تىيانشان تورى   ›   قانۇن   ›   نىزام

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ پۇقرالار ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ پەرمانى 210–نومۇرلۇق

‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ پۇقرالار ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى›› 2018 – يىلى 3 – ئاينىڭ 23 – كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق 13 – نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 4 – قېتىملىق دائىمىي ئىشلار يىغىنىدا مۇزاكىرە قىلىپ ماقۇللاندى، ئۇنى ئېلان قىلدۇق، 2018 – يىلى 7 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن.

ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر     

   2018 – يىلى 5 – ئاينىڭ 8 – كۈنى

1– باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

1 – ماددا بۇ بەلگىلىمە پۇقرالار ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلىرىنى بىخەتەرلىك بويىچە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، دۆلەت بىخەتەرلىكى ۋە جامائەت بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش مەقسىتىدە، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پۇقرالار ئاۋىياتسىيەسى قانۇنى››، ‹‹ھەممىباب ئاۋىياتسىيە ئۇچۇشنى باشقۇرۇش نىزامى›› قاتارلىق ئالاقىدار قانۇن – نىزاملارغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ تۈزۈپ چىقىلدى.
2 – ماددا بۇ بەلگىلىمە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مەمۇرىي رايونى تەۋەسىدىكى پۇقرالار ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلىرىنى ئىشلەپچىىرىش، سېتىش، ئىشلىتىش ۋە ئۇنى بىخەتەر باشقۇرۇش پائالىيەتلىرىدە تەتبىقلىنىدۇ.
3 – ماددا بۇ  بەلگىلىمىدە دېيىلگەن پۇقرالار ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلىرى ئۇچقۇچى مەشغۇلات قىلمايدىغان، ئۇچۇش كونترول سىستېمىسىغا ئىگە، ئەڭ چوڭ ئېغىرلىقى 250 گىرامدىن ئاشىدىغان (250 گىرامنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ھەمدە ھەربىي ئىشلار، ساقچى، تاموژنىنىڭ ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالمايدىغان ئايروپىلانلارنى كۆرسىتىدۇ.
4 – ماددا پۇقرالار ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلىرىنى باشقۇرۇشتا بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش، تەرەققىياتقا مۇلازىمەت قىلىش، ئۇنىۋېرسال باشقۇرۇش، قېلىپلاشتۇرۇپ يۈرۈشتۈرۈش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىش كېرەك.
5 – ماددا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پۇقرالار ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش خىزمىتىگە بىر تۇتاش رەھبەرلىك قىلىپ، پۇقرالار ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ ھەمتۈرتكە مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، پۇقرالار ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇشتىكى چوڭ – چوڭ مەسىلىلەرنى ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلىدۇ.
ئوبلاستلىق، شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى (ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمىلەر)، ناھىيەلىك (شەھەرلىك) خەلق ھۆكۈمەتلىرى (مەمۇرىي مەھكىمىلەر) دەرىجە بويىچە ھەمتۈرتكە بولۇش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، ئالاقىدار تارماقلارنىڭ پۇقرالار ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىشى كېرەك.
جامائەت خەۋپسىزلىكى، پۇقرالار ئاۋىياتسىيەسى، سۈپەت نازارەتچىلىكى، سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش، ئىقتىساد ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش تارماقلىرى ئۆز مەسئۇلىيىتى بويىچە پۇقرالار ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانىغا ئالاقىدار بىخەتەرلىك باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولۇشى كېرەك.
6 – ماددا ھەرقانداق ئورۇن ياكى شەخسنىڭ پۇقرالار ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش، ئىشلىتىش داۋامىدىكى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى بايقىغاندا جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگىنى، پۇقرالار ئاۋىياتسىيە مەسئۇل تارمىقىغا پاش قىلىش ھوقۇقى بولىدۇ.
پاش قىلىش مەلۇماتىنى تاپشۇرۇۋالغان تارماقلار دەرھال ئەھۋالنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشى؛ ئۆز تارمىقىنىڭ مەسئۇلىيەت دائىرىسىگە تەۋە بولمىغان ئىشلارنى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشى كېرەك.

2 – باب خىزمەت مەسئۇلىيىتى

7 – ماددا پۇقرالار ئاۋىياتسىيەسى مەسئۇل تارماقلىرى (تۆۋەندە قىسقارتىپ پۇقرالار ئاۋىياتسىيە تارماقلىرى دېيىلىدۇ) پۇقرالار ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلىرى ۋە ئۇنى ئىشلەپچىقىرىدىغان كارخانا، ئىگىدارلارنى ئۆز ئىسمى بىلەن تىزىملاپ باشقۇرىدۇ، دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن تىزىملاپ رويخەتكە ئېلىش ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سۇپىسى قۇرۇپ، ئۇچۇشنى باشقۇرغۇچى تارماقلارغا ماسلىشىپ قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇش ھەرىكەتلىرىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىدۇ.
8 – ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى پۇقرالار ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلىرىنى جامائەت بىخەتەرلىكى بويىچە باشقۇرۇشقا مەسئۇل بولۇپ، يەر يۈزىدىكى ئالدىنى ئېلىش، باشقۇرۇپ كونترول قىلىش خىزمىتىنى تەشكىللەپ ماسلاشتۇرۇپ، قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇش ھەرىكەتلىرىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش جەھەتتىكى ئالاقىدار مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدۇ.
9 – ماددا سۈپەت – تېخنىكا نازارەتچىلىكى تارماقلىرى پۇقرالار ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلىرىنى ئىشلەپچىقىرىدىغان كارخانىلارنىڭ مەھسۇلات سۈپىتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشقا مەسئۇل بولۇپ، ئىشلەپچىقىرىش ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان پۇقرالار ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش قىلمىشلىرىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىدۇ.
10 – ماددا سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرى پۇقرالار ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلىرىنى سېتىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشقا مەسئۇل بولۇپ، ئىشلەپچىقىرىش ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان پۇقرالار ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلىرىنى سېتىش قىلمىشلىرىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىدۇ.
11 – ماددا ئىقتىساد ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش تارماقلىرى خەلق ئاۋىياتسىيەسى، پەن – تېخنىكا، جامائەت خەۋپسىزلىكى قاتارلىق تارماقلارنى تەشكىللەپ، پۇقرالار ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش ئۆلچىمىنى تۈزۈشكە مەسئۇل بولۇپ، پۇقرالار ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلىرىنى تېخنىكا جەھەتتىن باشقۇرۇپ كونترول قىلىش سىستېمىسىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پۇقرالار ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانىغا ئىشلىتىلىدىغان سىمسىز رادىيو چاستوتىسى، ئىستانسا (پونكىت)لىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرىدۇ.
12 – ماددا تەنتەربىيە، مېتېئورولوگىيە، دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، پوچتا تارماقلىرى ئۆز مەسئۇلىيىتىگە ئاساسەن، پۇقرالار ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانىغا ئالاقىدار باشقۇرۇش خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلەيدۇ.
13 – ماددا ئايرودۇرۇم تۇرۇشلۇق ناھىيە (شەھەر)لىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئايرودۇرۇم بوشلۇقى مۇھاپىزەت رايونىغا دائىر ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشنى جەمئىيەتكە ئېلان قىلىشى لازىم. ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشنىڭ مەزمۇنى: ئايرودۇرۇم بوشلۇقى مۇھاپىزەت رايونىنىڭ كونكرېت دائىرىسى (تۆت بۇلۇڭلۇق ئورۇن بەلگىلەش كوردېناتى ۋە تۆت تەرەپ چېگراسى)، ھاۋا بوشلۇقى مۇھاپىزىتىگە ئالاقىدار قانۇن – نىزام، بەلگىلىمىلەر ۋە قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇشنى پاش قىلىش تېلېفونى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەك.
خەلق ئاۋىياتسىيە تارماقلىرى ۋە ئايرودۇرۇمنى باشقۇرۇش ئاپپاراتلىرى ئايرودۇرۇم بوشلۇقى مۇھاپىزەت رايونىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىگە دائىر تۆۋەندىكى خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىشى، ناھىيە (شەھەر)لىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئۇلارنىڭ خىزمىتىنى قوللىشى كېرەك:
1)ئالاقىدار يەر يۈزى ئەسلىھەلىرىنى قۇرۇش، ئايرودۇرۇم بوشلۇقى مۇھاپىزەت رايونى ۋە پۇقرالار ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلىرىنىڭ ئۇچۇش چەكلەنگەن چېگراسى، يول ئېغىزى قاتارلىق نۇقتىلىق رايونلارغا ئاگاھلاندۇرۇش كۆرسەتمە تاختىسى ئورنىتىش؛
2) ئايرودۇرۇم ئەتراپىدىكى رايونلارغا بولغان چارلاش، ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش خىزمىتىنى كۈچەيتىش، ئۇچۇش بىخەتەرلىكى ۋە يۈرۈشۈش تەرتىپىنى قوغداپ، ئايرودۇرۇم بوشلۇقىنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەسىر يەتكۈزىدىغان ئەھۋاللارنى بايقىغاندا، دەرھال توسۇش ھەمدە ئايرودۇرۇم تۇرۇشلۇق ناھىيە (شەھەر)لىك خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ئالاقىدار تارماقلارغا دوكلات قىلىش؛
3) پۇقرالار ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلىرىغا دائىر پەرقلەندۈرۈپ ئالدىنى ئېلىش، كونترول قىلىش تېخنىكا سىستېمىسىنى ئورنىتىپ، قانۇنغا خىلاپ ئۇچقان پۇقرالار ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلىرىغا قارىتا تېخنىكىلىق ئالدىنى ئېلىش، كونترول قىلىش تەدبىرى قوللىنىش.
14 – ماددا پۇقرالار ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانى ساھە تەشكىلاتلىرى كەسىپ ئىنتىزامى مېخانىزمىنى تۇرغۇزۇپ، پۇقرالار ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلىرىنى بىخەتەرلىك ئۇچۇرى، تېخنىكا قاتارلىق مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلىشى، بىخەتەرلىك بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلىپ ۋە ئومۇملاشتۇرۇپ، ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ئىشلەپچىقارغۇچى، ساتقۇچى ۋە ئىشلەتكۈچىلەرنى قانۇن – نىزام، بەلگىلىمىلەرگە رىئايە قىلىشقا يېتەكلەپ ۋە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، دۆلەت بىخەتەرلىكى ۋە جامائەت بىخەتەرلىكى ئېڭىنى كۈچەيتىشى كېرەك.
15 – ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى پۇقرالار ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش ئۇنىۋېرسال ئۇچۇر مۇلازىمەت سۇپىسى قۇرۇپ، بۆسۈپ كىرىشنى ئاگاھلاندۇرۇش سىستېمىسى ئورنىتىپ، ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننىڭ ئۇچۇش ھالىتىنى ھەرىكەتچان باشقۇرۇشى ھەمدە خەلق ئاۋىياتسىيەسى، سۈپەت – تېخنىكا نازارەتچىلىكى، سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش، ئىقتىساد ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش تارماقلىرى بىلەن بىرگە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانغا ئالاقىدار ئۇچۇرلاردىن ئورتاق بەھرىلىنىش مېخانىزمىنى ئورنىتىشى كېرەك.
16 – ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى، سۈپەت – تېخنىكا نازارەتچىلىكى، سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش، ئىقتىساد ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش تارماقلىرى پۇقرالار ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش، ئىشلىتىش قاتارلىق ھالقىلارنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، قانۇنسىز قىلمىشلارنى بايقىغاندا قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشى ھەمدە پۇقرالار ئۇچقۇچىسز ئايروپىلانلىرىغا دائىر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئاپتونوم رايوننىڭ ئىجتىمائىي ئىناۋەت ئۇچۇرلىرىدىن ئورتاق بەھرىلىنىش سۇپىسىغا يوللىشى؛ قانۇنغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپ قىلمىشلارغا قارىتا ئىناۋەت بويىچە بىرلىشىپ ئاگاھلاندۇرۇش بېرىشى ۋە ئۇنى ئىبرەت قىلىشى كېرەك.

3– باب دائىملىق باشقۇرۇش

17 – ماددا پۇقرالار ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرى تۆۋەندىكى بەلگىلىمىلەرگە رىئايە قىلىشى كېرەك:
1) پۇقرالار ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانىنى ئىشلەپچىقىرىش ئۆلچىمىنى ئىجرا قىلىپ، مەھسۇلات سۈپىتىنىڭ ئالاقىدار ئۆلچەمگە يېتىشىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك؛
2) پۇقرالار ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانىغا كونترول ئۆزىكى ئورنىتىپ، ئۇچۇش چەكلىنىدىغان رايون دېتالى لايىھەلەپ، ئۆزگەرتىپ قۇراشتۇرۇش ياكى ئۆزگەرتىپ لايىھەلەشنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق تېخنىكىلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىشى كېرەك؛
3) مەھسۇلات ئورالمىسىنىڭ كۆزگە چېلىقىدىغان جايىغا ۋە مەھسۇلات ئەسكەرتمىسىگە ئىگىدارنى ئۆز ئىسمى بىلەن تىزىملىتىشقا ئاگاھلاندۇرۇشى، ئۆز ئىسمى بىلەن تىزىملاتماي ئۇچۇشنىڭ خەتىرىنى ئەسكەرتىشى كېرەك؛
4)دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە پۇقرالار ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانىنىڭ نامى، تىپى، ئايروپىلاننىڭ ساپ ئېغىرلىقى، ئەڭ چوڭ ئۇچۇش ئېغىرلىقى، مەھسۇلات تۈرى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى تىزىملىشى، تىزىملاش ئۇچۇرىنى ئاز دېگەندە ئىككى يىل ساقلىشى كېرەك.
پۇقرالار ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىنى پۇقرالار ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانىنى ئۇچۇرلاشتۇرۇپ باشقۇرۇش سۇپىسى قۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، پۇقرالار ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانىنى ئىشلىتىش ئەھۋالىنى ھەرىكەتچان كۆزىتىشنى يولغا قويۇشى؛ قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى بايقىغاندا ۋاقتىدا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا دوكلات قىلىشى لازىم.
18 – ماددا پۇقرالار ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلىرىنى سېتىشتا سېتىش تىزىملىكى تۇرغۇزۇپ، سېتىۋالغۇچى ئورۇن ياكى شەخسنىڭ كىملىك ئۇچۇرى، ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى ھەمدە مەھسۇلات تىپى، مەھسۇلات رەت نومۇرى قاتارلىق ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى خاتىرىلەش ھەمدە سېتىۋالغۇچى ئورۇن ياكى شەخسكە ئىشلىتىش بەلگىلىمىسى ۋە مەھسۇلات چۈشەندۈرۈشىنى ئەسكەرتىش، سېتىش تىزىملىكىنى ئاز دېگەندە ئىككى يىلغىچە ساقلاش لازىم.
ئىشلەپچىقىرىش بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان پۇقرالار ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلىرىنى سېتىش چەكلىنىدۇ.
19 – ماددا ھەرقانداق ئورۇن ياكى شەخسنىڭ پۇقرالار ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانىنىڭ سىستېمىسى، قاتتىق دېتال ئەسلىھەسىنى ئۆزگەرتىپ قۇراشتۇرۇشى ياكى زاۋۇتتىن چىققاندىكى ئۇچۇش ئىقتىدارىنى ئۆزگەرتىپ لايىھەلىشى چەكلىنىدۇ.
20 – ماددا ئەشيا ئوبوروتى، يەتكۈزۈش كارخانىلىرى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ۋە موتور، كونترول ئۆزىكى قاتارلىق مۇھىم زاپچاسلارنى قوبۇل قىلىپ ئەۋەتكەندە، تاپشۇرۇۋالغان مال ۋە ئەۋەتكۈچى، تاپشۇرۇۋالغۇچىنىڭ ئىسمى، ئادرېسى، ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى تىزىملاپ، ئالاقىدار تارماقلارنىڭ تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك.
21 – ماددا پۇقرالار ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانىنىڭ ئىگىدارى دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، ئىسمى، ئورۇن نامى، ئىناۋەتلىك كىنىشكا نومۇرى، ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى، مەھسۇلات تىپى، مەھسۇلاتنىڭ رەت نومۇرى، ئىشلىتىش مەقسىتى قاتارلىقلارنى ئەينەن تىزىملىتىشى كېرەك. تىزىملاپ بولغاندىن كېيىن پۇقرالار ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانىغا تىزىملاش ماركىسى چاپلىنىدۇ.
پۇقرالار ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانىنى باشقىلارغا ئۆتۈنۈپ بەرسە، بۇزۇلسا ياكى يىتىپ كەتسە، ئەسلىدىكى ئىگىدار تىزىملىتىش ئۇچۇرىنى ۋاقتىدا ئۆزگەرتىشى ياكى رويخەتتىن ئۆچۈرگۈزۈۋېتىشى كېرەك.
22 – ماددا خەلق ئاۋىياتسىيە تارماقلىرى پۇقرالار ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سۇپىسىدىن پايدىلىنىپ، پۇقرالار ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانىنى تىزىملاش ئۇچۇرىنى مۇۋاپىق پەيتتە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىغا يوللىشى؛ جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى پۇقرالار ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانىنى تىزىملاش ئۇچۇرىنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشى كېرەك.
23 – ماددا پۇقرالار ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلىرى ۋە ئۇلارنى يىراقتىن كونترول قىلىش پونكىتى (ئىستانسىسى)، يۈك توشۇش ۋەزىپىسى قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدىغان سىمسىز رادىيو چاستوتىسى، ئىستانسا (پونكىت)لىرىغا قانۇن بويىچە سىمسىز رادىيو چاستوتىسى ئىشلىتىش ئىجازەتنامىسى ۋە سىمسىز رادىيو ئىستانسىسى تىجارەت كىنىشكىسى بېجىرىش كېرەك.
24 – ماددا پۇقرالار ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانىنىڭ ئىگىدارى ئۈچىنچى تەرەپ مەسئۇلىيەت سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىشقا ئىلھاملاندۇرۇلىدۇ. قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا ئايرىم بەلگىلىمە بولسا، شۇ بەلگىلىمە بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ.

4– باب ئۇچۇشنى باشقۇرۇش

25 – ماددا پۇقرالار ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانى مەشغۇلاتچىلىرى قانۇن بويىچە ئۇچۇش ھەرىكىتىگە مۇناسىپ كېلىدىغان مەشغۇلات سالاھىيىتىنى ھازىرلىشى ۋە مۇناسىپ كىنىشكا ئېلىشى كېرەك.
تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىگە ئۇيغۇن كېلىدىغانلار پۇقرالار ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان مەشغۇلات كىنىشكىسى ئالمىسىمۇ بولىدۇ، لېكىن بىخەتەر مەشغۇلات ماھارىتىنى ھازىرلىشى كېرەك:
1) ئايروپىلاننىڭ ئېغىرلىقى 4 كىلوگرام ياكى ئۇنىڭدىن تۆۋەن، قوزغىلىش ئېغىرلىقى 7 كىلوگىرام ياكى ئۇنىڭدىن تۆۋەن بولغان پۇقرالار ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانى مەشغۇلاتى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار؛
2) پۇقرالار ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانىنى ئۆي ئىچىدە ئۇچۇرغۇچىلار؛
3)تور توسۇق قاتارلىق ئايرىۋېتىلگەن بوشلۇق ئىچىدە پۇقرالار ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانى مەشغۇلاتى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار.
26 – ماددا پۇقرالار ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانى مەشغۇلاتچىلىرى پۇقرالار ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانىنىڭ بىخەتەر ئۇچۇشىغا مەسئۇل بولۇشى ھەمدە تۆۋەندىكى بەلگىلىمىلەرگە رىئايە قىلىشى كېرەك:
1) ئالاقىدار قانۇن – نىزاملار ۋە ئۇچۇش قائىدىسىنى ئىجرا قىلىشى؛
2) ئۇچۇشتىن بۇرۇنقى تەييارلىقنى ياخشى قىلىشى ۋە پۇقرالار ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانىنىڭ ئەھۋالىنى ياخشى تەكشۈرۈشى؛
3) مەشغۇلات كىنىشكىسى ۋە ئۇچۇشقا ئالاقىدار ھۆججەتلەرنى يېنىدا ئېلىپ يۈرۈشى؛
4) بوشلۇقنى باشقۇرۇپ تىزگىنلەشكە بويسۇنۇپ، ئۇچۇش پائالىيىتىنى تەستىقلانغان ئۇچۇش پىلانى بويىچە قانات يايدۇرۇشى كېرەك.
پۇقرالار ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانى مەشغۇلاتچىلىرى ھاراق تۈرىدىكى ئىچىملىكلەر، ناركوز ئۇكۇلى ۋە باشقا دورىلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ئەھۋالدا، پۇقرالار ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانى مەشغۇلاتى بىلەن شۇغۇللانسا بولمايدۇ.
27 – ماددا پۇقرالار ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانىنىڭ ئۇچۇش رايونى باشقۇرۇپ كونترول قىلىنىدىغان رايون ۋە ئىختىيارىي ئۇچۇرۇش رايونىدىن ئىبارەت ئىككى تۈر بويىچە باشقۇرۇلىدۇ؛ مۇھىم پائالىيەتلەر ياكى تاسادىپىي ۋەقەلەرگە يولۇققاندا، ئۇچۇشنى ۋاقىتلىق مەنئى قىلىشتەك باشقۇرۇش تۈزۈمى ئىجرا قىلىنىدۇ.
باشقۇرۇپ كونترول قىلىنىدىغان رايون، ئىختىيارىي ئۇچۇرۇش رايونى ۋە ئۇچۇشنى ۋاقىتلىق مەنئى قىلىش رايونىنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاقىدار تارمىقى ئەمەلىي ئەھۋالغا قاراپ بېكىتىدۇ، ئۇچۇشنى باشقۇرۇش تارمىقى تەستىقلىغاندىن كېيىن جەمئىيەتكە ئاشكارىلايدۇ.
28 – ماددا پۇقرالار ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانىنى باشقۇرۇپ كونترول قىلىنىدىغان رايوندا ئۇچۇرماقچى بولغان ئورۇن ياكى ئىگىدار قانۇن بويىچە ئۇچۇشنى باشقۇرۇش ئورۇنلىرىغا ئۇچۇش بوشلۇقى ۋە ئۇچۇش پىلانىنى ئىلتىماس قىلىپ، تەستىقلانغاندىن كېيىن يولغا قويىدۇ، ئۇچۇشنىڭ پۈتكۈل جەريانىدا نازارەت ۋە تىزگىنلەشنى قوبۇل قىلىدۇ.
پۇقرالار ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانى كونترول قىلىنىدىغان رايوندا ئۆسۈملۈكلەرنى ئاسراش مەشغۇلاتى قىلماقچى بولغان ئورۇن ياكى ئىگىدار يىللىق ئۇچۇش بوشلۇقى ئىلتىماسىنى سۇنىدۇ، ئۇچۇشنى باشقۇرغۇچى تارماق بىر قېتىمدىلا تەستىقلايدۇ؛  ئۇچۇش مەشغۇلاتىدىن بۇرۇن، بەلگىلىمە بويىچە ئۇچۇشنى باشقۇرغۇچى تارماققا ئۇچۇش پىلانىنى دوكلات قىلىدۇ.
پۇقرالار ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانىنى ئۇچۇرماقچى بولغان ئورۇن ياكى ئىگىدار شۇ جايدىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنى ئۇچۇش بوشلۇقى، ئۇچۇش پىلانى ۋە مەشغۇلات خادىمىنىڭ كىنىشكىسى قاتارلىق ئالاقىدار ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلەيدۇ.
29 – ماددا پۇقرالار ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانى تۆۋەندىكى باشقۇرۇپ كونترول قىلىش رايونى بوشلۇقىدا ئۇچماقچى بولسا، قانۇن بويىچە باشقۇرۇش ھوقۇقىغا ئىگە تارماقلارنىڭ تەستىقىنى ئېلىشى كېرەك:
1) پۇقرالار ئايرودۇرۇمى ئۇچۇش – قونۇش يولىدىكى مەركىزىي سىزىقىنىڭ ئىككى تەرىپىدىن 10 كىلومېتىر، ئۇچۇش – قونۇش يولىنىڭ ئاخىرىدىن 20 كىلومېتىر ۋە ھەربىي ئايرودۇرۇم (ھەربىي، پۇقرا ئورتاق ئىشلىتىدىغان ئايرودۇرۇمنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)نىڭ ئۇچۇش – قونۇش يولىدىكى مەركىزىي سىزىقىنىڭ ئىككى تەرىپىدىن 15 كىلومېتىر، ئۇچۇش – قونۇش يولىنىڭ ئاخىرىدىن 20 كىلومېتىر دائىرىدىكى بوشلۇق مۇھاپىزەت رايونى؛
2) ھەربىي ئىشلار بويىچە چەكلەنگەن رايون، ھەربىي ئىشلار بويىچە باشقۇرۇش رايونى ۋە باشقا ھەربىي ئەسلىھەلەر جايلاشقان رايونلار؛
3) تۈرمە، قاماقخانا ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى 100مېتىر دائىرە؛
4) تۆمۈريول، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول، دەرىجىدىن تاشقىرى يۇقىرى بېسىملىق توك يولى ۋە ئۇنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى 50 مېتىر دائىرە؛
5) خەۋەرلىشىش، سۇ، توك، ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەش، خەتەرلىك خىمىيەلىك بۇيۇملارنى ئىشلەپچىقىرىش – ساقلاش ئەسلىھەلىرى، چوڭ تىپتىكى ئامبار قاتارلىق نۇقتىلىق نىشانلار؛
6) چوڭ تىپتىكى ئاممىۋى پائالىيەت سورۇنى، بېكەت، مەكتەپ، دوختۇرخانا قاتارلىق ئادەم زىچ توپلاشقان سورۇنلار؛
7) قانۇن – نىزاملاردا بەلگىلەنگەن ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەلگىلىگەن باشقا نۇقتىلىق نىشانلار، مۇھىم رايونلار.
30 – ماددا پۇقرالار ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانى ئىختىيارىي ئۇچۇرۇش رايونى دائىرىسىدە ئۇچسا، ئۇچۇش بوشلۇقى ۋە ئۇچۇش پىلانىنى تەستىقلاتمىسىمۇ بولىدۇ، لېكىن شۇ رايوننىڭ بەلگىلەنگەن دائىرىسىدىن ھالقىپ كەتمەسلىكى، كۈندۈزدە كۆرۈش دائىرىسى ئىچىدە ئۇچۇشى، ئۇچۇش رادىيوسى 500 مېتىردىن ئېشىپ كەتمەسلىكى، يەر يۈزىدىن ئېگىزلىكى 120 مېتىردىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك.
31 – ماددا ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ پۇقرالار ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانىدىن پايدىلىنىپ تۆۋەندىكىدەك قىلمىشلارنى سادىر قىلىشىغا بولمايدۇ:
1) ھەربىي ئىشلار ئەسلىھەلىرى، پارتكوم، ھۆكۈمەت ئورگىنى ۋە باشقا مەخپىي سورۇنلارنى ئوغرىلىقچە سۈرەتكە تارتىش؛
2) ئورگان، تەشكىلات، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنىڭ نورمال تەرتىپىنى قالايمىقان قىلىش؛
3) شەھۋانىي، سېرىق، قىمار، خۇراپاتلىق، تېررورلۇق، زوراۋانلىق ياكى دىنىي ئەسەبىي ئىدىيە قاتارلىق مەزمۇنلاردىكى تەشۋىقات بۇيۇملىرىنى تاشلاش؛
4)پارتلايدىغان، زەھەرلىك، رادىياتسىيەلىك، چىرىتىشچان ماددىلار ياكى يۇقۇملۇق كېسەل قوزغاتقۇچى ماددىلارنى تاشلاش؛
5) باشقىلارنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكى ۋە مال – مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈش، ئاممىۋى ئەسلىھەلەرنى بۇزۇش؛
6) شەخسىي مەخپىيەتلىكنى ئوغرىلاش، ئوغرىلىقچە سۈرەتكە تارتىش؛
7) قانۇن – نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باشقا قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلار.

5 – باب جىددىي بىر تەرەپ قىلىش

32  –  ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى پۇقرالار ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانىنىڭ بىخەتەرلىكىنى جىددىي باشقۇرۇشنى ھۆكۈمەتنىڭ جامائەت بىخەتەرلىكى بويىچە تاسادىپىي ۋەقەلەرنى جىددىي باشقۇرۇش سىستېمىسىغا كىرگۈزۈشى، ئۇچۇرلاردىن ئۆزئارا خەۋەرلەندۈرۈش، ماسلىشىشتەك جىددىي بىرتەرەپ قىلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى كېرەك.
   جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى پۇقرالار ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانىنىڭ ئۇچۇش بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش بويىچە جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى تۈزۈشى، قەرەللىك مانېۋىر ئۆتكۈزۈپ، جىددىي بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.
33 – ماددا باشقۇرۇپ كونترول قىلىش دائىرىسىدىكى ئورۇنلار ئەمەلىي ئەھۋالغا ئاساسەن، ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندىن مۇداپىئە كۆرۈش، قارشى تەدبىر قوللىنىش قاتارلىق تېخنىكىلىق جابدۇقلارنى سەپلىشى كېرەك.
34 – ماددا پۇقرالار ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانىنى ئىشلەتكۈچى ئورۇن ياكى شەخسلەر پۇقرالار ئاۋىياتسىيەسى تارماقلىرىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، ئۇچۇش جەريانىدىكى جىددىي ئەھۋاللارنى بىر تەرەپ قىلىش لايىھەسىنى تۈزۈپ، خەۋپ – خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى تەكشۈرۈپ، بىخەتەرلىككە دائىر يوشۇرۇن خەۋپلەرنى تۈگىتىشى كېرەك.
35 – ماددا پۇقرالار ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانىنى ئىشلەتكۈچىلەر ئادەملەرنىڭ ھاياتى ۋە مال – مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان جىددىي ئەھۋاللارغا يولۇققاندا، دەرھال تەدبىر قوللىنىپ، ئۆلۈش، يارىلىنىش ئەھۋاللىرىنىڭ سادىر بولۇشى ۋە مال – مۈلۈكنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىدىن ساقلىنىشى كېرەك؛ ئۇچۇش بىخەتەرلىكى ۋە جامائەت بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلسە، ۋەقە يۈز بەرگەن جايغا ئەڭ يېقىن جايدىكى  جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى، ئۇچۇشنى باشقۇرۇش تارمىقى، خەلق ئاۋىياتسىيەسى تارمىقى قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلارغا دەرھال دوكلات قىلىشى كېرەك.
36 – ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى پۇقرالار ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانىنىڭ قانۇنغا خىلاپ ئۇچقانلىقىنى بايقىغاندا، ئىشلەتكۈچى، ئىگىدارنى دەرھال تەكشۈرۈپ تېپىپ، ئۇچۇشنى توختىتىشقا بۇيرۇشى، ئالاقىدار بۇيۇملارنى قانۇن بويىچە تۇتۇپ قېلىشى؛ جامائەت تەرتىپىنى قالايمىقان قىلىش ياكى جامائەت بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈش ئەھۋالى كۆرۈلسە، قانۇن بويىچە جىددىي بىر تەرەپ قىلىش تەدبىرىنى قوللىنىشى كېرەك.

6 –  باب قانۇن جاۋابكارلىقى

37 – ماددا پۇقرالار ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلىرىنى باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالغان تارماقلار ۋە ئۇلارنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە – كەلمەس پايدىلانسا، خىزمەتتە مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلسا، نەپسانىيەتچىلىك قىلسا، قانۇن بويىچە جازالىنىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.
38 – ماددا مۇشۇ بەلگىلىمىنىڭ 17 – ماددا 1 – تارماق 1 – تارماقچىسىدىن 3 – تارماقچىسىغىچە بولغان بەلگىلىمىلەرگە، 18 – ماددا 2 – تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە، 19 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغۇچىلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سۈپەت – تېخنىكا نازارەتچىلىكى تارمىقى ۋە سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى ئۆز مەسئۇلىيىتىگە ئاساسەن، مەھسۇلات سۈپىتىگە ئالاقىدار قانۇن – نىزاملار بويىچە جازالايدۇ.
39 – ماددا مۇشۇ بەلگىلىمىگە خىلاپ تۆۋەندىكى قىلمىشلاردىن بىرى سادىر بولسا، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى تۈزىتىشكە بۇيرۇپ، پۇقرالارغا 200 يۈەندىن تۆۋەن؛ ئورۇنلارغا 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 30 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ:
1) پۇقرالار ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانىنى ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننىڭ مەھسۇلات ئۇچۇرىنى تىزىملىمىسا؛
2) پۇقرالار ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانىنى سېتىش كارخانىلىرى سېتىش تىزىملىكىنى تۇرغۇزمىسا؛
3) پۇقرالار ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانىنىڭ ئىگىدارى بەلگىلىمە بويىچە تىزىمغا ئالدۇرمىغان، تىزىمغا ئالدۇرۇش ماركىسى چاپلىمىغان ياكى بەلگىلىمە بويىچە تىزىمغا ئالدۇرۇش ئۇچۇرىنى ئۆزگەرتمىگەن، رويخەتتىن ئۆچۈرمىگەن بولسا؛
40 – ماددا مۇشۇ بەلگىلىمىنىڭ 29 – ماددىسى 1 – تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، قىلمىشى ئېغىر بولسا، ‹‹پۇقرالار ئايرودۇرۇمىنى باشقۇرۇش نىزامى›› بويىچە 20 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ 2 – ، 3 – ، 4 – ، 5 – ، 6 – تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارنى سادىر قىلغانلارغا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ئاگاھلاندۇرۇش بېرىدۇ ھەمدە پۇقرالارغا 200 يۈەندىن تۆۋەن؛ ئورۇنلارغا 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 30 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.
41 – ماددا مۇشۇ بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئامانلىق باشقۇرۇش بەلگىلىمىسىگە خىلاپ قىلمىشلارنى سادىر قىلغانلارغا قانۇن بويىچە ئامانلىق باشقۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.
42 – ماددا مۇشۇ بەلگىلىمىگە خىلاپ بولغان، قانۇن جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشقا تېگىشلىك باشقا قىلمىشلار ئالاقىدار قانۇن – نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.

7 – باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

43 – ماددا ئاۋىياتسىيە تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىگە ئىشلىتىلىدىغان پىلانېر، يەلكەنسىمان پاراشۇت، موتورلۇق پاراشۇت قاتارلىق ئۇچقۇ (بۇيۇم) ياكى ئۇچقۇچىسىز گاز شارى، دىرژابىل، لەگلەك، كۇڭمىڭ پانۇسى قاتارلىق بوشلۇقتا ئۇچىدىغان بۇيۇملارنى باشقۇرۇشتا، ئالاقىدار قانۇن – نىزام، بەلگىلىمىلەر تەتبىقلىنىدۇ؛ ئۇلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش مۇشۇ بەلگىلىمە بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ.
44 – ماددا بۇ بەلگىلىمە 2018 – يىلى7 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.
 

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى