تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئىقتىساد خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىز ئۇنىۋېرسال دوختۇرلارنى يېتىشتۈرۈش ۋە ئىشلىتىش بويىچە رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزمى ئىسلاھاتىنى مۇكەممەللەشتۈرىدۇ

  شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى: ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئۇنىۋېرسال دوختۇرلارنى يېتىشتۈرۈش ۋە ئىشلىتىش بويىچە رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئۇنىۋېرسال دوختۇرلارنىڭ مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈش ۋە كەسپىي جەلپ قىلىش كۈچىنى ئاشۇرۇشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، يېقىندا «ئاپتونوم رايونىمىز ئۇنىۋېرسال دوختۇرلارنى يېتىشتۈرۈش ۋە ئىشلىتىش بويىچە رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزمى ئىسلاھاتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى يولغا قويۇش لايىھەسى»(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «يولغا قويۇش لايىھەسى» دەپ ئاتىلىدۇ) ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىز ئۇنىۋېرسال دوختۇرلارنى تەربىيەلەشتىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە قارىتا، مائاش تەمىناتى، ئۇنۋان ئۆستۈرۈش، تەربىيەلەش كۆلىمىنى كېڭەيتىش، پەنلەر قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش قاتارلىق جەھەتلەردە رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزمىنى يولغا قويۇپ، ئۇنىۋېرسال دوختۇرلارنىڭ مۇلازىمەت ئىقتىدارى ۋە كەسپىي جەلپ قىلىش كۈچىنى كۈچەيتىدىكەن.

  مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، 2018-يىلىدىن 2020-يىلىغىچە، ئاپتونوم رايونىمىز ئاساسىي جەھەتتىن كەسىپ ئالاھىدىلىكىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان تەربىيەلەش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، شەھەر-يېزىلاردىكى ھەر ئون مىڭ ئاھالىگە ئىككىدىن ئۈچكىچە لاياقەتلىك ئۇنىۋېرسال دوختۇر توغرا كېلىش، ئۇنىۋېرسال دوختۇرلارنىڭ ئومۇمىي سانى 7000 ئادەمگە يېتىش، ھەر بىر يېزا-بازاردىكى سەھىيە دوختۇرخانىسى ۋە ئاھالىلەر كومىتېتىدىكى سەھىيە مۇلازىمەت مەركىزىگە ئاز دېگەندە ئىككى ئۇنىۋېرسال دوختۇرنى سەپلەشنى پىلانلىغان.

  ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىز يېزىلار ئۈچۈن نىشانلىق تەربىيەلىگەن ھەقسىز ئوقۇغان تېببىي پەنلەر ئوقۇغۇچىسى ۋە چارۋىچىلىق رايونلىرىغا يۈزلەنگەن تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىنغان مەخسۇس كۇرس قاتلىمىدىكى تېببىي خادىم تەربىيەلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، تەربىيەلەش پىلانىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتا جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاست ۋە نامرات ناھىيەلەرنىڭ نومۇر چېكىنى بەلگىلىك نىسبەتتە تۆۋەنلىتىپ، ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى ناھىيە ۋە ناھىيەدىن تۆۋەن ئاساسىي قاتلام داۋالاش ئاپپاراتلىرىغا نىشانلىق تەقسىم قىلىدىكەن، ھەمدە ئۇنىۋېرسال كەسىپلەر بويىچە كېسەلخانا دوختۇرلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇش تەربىيەسىگە قاتناشتۇرۇپ، ئۇنىۋېرسال دوختۇرلارنى يېتىشتۈرۈشكە تۈرتكە بولىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى