تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئىقتىساد خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ سانائەت ساھەسىدىكى ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىدا باسقۇچلۇق نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى

  شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى: مۇخبىرنىڭ 5-ئاينىڭ 30-كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق ئىقتىساد ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايونلۇق ئىقتىساد ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان 2018-يىللىق ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئىقتىسادىي خىزمەت يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، سانائەت ساھەسىنىڭ تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن. 1-ئايدىن 5-ئايغىچە بولغان مەزگىلدە، سەككىز كارخانىنىڭ 21 ماشىنا گۇرۇپپىسىنى توختىتىپ، جەمئىي سىغىمچانلىقى 391 مىڭ كىلوۋاتقا يەتكەن.

  ئاپتونوم رايونلۇق ئىقتىساد ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى بۇ يىل ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، مالىيە نازارىتى، مۇھىت ئاسراش نازارىتى ۋە سودا نازارىتى قاتارلىق 15 نازارەت كومىتېتلار بىلەن بىرلىكتە «2018-يىللىق شىنجاڭنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۆلچەم قانۇن بەلگىلىمىسى بويىچە قالاق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى چېكىندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمەت لايىھەسى» نى بېسىپ تارقىتىپ، بازارلاشتۇرۇش، قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ۋاستىلىرىدىن ھەر تەرەپلىمە پايدىلىنىپ، قانۇن بەلگىلىمە بويىچە قالاق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى چېكىندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە باسقۇچلۇق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن.

  ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش جەھەتتە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنىڭ سودا كۆلىمى 2015-يىلىدىكى 5 مىليارد كىلوۋات سائەتتىن 2018-يىلىدىكى 30 مىليارد كىلوۋات سائەتتىن ئارتۇققا يېتىپ، بۇ يىل توك ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ توك ئىشلىتىش تەننەرخى 3 مىليارد يۈەن تۆۋەنلىتىلگەن.

  دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، ئاپتونوم رايونىمىز بۇ يىل مەملىكەت بويىچە چاستوتا سپېكترى بايلىقىنىڭ تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتىنى ئالدى بىلەن قانات يايدۇرۇپ، ئۈرۈمچى مېتروسى بىلەن ئايرودۇرۇم چاستوتىسىنى ئورتاق ئىشلىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، چەكلىك بايلىقتىن ئەڭ زور دەرىجىدە پايدىلىنىشنى ئەمەلگە ئاشۇرغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى