تەڭرىتاغ تورى   ›   دۇنياغا نەزەر   ›   ئاجايىپ-غارايىپ

ھىندىستانلىق بىمارنىڭ ئۆتىدىن 4100 تال تاش چىقتى

  ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ 5-ئاينىڭ 29-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ھىندىستاندىكى بىر دوختۇرخانىدا تاشقى كېسەللىكلەر دوختۇرى 5-ئاينىڭ 26-كۈنى بىر ئەر بىمارنىڭ ئۆتىدىن 4100 تال تاشنى ئوپېراتسىيە قىلىپ ئالغان بولۇپ، نەق مەيداندىكى كىشىلەر بۇنىڭدىن ھەيران قالغان.

  45 ياشقا كىرگەن يوگېش يېئولې بەش خىل مېتال دۇكىنىنىڭ خوجايىنى بولۇپ، ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان كېسەل ئازابىنى تارتىپ كەلگەن، 5-ئاينىڭ 25-كۈنى، ئۇنىڭ قورساق قىسمى زىيادە ئاغرىپ كەتكەنلىكتىن دوختۇرخانىغا داۋالاشقا بارغان، ئىككىنچى كۈنى دوختۇر ئىككى يېرىم سائەت ئوپېراتسىيە قىلىپ، ئۇنىڭ تېنىدىن 2 مىللىمېتىردىن 4 مىللىمېتىرغىچە كېلىدىغان 4100 تال تاشنى ئېلىۋەتكەن ھەم ئۆتىنىمۇ كېسىپ ئېلىۋەتكەن.

  يوگېشنى ئوپېراتسىيە قىلغان دوختۇر ئامىت شاراد كېلې مۇنداق دېگەن: «ئادەتتە بەدەنگە چۈشكەن تاش تەخمىنەن 2 تالدىن 20 تالغىچە بولىدۇ، ئەمما يوگېشنىڭ بەدىنىدە 4100 تال تاشنى ئېلىۋەتتۇق، بۇ ھەقىقەتەن كەم ئۇچرايدۇ. كېسەل سەۋەبىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن، بىز ئۇلتىرا ئاۋازلىق دولقۇن تەكشۈرۈشى، CT تەكشۈرۈشى ۋە جىگەر ئىقتىدارى تەكشۈرۈشى ئېلىپ بېرىپ، ئۇنىڭ ئاشقازان ئاستى بېزىدە ياللۇغ بار-يوقلۇقىنى ئېنىقلىدۇق».

  بۇنىڭدىن سىرت، ئامىت دوختۇر تولۇقلاپ مۇنداق دېگەن: «ئۇلتىرا ئاۋازلىق دولقۇن تەكشۈرۈشىدە ئۇنىڭ پۈتكۈل ئۆت خالتىسى بىر ئىششىققا ئوخشاپ قالغان بولۇپ، كىچىك تاشلارنى پەرقلەندۈرەلمەي قالدۇق. CT تەكشۈرۈشىدە ئۆت ياللۇغى دەپ دىياگنوز قويۇلغان بولۇپ، ئۆتكە تاش چۈشكەنلىكى ئېنىقلانمىدى، بۇ تەكشۈرۈشلەر رادىيوئاكتىپلىق تەكشۈرۈشلەر بولسىمۇ، لېكىن بۇ تاشلار رادىياتسىيە ئاستىدا پۈتۈنلەي سۈزۈك بولۇپ، بايقالمىدى، x نۇرى تەكشۈرۈشىدىمۇ پۈتۈنلەي كۆرۈنمىدى. يوگىشنىڭ بەدىنىدە نېمە ئۈچۈن ئۇنچىۋالا كۆپ تاش بولۇشىنىڭ سەۋەبىنى ھازىرغىچە بىلەلمىدۇق، ئەمما بۇ ئادەتتە ئۆت سويۇقلۇقىنىڭ ئاجراپ چىقىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ».

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • جۇڭگو ـ ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ئېچىۋېتىش يولىنى بارغانسېرى كېڭەيتمەكتە
  • تەڭرىتاغ بوغدا كۆلى مەنزىرە رايونى ساياھەتچىلەرگە لىق تولدى
  • ھەر مىللەت ئامما بايرامنى خۇشال ئۆتكۈزدى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى