بالامدىن ئۆي ئىشى قىلىشنى تەلەپ قىلمايمەن.

  9. بالىڭىزدىن ئۆزىنىڭ ھەرقانداق پىسخىك پائالىيىتى ياكى شەخسىي سىرىنى سىزگە دېيىشىنى تەلەپ قىلامسىز؟

  A. ئەزەلدىن تەلەپ قىلمايمەن.

  B. بەزىدە سوراپ قويسام ھېچنېمە بولمايدۇ.

  C. شۇنداق، مەن دائىم سورايمەن.

  10. سىز دائىم كونتروللۇقىڭىزنى يوقىتىپ، بالىڭىزنى قاتتىق ئەيىبلەمسىز؟

  A. ئەزەلدىن ئۇنداق قىلمايمەن.

  B. بەزىدە ئۆزۈمنى تۇتالمايمەن.

  C. دائىم ئۆزۈمنى تۇتالماي، بالىغا ئاچچىقلايمەن.

  يۇقىرىقى تاللاشلاردا A نى تاللىسىڭىز بەش نومۇر، B نى تاللىسىڭىز ئۈچ نومۇر، C نى تاللىسىڭىز بىر نومۇر بەرسىڭىز بولىدۇ.

  تەھلىل نەتىجىسى:

  ئەگەر يۇقىرىقى تاللاشلاردىن 10 دىن 21 گىچە نومۇر ئالغان بولسىڭىز، سىزنىڭ مەسىلىڭىز ناھايىتى ئېغىر بولىدۇ. بەلكىم بالىڭىز كىچىك بولغانلىقى ئۈچۈن، بالىڭىز بىلەن ئەمەلىيەتتە ئانچە چۈشىنىشىپ كېتەلمىگەن بولۇشىڭىز مۇمكىن. سىز پۈتۈن دىققىتىڭىزنى بالىڭىزنىڭ يېمەك-ئىچمەك ۋە كىيىم-كېچىكىگە قارىتىپسىز، سىزگە بالىلارنىڭ ھەرقايسى ياش باسقۇچلىرىدىكى پىسخىكا بىلىملىرىنى ئۆگىنىش تەكلىپىنى بېرىمىز.

  ئەگەر يۇقىرىقى تاللاشتىن 22 دىن 35 كىچە نومۇر ئالغان بولسىڭىز، سىز بەك چەكتىن ئاشۇرۇۋەتمەسلىكنى ئويلايسىز، ئەمەلىيەتتىمۇ شۇنداق قىلالايسىز. بالىڭىز سىزگە ئىشىنىدۇ. ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، بالىڭىز بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىڭىز ھەر ھالدا ياخشى، ئەمما سىز ئۆزىڭىزگە ئىزچىل مۇشۇنداق تەلەپ قويمايسىز. بەلكىم سىزنىڭ ئالدىراشلىقىڭىز ياكى كەيپىياتىڭىزنىڭ ناچار بولۇشى قىلغان ئىشىڭىزغا تەسىر يەتكۈزگەن بولۇشى مۇمكىن، ئەمما شۇ ئېسىڭىزدە بولسۇن، بالىڭىزنىڭ سىزدىن باشقا پىكىرلىشىدىغان ۋە كۆڭلىدىكى سۆزلىرىنى ئېيتىدىغان ئادىمى يوق. ئەگەر سىز ھازىردىن باشلاپ بۇ ئورنىڭىزنى مۇستەھكەملىمىسىڭىز ، بەلكىم باشقىلار ئىگىلىۋېلىشى مۇمكىن.

  ئەگەر يۇقىرىقى تاللاشتىن 36 دىن 50 كىچە نومۇر ئالغان بولسىڭىز، سەۋرىچانلىقىڭىزنى ماختاشقا ئەرزىيدۇ. بۇنىڭدىن سىزنىڭ بالىلار بىلەن ھېسسىيات ئالماشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىدىغان، ئۇلارنىڭ خاراكتېرىگە ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىڭىزنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. سىز بالىڭىز بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە يوللۇق ئىش قىلىش، جايىدا ئىش قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپسىز. چۈشىنىش ئۆزئارا بولىدۇ. بالىمۇ سىزنىڭ كۆز قارىشىڭىزغا ھۆرمەت قىلىدۇ، خۇددى سىز ئۇنىڭ كۆز قارىشىغا ئېتىبار بەرگەندەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مىنىستىرلىقى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتتى
  • قاراجۈن مەنزىرە رايونى
  • يازدىكى نېلۇپەر گۈللىرى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى