تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئىقتىساد خەۋەرلىرى

ئالاتاۋ پورتىدا ئىمپورت قىلىنغان مال مىقدارى مۇقىم ئاشتى

  ئۆز خەۋىرىمىز: بۇ يىل 1-ئايدىن 4-ئايغىچە بولغان مەزگىلدە، شىنجاڭ چيەنتوڭ خەلقئارا مال تىرانسپورتى مەسئۇلىيەت چەكلىك شىركىتى كان تۈرى ۋە ئاليۇمىن-تۆمۈر قېتىشمىسى قاتارلىق ماللاردىن 2400 ئاپتوموبىل ئىمپورت قىلغان بولۇپ، ئاز كەم 120 مىڭ توننىغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن بىر قەدەر ئاشقان.

  مۇخبىرنىڭ 5-ئاينىڭ 17-كۈنى ئالاتاۋ پورتىدىكى تاموژنىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل 1-ئايدىن 4-ئايغىچە بولغان مەزگىلدە، ئالاتاۋ پورتىدا ئىمپورت-ئېكسپورت قىلىنغان ماللارنىڭ ئومۇمىي مىقدارى 6 مىليون 87 مىڭ 100 توننا بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %15.3 ئاشقان.

  ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، بۇ يىل 1-ئايدىن 4-ئايغىچە بولغان مەزگىلدە، ئالاتاۋ پورتىدا ئىمپورت قىلىنغان ماللار 5 مىليون 633 مىڭ 400 توننا بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %17.6 ئاشقان، ئىمپورت قىلىنغان ماللار ئاساسلىقى خام نېفىت، نېفىت كوكس، تۆمۈر رۇدىسى قاتارلىقلار ئىكەن؛ ئېكسپورت قىلىنغان ماللار 453 مىڭ 700 توننا بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7.1 تۆۋەنلىگەن، ئېكسپورت قىلىنغان ماللار ئاساسلىقى ماشىنا-ئېلېكتىر مەھسۇلاتلىرى، پولات ماتېرىياللىرى، كىيىم-كېچەك، تۈرلۈك ماللار قاتارلىقلار ئىكەن.

  ئالاتاۋ پورتى تاموژنا ئۇنىۋېرسال كەسپىي بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر دەرىجىلىك بۆلۈم ئەزاسى فۇ چيەنزىنىڭ چۈشەندۈرىشىچە، بۇلتۇر يىل ئاخىرىدىن بۇيان ئېلىمىز ئىمپورتنى كېڭەيتىش توغرىسىدىكى بىر قاتار تەدبىرلەرنى يولغا قويۇپ، بىر تەرەپتىن ئىمپورت قىلىنغان ماللارنىڭ ئومۇمىي باج نىسبىتىنى تېخىمۇ تۆۋەنلىتىپ، ئىمپورت قىلىنغان ماللارنىڭ قوشۇلما قىممەت بېجىنى تەڭشىگەن؛ يەنە بىر تەرەپتىن كۆپ خىل تۈردىكى سودىنى قولايلاشتۇرۇش تەدبىرلىرىنى يولغا قويغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، دۆلەت ئىچىدىكى بازارلار جانلىنىپ، بۇ يىل 1-ئايدىن 4-ئايغىچە بولغان مەزگىلدە، ئالاتاۋ پورتىدا ئىمپورت قىلىنغان ماللار ئومۇمىي مىقدارىنىڭ ئېشىش ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈرگەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى