تەڭرىتاغ تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا باش نىشان بايرىقىنى جەۋلان قىلدۇرايلى

ـــ مەركەزنىڭ 2–قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغانلىقىنىڭ تۆت يىللىقى توغرىسىدا چاتما ئوبزور (2)

 شىنجاڭ گېزىتى ئوبزورچىسى

   ‹‹ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانى››، مەركەزنىڭ 2 – قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئەھۋالنى كۆزىتىپ، ۋەزىيەتنى مۆلچەرلەپ ۋە پىلانلاپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتىنى كۆزلەپ، دۆلەت ئىچى، خەلقئارادىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ئومۇمىيەتنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، ئالدىنقىلارنىڭ ئىشلىرىغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئاچىدىغان زور ئىستراتېگىيەلىك تەدبىرنى چىقاردى. بۇ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچى ۋەزىيىتىگە ئاساسەن چىقارغان زور ئىستراتېگىيەلىك ھۆكۈمى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىگە بولغان ئىلمىي ئورۇن بەلگىلىشى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە بولغان سەمىمىي غەمخورلۇقى بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە تامامەن ئۇيغۇن، دانا، توغرا، دەۋر بۆلگۈچ خاراكتېرلىك، بەلگە خاراكتېرلىك، ئابىدە خاراكتېرلىك ئەھمىيەتكە ئىگە.

   شىنجاڭ خىزمىتىنى چوقۇم پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت ئومۇمىيىتىگە قويۇپ پىلانلاش، ئۇنىڭغا باھا بېرىش كېرەك. ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكتىن ئىبارەت بۇ باش نىشان شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ ‹‹يىلتىزى›› ۋە ‹‹روھى››نى تۇتقا قىلغان بولۇپ، پۈتۈن پارتىيەدە، پۈتۈن مەملىكەتتە يۇقىرىدىن – تۆۋەنگىچە شىنجاڭ خىزمىتىگە بولغان ئىدىيە ۋە تونۇشنى ئايدىڭلاشتۇردى ۋە بىرلىككە كەلتۈردى. شىنجاڭ ۋەتىنىمىزنىڭ غەربىي شىمالىدىكى مۇھىم بىخەتەرلىك توسۇقى، شىنجاڭنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورنى ئالاھىدە، شىنجاڭ دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەر ئالاھىدە، شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئەھمىيىتى ناھايىتى زور. شىنجاڭدا ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك بولغاندىلا، ئاندىن ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغدىغىلى، تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ تېز تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرغىلى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلىغىلى، پۈتۈن مەملىكەت بىلەن بىرلىكتە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۆھپە قوشقىلى بولىدۇ. ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك كىشىلەرنىڭ ئۈمىد – ئارزۇسى، ئومۇمىي ۋەزىيەتنىڭ يۈزلىنىشىدۇر. تارىخ شۇنى كۈچلۈك ئىسپاتلىدىكى، شىنجاڭدا مۇقىملىق بولمىسا ھەممە ئىش نۆلگە تەڭ بولىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي ئومۇمىيىتى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم، تەرەققىيات يۈزلىنىشى ياخشى بولدى. لېكىن، شۇنىمۇ سەگەكلىك بىلەن كۆرۈشىمىز كېرەككى، ‹‹ئۈچ مەزگىل گىرەلىشىپ كەتكەن›› كەسكىن ۋەزىيەت تۈپتىن ئۆزگەرگىنى يوق، شىنجاڭنىڭ ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ئۇزاق مەزگىللىك، مۇرەككەپ، ئۆتكۈر بولۇپ، ھەتتا بەزىدە ئىنتايىن كەسكىنلىشىپ كېتىدۇ. شىنجاڭ دۇچ كەلگەن خىرىس يەنىلا ئىنتايىن كەسكىن ۋە مۇرەككەپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش ۋەزىپىسى يەنىلا ئىنتايىن مۈشكۈل ۋە ئېغىر، ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك چوڭقۇر قاتلاملىق مەسىلىلەرنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىزگە تاپشۇرغان زور سىياسىي ۋەزىپە، تەيشەن تېغىدىنمۇ ئېغىر سىياسىي مەسئۇلىيەت بولۇپ، چوقۇم قەتئىي تەۋرەنمەي ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇشىمىز، ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز كېرەك.

   نىشان يۆنىلىشنى بەلگىلەيدۇ، نىشان كۈچنى مۇجەسسەملەيدۇ. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، مەركەزدىكى دۆلەت ئورگانلىرى، مەركەز كارخانىلىرى، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان 19 ئۆلكە، شەھەرنىڭ خالىس ياردىمى، زور كۈچ بىلەن قوللىشى نەتىجىسىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش نىشاننى باشتىن – ئاخىر كۆزلەش نۇقتىسى ۋە كۈچەش نۇقتىسى قىلىپ، باش نىشان ئارقىلىق خىزمەتلەرگە بىر تۇتاش يېتەكچىلىك قىلىپ، كۆپ خىل تەدبىر قوللىنىپ، كۆپ تەرەپ تەڭ تۇتۇش قىلىپ، بارلىق خىزمەتلەرنى باش نىشاننى چۆرىدىگەن ھالدا پىلانلىدى، قانات يايدۇردى، ئىلگىرى سۈردى. ھازىر، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي ئومۇمىيىتى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولدى، ئىقتىسادى سىجىل، ساغلام تەرەققىي قىلدى، خەلق تۇرمۇشى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاندى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى پۇختا تەرەققىي قىلدى، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى كۈنسېرى كۈچەيدى. مۇقىم بولغان ئىجتىمائىي مۇھىت ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئەڭ مۇھىم شارائىت، ئەڭ كۈچلۈك قوللاشقا ئىگە قىلدى.

   ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە تامامەن ئۇيغۇن، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئارزۇ – ئۈمىدىگە، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن بولۇپ، تامامەن توغرا. بىز بۇنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇشىمىز، ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز، ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى چوقۇم قەتئىي تەۋرەنمەي ساقلىشىمىز، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا يۇقىرىدىن – تۆۋەنگىچە ھەممەيلەن ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشان بايرىقىنى باشتىن – ئاخىر جەۋلان قىلدۇرۇشىمىز، مىخ قېقىش روھى بىلەن تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز، داغدۇغىلىق ھالدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى قاتتىق تۇتۇشىمىز، تېخىمۇ زور ئىرادە، تېخىمۇ زور سالماق، تېخىمۇ زور مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى قوغداشنىڭ پولات ئىستىھكامىنى قەتئىي مۇستەھكەملىشىمىز كېرەك.                                
 

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • جۇڭگو ـ ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ئېچىۋېتىش يولىنى بارغانسېرى كېڭەيتمەكتە
  • تەڭرىتاغ بوغدا كۆلى مەنزىرە رايونى ساياھەتچىلەرگە لىق تولدى
  • ھەر مىللەت ئامما بايرامنى خۇشال ئۆتكۈزدى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى