تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

ئاپتونوم رايوننىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش يىغىنى ئېچىلدى

ئاپتونوم رايوننىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلەندى:

شى جىنپىڭنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن كۈچەيتىپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش كېرەك

چېن چۈەنگو، شۆھرەت زاكىر سۆز قىلدى، شاۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ، لى پېڭشىن يىغىنغا قاتناشتى

   مۇخبىرىمىز ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايوننىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش يىغىنى 5 – ئاينىڭ 29 – كۈنى ئېچىلدى. يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 –، 3 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شى جىنپىڭنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىپ، تىرىشىپ گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى ياخشى پۈتۈش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىش كېرەك.

   ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر سۆز قىلدى. ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن شاۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ، لى پېڭشىن، شۈ خەيرۇڭ، ئەركىن تۇنىياز، ما شۆجۈن، تيەن ۋېن، سارقىت ئاقان يىغىنغا قاتناشتى.

   چېن چۈەنگو سۆزىدە مۇنداق كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى ماركسىزملىق مەيدان، قاراش، ئۇسۇل ۋە خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ زور ئىستراتېگىيەلىك تەپەككۇرىنى، چوڭقۇر تارىخىي نەزەرىنى، كەڭ دۇنياۋى نەزەرىنى، ئېنىق مەسىلە يۆنىلىشىنى، چوڭقۇر خەلق تۇرمۇشى ھېسسىياتىنى، كۈچلۈك مەسئۇلىيەتچانلىقىنى تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش جېڭىدە غەلىبە قىلىش قەتئىي ئىرادىسى، كۈچلۈك ئىشەنچىسىنى تولۇق نامايان قىلىپ بەردى، بۇ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشتىكى ھەرىكەت پىروگراممىسى، ئىلمىي قوللانما. سىياسىي يۈكسەكلىكنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، ‹‹تۆت ئاڭ››نى كۈچەيتىپ، شى جىنپىڭنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنىڭ مول مەزمۇنىنى ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش جېڭىنى ياخشى قىلىشنىڭ زور ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى مەملىكەتلىك ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش يىغىنى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ئاساسىدا قەتئىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش قۇرۇلۇشىنى ياخشى قىلىشتىكى ئىدىيە ئاڭلىقلىقى ۋە ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى ھەقىقىي كۈچەيتىش كېرەك.

   چېن چۈەنگو مۇنداق كۆرسەتتى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەت باشتىن – ئاخىر ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ۋە مۇھىت ئاسراش خىزمىتىنى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، خىزمەت سالمىقىنى سىجىل زورايتتى. ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئەھۋالى ۋە سۈپىتى كۆرۈنەرلىك ياخشىلانغان بولسىمۇ، بىراق ھەر قايسى جەھەتتىكى ئامىللارنىڭ تەسىرى تۈپەيلىدىن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش ۋەزىيىتى يەنىلا كەسكىن، ۋەزىپە مۈشكۈل ۋە ئېغىر. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 – ، 3 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەملىكەتلىك ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش يىغىنىنىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تېجەشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، قوغداشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، تەبىئىي ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئاساس قىلىش فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئاسمىنىنى تېخىمۇ كۆك، زېمىنىنى تېخىمۇ يېشىل، سۈيىنى تېخىمۇ سۈزۈك، مۇھىتىنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىش كېرەك. بىرىنچىدىن، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى ۋە توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى پۇختا تۇرغۇزۇش كېرەك. ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناق مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىدىن ئىبارەت ئىلمىي تەبىئەت قارىشى، ‹‹سۇلار سۈزۈك، تاغلار يېشىل بولۇشنىڭ ئۆزى بىر بايلىق، قار – مۇزمۇ بايلىق›› دېگەن مۇھىم تەرەققىيات ئىدىيەسى، ياخشى ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئەلگە ئەڭ نەپ يەتكۈزىدۇ دېگەن ئاساسىي مەقسەت روھى، تاغ، سۇ، ئورمان، ئېتىز، كۆل، يايلاقلار ھاياتلىق ئورتاق گەۋدىسى ئىكەنلىكىدەك سىستېمىلىق ئىدىيەنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئىككىنچىدىن، ئېكولوگىيە قىزىل سىزىقى ۋە تۆۋەن چېكىنى قاتتىق ساقلاش كېرەك. ئېكولوگىيەنى قوغداشنى 1 – ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىشنى تېزلىتىپ، يانداش تۈزۈمنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مۇھىت ئىجازىتىنىڭ پاسسىپ تىزىملىكى، ئېكولوگىيەنى قوغداش قىزىل سىزىقى، مۇھىت سۈپىتى تۆۋەن چېكى، بايلىقتىن پايدىلىنىش يۇقىرى چېكىنى قەتئىي ئىجرا قىلىپ، تۈزۈمنى ئىجرا قىلىشنى چىڭىتىپ، تۈزۈمنى قاتتىق چەكلىمە ۋە چېقىلغىلى بولمايدىغان يۇقىرى بېسىملىق توك سىمىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك. ئۈچىنچىدىن، بۇلغىمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلىش كېرەك. گەۋدىلىك ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى خەلق تۇرمۇشىدىكى ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ساھە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەۋزەل كۈچلەرنى توپلاپ، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ كۈچىنى سەپەرۋەر قىلىپ، كۆپنىڭ ئەقىل – پاراسىتى ۋە كۈچ – قۇدرىتىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئامما ئالدىنى ئېلىپ ۋە تۈزەپ، تۆت مەيدان بەلگە خاراكتېرلىك زور جەڭنى ياخشى قىلىش كېرەك. كۆك ئاسماننى قوغداش جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلىپ، پۇقرالارغا كۆك ئاسمان، ئاق بۇلۇت، جىمىرلاپ تۇرغان يۇلتۇزلارنى قايتۇرۇپ بېرىش؛ سۈزۈك سۇنى قوغداش جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلىپ، پۇقرالارغا سۈزۈك سۇ، يېشىل قىرغاق، بېلىقلار ئۈزۈپ يۈرگەن، سۇنىڭ تېگىنى كۆرگىلى بولىدىغان مەنزىرىنى قايتۇرۇپ بېرىش؛ تۇپراقنى قوغداش جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلىپ، پۇقرالارنى خاتىرجەم ئىستېمال قىلىش، خاتىرجەم ئولتۇراقلىشىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش؛ يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەش ھەرىكىتىنى ئىزچىل قانات يايدۇرۇپ، پۇقرالار ئۈچۈن قۇشلار يېقىملىق سايرىشىدىغان، گۈللەر خۇش ھىدىنى تارىتىدىغان يېزا مەنزىرىسىنى ساقلاپ قېلىش كېرەك. تۆتىنچىدىن، يېشىل تەرەققىياتنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. بىر تەرەپتىن يېشىل تەرەققىيات ئۇسۇلىنى شەكىللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كەسىپلەر قۇرۇلمىسى ۋە ئېنېرگىيە قۇرۇلمىسىنى كۈچەپ تەڭشەپ، زامانىۋى ئىقتىساد سىستېمىسىنى تېزدىن بەرپا قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. يەنە بىر تەرەپتىن يېشىل تۇرمۇش ئۇسۇلىنى شەكىللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاددىي – مۇۋاپىق، يېشىل – تۆۋەن كاربونلۇق تۇرمۇش ئۇسۇلىنى زور كۈچ بىلەن تەشەببۇس قىلىپ، بايلىقنى ئومۇميۈزلۈك تېجەش ۋە ئۇنىڭدىن تەكرار پايدىلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىشلەپچىقىرىش سىستېمىسى ۋە تۇرمۇش سىستېمىسىنىڭ ئايلانما باغلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. بەشىنچىدىن، ئېكولوگىيەنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى كۈچەيتىش كېرەك. قوغداشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، تەبىئىي ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تەبئىي ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكى توسقىنى كۈچەپ قۇرۇپ چىقىپ، تەبئىي مۇھاپىزەت رايونى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، شەھەر – بازارلارنىڭ ئېكولوگىيەلىك قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېكولوگىيە سىستېمىسىنىڭ سۈپىتى ۋە مۇقىملىق دەرىجىسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. ئالتىنچىدىن، مۇھىتنى تۈزەش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. مەمۇرىيەت، بازار، قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش، پەن – تېخنىكا قاتارلىق كۆپ خىل ۋاسىتىلەردىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىپ، مۇھىت تۈزەشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كۆپ مەنبەلىك مۇھىت ئاسراش سېلىنمىسى مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇھىت تۈزەش تېخنىكا سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، مۇھىت ئاسراشتا قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلار تۆلەيدىغان بەدەلنى زور دەرىجىدە ئېغىرلىتىش كېرەك. يەتتىنچىدىن، مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى قايتما ئىنكاس قىلغان مەسىلىلەرنى تۈزىتىشنى ياخشى تۇتۇش كېرەك. مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى قايتما ئىنكاس قىلغان مەسىلىلەرنى تۈزىتىشنى زور سىياسىي ۋەزىپە سۈپىتىدە ياخشى تۇتۇپ، مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىپ، جاۋابكارلىقنى ئىز قوغلاپ سۈرۈشتۈرۈپ، بىڭتۈەن بىلەن يەرلىك ھەمتۈرتكە بولۇپ، ئاشكارا ئېلان قىلىپ، تۈزىتىش ۋەزىپىسىنى كەم – كوتسىز ياخشى تاماملاش كېرەك.

   چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك، بىر تۇتاش رەھبەرلىكىدە، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي زىممىگە ئېلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى دەل جايىدا كەم – كوتسىز ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. مەسئۇلىيەتنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، ھۆكۈمەت ۋە بىڭتۈەن، شى (شەھەر) ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش جېڭىنى ياخشى قىلىشنى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، ‹‹پارتىيە، ھۆكۈمەت تەڭ مەسئۇل بولۇش، بىر ئىش ئورنىدا قوش مەسئۇلىيەت بولۇش››نى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈشى؛ پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى ئۆز مەمۇرىي رايونىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى قوغداشتىكى 1 – مەسئۇل كىشى بولۇشى؛ ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلار ئىش تەقسىماتى بويىچە ھەمكارلىشىپ، ئورتاق كۈچ چىقىرىپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش جېڭىدە غەلىبە قىلىش قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچىنى شەكىللەندۈرۈشى كېرەك. قاتتىق تەكشۈرۈپ باھالاش كېرەك. قاتتىق تەكشۈرۈپ باھالاشتىن ئىبارەت ‹‹دىرىژورلۇق تايىقى››نى ھەقىقىي ياخشى ئىشلىتىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى باشتىن سۈرۈشتۈرۈش؛ مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈشتىكى  ئەڭ قاتتىق تۈزۈمنى يولغا قويۇپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقا زىيان يەتكۈزگەن، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرمىگەن، تەدبىرى كۈچلۈك بولمىغان، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشى قاتتىق بولمىغان، ئېغىر ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقارغانلارنى قانۇن، ئىنتىزام، قائىدە بويىچە قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈپ، ئاخىرغىچە سۈرۈشتۈرۈش، ئۆمۈرلۈك سۈرۈشتۈرۈش؛ تىپىك دېلولارنىڭ ئۆرنەكلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈشنىڭ كۈچلۈك سىگنالىنى تارقىتىش؛ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىش ۋە ئۇزاققىچە تۆھپە قوشۇشنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا ئىگىلەپ، ھەممىدە ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىپ، كۆز ئالدىدىكى مەنپەئەتكىلا بېرىلىشنىڭ ئالدىنى قەتئىي ئېلىپ، ئېغىزدىكى گەپلا بولۇپ قېلىشتىن ساقلىنىش كېرەك. كادىرلار قوشۇنىنى كۈچەيتىش كېرەك. ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇھىت ئاسراش تۆمۈر قوشۇنىنى قۇرۇپ، مۇھىت ئاسراش كادىرلىرىغا غەمخورلۇق قىلىپ، كۆيۈنۈپ، مۇھىت ئاسراش كادىرلىرىنىڭ ئىش بېجىرىش، كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىش ئاكتىپلىقى ۋە تەشەببۇسكارلىقىنى تولۇق قوزغاش كېرەك. ياخشى كەيپىيات شەكىللەندۈرۈش كېرەك. ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى تەشۋىق  –  تەربىيەسىنى چوڭقۇر، ئۇزاققىچە قانات يايدۇرۇپ، پۈتۈن جەمئىيەتنى ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئېڭىنى تىكلەشكە يېتەكلەپ، ئومۇمىي خەلقنى ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىشقا سەپەرۋەر قىلىپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشنى پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئاڭلىق ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك.

   شۆھرەت زاكىر مۇنداق كۆرسەتتى: ‹‹تۆت ئاڭ››نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش توغرىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسى ئاساسىدا ھەقىقىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، شى جىنپىڭنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش خىزمىتىدىكى ئاڭلىقلىق، مەسئۇلىيەت ئېڭى ۋە تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىش كېرەك. ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش خىزمىتىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، ‹‹ئۈچ يۇقىرى›› تۈرلەرنىڭ شىنجاڭغا كىرىشىنى قاتتىق چەكلەپ، مۇھىت بۇلغىنىشىنى مەنبەدىن ئالدىنى ئېلىش؛ بۇ يىلنىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن ئېكولوگىيەنى قوغداش قىزىل سىزىقىنى بېكىتىش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك تاماملاپ، قىزىل سىزىق ئارقىلىق مۇھىم ئېكولوگىيە بوشلۇقىنى باشقۇرۇش – كونترول قىلىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش؛ سۇ مۇھىتى، ئاتموسفېرا مۇھىتى، تۇپراق مۇھىتىنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت سۈپىتىنىڭ تۆۋەن چېكىنى ئايرىپ چىقىش؛ ئېنېرگىيەدىن پايدىلىنىش، سۇ بايلىقىدىن پايدىلىنىش، زېمىن بايلىقىدىن پايدىلىنىشتىكى ‹‹ئۈچ يۇقىرى چەك››نى گەۋدىلەندۈرۈپ، تەبىئىي ئېكولوگىيەگە ئارام ئېلىپ ئەسلىگە كېلىدىغان ۋاقىت ۋە بوشلۇق قالدۇرۇش كېرەك. ‹‹ئاپتونوم رايوننىڭ ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش ھەرىكەت پىلانىنى يولغا قويۇش لايىھەسى››نى ياخشى يولغا قويۇپ، ئاتموسفېرا مۇھىت سۈپىتىنى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاش؛ دەريا باشلىقى تۈزۈمى، كۆل باشلىقى تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ‹‹ئاپتونوم رايوننىڭ سۇ بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش خىزمىتى لايىھەسى››نى ياخشى يولغا قويۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ سۇ ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئەھۋالىنىڭ داۋاملىق ياخشىلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش؛ ‹‹ئاپتونوم رايوننىڭ تۇپراق بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش خىزمىتى لايىھەسى››نى ياخشى يولغا قويۇپ، شىنجاڭنىڭ تۇپراق مۇھىتى بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش؛ ‹‹ئاپتونوم رايوننىڭ يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەش ئۈچ يىللىق ھەرىكەت پىلانىنى يولغا قويۇش لايىھەسى››نى ياخشى يولغا قويۇپ، يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلاش كېرەك. ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى كۆزدە تۇتۇپ، 1 – كەسىپنىڭ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، 2 – كەسىپتە مۇھىم نۇقتىنى تۇتۇش، 3 – كەسىپنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېشىل تەرەققىيات يۆنىلىشى ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلىنى شەكىللەندۈرۈشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئېكولوگىيەنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش زور قۇرۇلۇشىنى ئەستايىدىل يولغا قويۇپ، ئاساسي فۇنكسىيەلىك رايون قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىنى باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، شەھەر – بازار ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشى سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، سېلىنمىنى زورايتىپ، كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاپ، قوللاشنى كۈچەيتىپ، مۇھىتنى تۈزەش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. بىر تۇتاش پىلانلاشنى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىپ، تەدبىرنى كۈچەيتىپ، مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى قايتما ئىنكاس قىلغان مەسىلىلەرنى تۈزىتىش ۋەزىپىسىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قەرەلىدە تاماملاشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

   شۆھرەت زاكىر مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، تۈرلۈك خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى تەپسىلىيلەشتۈرۈپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قاتلاممۇقاتلام ئايرىپ، قاتلاممۇقاتلام يەتكۈزۈپ، قاتلاممۇقاتلام ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نۇقتىلىق خىزمەتتە ‹‹ھەربىي بۇيرۇقنى بەجا كەلتۈرۈش ۋەدىنامىسى›› تۈزۈش؛ نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ياخشىلارنى مۇكاپاتلاش، ناچارلارنى جازالاشتەك ئېنىق يۆنىلىشنى شەكىللەندۈرۈش؛ ئىتتىپاقلىشىپ، ھەمكارلىشىپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچىنى شەكىللەندۈرۈپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك.

   ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، مالىيە نازارىتى، مۇھىت ئاسراش نازارىتى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، ئۈرۈمچى شەھىرى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ مەسئۇللىرى پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى.

   يىغىن تېلېۋىزىيە – تېلېفون يىغىنى شەكلىدە ئېچىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى، ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەش، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى رەھبەرلىك بەنزىسى ئەزالىرى، ئاپتونوم رايونلۇق رېۋىزىيە كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى، شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق قىسىمنىڭ ئاساسلىق مەسئۇلى، رايون (مەركەز)غا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلارنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى، ئاپتونوم رايونلۇق مەركەزنىڭ مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش قايتما ئىنكاس پىكرى بويىچە تۈزىتىش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ مەخسۇس خىزمەت گۇرۇپپىسى، تۈزىتىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ مەسئۇللىرى ئاساسىي يىغىن مەيدانىدا يىغىنغا قاتناشتى. 

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.