تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن تۈرتكە بولايلى

شىنجاڭ گېزىتى ئوبزورچىسى

   ئاپتونوم رايوننىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش يىغىنىدا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 – ، 3 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، شى جىنپىڭنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، مەملىكەتلىك ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش يىغىنىنىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانى زىچ چۆرىدىلىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش خىزمىتى مۇھاكىمە قىلىنىپ ۋە ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى يۇقىرىدىن – تۆۋەنگىچە ھەممەيلەن مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى قايتما ئىنكاس قىلغان مەسىلىلەرنى تۈزەشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە سەپەرۋەر قىلىندى. بۇ قېتىمقى يىغىن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش توغرىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش جېڭىدە غەلىبە قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشىمىزدا ئالاھىدە زور ئەھمىيەتكە ئىگە.

   ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مەڭگۈلۈك تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك تۈپ زور پىلان. يېقىندا ئېچىلغان مەملىكەتلىك ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلىپ، پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان ئېلىمىزنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش خىزمىتىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەر، يۈز بەرگەن تارىخىي ئۆزگىرىشلەرنى ئومۇميۈزلۈك خۇلاسىلىدى، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى مۇپەسسەل شەرھلىدى، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتە جەزمەن چىڭ تۇرۇشقا تېگىشلىك مۇھىم پىرىنسىپلارنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنى كۈچەيتىش، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش جېڭىنى ياخشى قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇردى، بۇ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ھەرىكەت پىروگراممىسى ۋە ئىلمىي كۆرسەتمىسى. بىز سىياسىي يۈكسەكلىكىمىزنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، ‹‹تۆت ئاڭ››نى كۈچەيتىپ، شى جىنپىڭنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنىڭ مول مەزمۇنىنى ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق ئۆگىنىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش جېڭىنى ياخشى قىلىشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى مەملىكەتلىك ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش يىغىنى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ئاساسىدا قەتئىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش قۇرۇلۇشىنى ياخشى قىلىشتىكى ئىدىيە ئاڭلىقلىقىمىز ۋە ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىمىزنى ھەقىقىي كۈچەيتىشىمىز كېرەك.

   ئاپتونوم رايوننىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش يىغىنىدا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ خىزمەت نىشانى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، بۇ ھەم كىشىنى روھلاندۇرىدۇ، كىشىگە ئىلھام بېرىدۇ، ھەم بۇ ئۇلۇغ تارىخىي ۋەزىپىنى ئورۇنداش ئۈچۈن ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە يۇقىرىدىن – تۆۋەنگىچە ھەممەيلەننىڭ بىر مەقسەتتە، بوشاشماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. بىز مەملىكەتلىك ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش يىغىنى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشتىكى ئومۇمىي تەلىپى، نىشان – ۋەزىپىسى ۋە زور تەدبىرلىرىنى پۇختا ئىگىلەپ، مىخ قېقىش روھى بىلەن ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى پۇختا، ھەقىقىي چىڭ تۇتۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك.

   ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن تۈرتكە بولۇشتا، ئالدى بىلەن سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، ‹‹تۆت ئاڭ››نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش توغرىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئاساسىدا ھەقىقىي بىرلىككە كەلتۈرۈشىمىز كېرەك. كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا، ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى باش شۇجىنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى ئىنتايىن مۇھىم  بولغان مۇپەسسەل يەكۈنى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈشىمىز؛ باش شۇجىنىڭ پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىدىكى تارىخىي نەتىجىلىرى توغرىسىدىكى سىستېمىلىق يەكۈنى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈشىمىز؛ باش شۇجىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشتا دۇچ كەلگەن كەسكىن ۋەزىيەت توغرىسىدىكى زور ھۆكۈمى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈشىمىز؛ باش شۇجىنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ پىرىنسىپلىرىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈشىمىز؛ باش شۇجىنىڭ بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش جېڭىنى ياخشى قىلىش توغرىسىدىكى ئىلمىي ئورۇنلاشتۇرمىسى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈشىمىز؛ باش شۇجىنىڭ پارتىيەنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىغا بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى ئېنىق تەلىپى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈشىمىز كېرەك.  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەلىپىگە قەتئىي ئەمەل قىلىپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى قەتئىي زىممىمىزگە ئېلىشىمىز كېرەك، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئاستىراق بولسىمۇ بولسۇنكى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قەتئىي قۇربان قىلىشقا بولمايدۇ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇشتىكى كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ئارقىلىق يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنى، پۈتۈن ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت ئاممىسىنى رازى قىلىشىمىز كېرەك.

   ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە  پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن تۈرتكە بولۇشتا، چوقۇم نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى گەۋدىلەندۈرۈشىمىز، ئاچقۇچلۇق ھالقىلارنى چىڭ تۇتۇشىمىز شەرت. يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى ۋە سىياسىي نەتىجە قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇشىمىز؛ ئېكولوگىيە قىزىل سىزىقى ۋە تۆۋەن چېكىنى چىڭ ساقلىشىمىز؛ كۆك ئاسماننى قوغداش جېڭى، سۈزۈك سۇنى قوغداش جېڭى، پاكىز تۇپراقنى قوغداش جېڭى، يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەش ھەرىكىتىدىن ئىبارەت تۆت بەلگە خاراكتېرلىك چوڭ جەڭنى قەتئىي ياخشى قىلىشىمىز؛ يېشىل تەرەققىياتنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، يېشىل تەرەققىيات شەكلى، يېشىل تۇرمۇش شەكلىنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشىمىز؛ ئېكولوگىيەنى قوغداش – ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئېكولوگىيە بىخەتەرلىك توسقىنى كۈچەپ قۇرۇپ، تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، شەھەر – بازارلارنىڭ ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈشىمىز؛ مۇھىتنى تۈزەش ئىقتىدارىمىز ۋە سەۋىيەيىمىزنى ئۆستۈرۈپ، كۆپ مەنبەلىك مۇھىت سېلىنمىسى مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مۇھىتنى تۈزەش تېخنىكا سەۋىيەيىمىزنى ئۆستۈرۈپ، مۇھىت قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغانلار تۆلەيدىغان بەدەلنى زور دەرىجىدە ئېغىرلىتىشىمىز كېرەك.

   ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن تۈرتكە بولۇشتا، مەسىلە يۆنىلىشىدە جەزمەن چىڭ تۇرۇپ، مەركەزنىڭ مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش قايتما پىكرى بويىچە تۈزەشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك. مەركەزنىڭ مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش قايتما پىكرى بويىچە تۈزەشنى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھازىرقى ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشتىكى نۇقتىلىق خىزمەت، ئۇنىۋېرسال تۇتقا قىلىشىمىز، تۈزىتىش خىزمىتىنى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىش، جاۋابكارلىقنى ئىز قوغلاپ سۈرۈشتۈرۈش، بىڭتۈەن بىلەن يەرلىك ھەمتۈرتكە بولۇش، ئاشكارا ئېلان قىلىش تەلىپى بويىچە، تۈزەش ۋەزىپىسىنى كەم – كوتسىز ياخشى ئورۇندىشىمىز كېرەك.

   ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ تۆھپىسى ھازىرقىلارغا، پايدىسى ئەۋلادلارغا مەنسۇپ. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى ياخشى پۈتۈش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالايلى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى