ھالرەڭ ئىزچىل ھالدا قىزلارغا، بولۇپمۇ كىچىك قىزلارغا خاس رەڭ دەپ قارىلىپ كەلگەن، دەل بۇ قاراش سەۋەبلىك كۆپىنچە ئەرلەردە ھالرەڭگە قارىتا بىزارلىق تۇيغۇسى مەۋجۇت. بەلكىم نۇرغۇن كىشىلەر ھالرەڭنىڭ يېڭى ئېقىمنىڭ بىر قىسمىغا ئايلانغانلىقىنى بىلمەسلىكى مۇمكىن. ھازىر ھالرەڭ نۇرغۇن ساھالەردە يېڭىچە ئۇسلۇبتا نامايەن بولۇپ، كۆپ مەنبەلىك ئىپادىلىنىش ئۇسۇلىغا ئايلاندى.
فرانسىيەلىك ئۈچ لايىھەلىگۈچى بىرلىكتە پەرقلەندۈرۈش دەرىجىسى ئىنتايىن يۇقىرى بولغان بۇ ئۆينى لايىھەلەپ چىققان. ئاق ۋە قارا رەڭ ئۆي بېزەكچىلىكىدە كۆپ قوللىنىلىدىغان رەڭلەر، ئۆينى بۇ ئىككى خىل رەڭدە بېزىگەندە ئادەمنى سەل بۇرۇقتۇما قىلىپ قويىدۇ، ئەمما بۇ لايىھەگە ھالرەڭ قوشۇلغانلىقى ئۈچۈن ئۆزگىچە، يېڭى، مودا ئۇسلۇب مەيدانغا كەلگەن. بۇ لايىھە ھالرەڭنىڭ پەقەت قىزلارغا خاس رەڭ ئەمەسلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدى.