تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   بىلىم يۇرتى

سۇغۇرتا شىركىتى نەق مەيدانغا خادىم ئەۋەتىپ تەكشۈرمىسە، قاتناش ۋاسىتىسى زىيىنى قانداق ھېسابلىنىدۇ؟

ياڭ شۇخەن

   ئۈرۈمچى شەھەر ئاھالىسى شۈ خۇيجې شەخسىي ئاپتوموبىلىغا ئومۇمىي قىممىتى 180 مىڭ يۈەندىن ئاشىدىغان موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى سودا سۇغۇرتىسى(موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى زىيىنى سۇغۇرتىسى ۋە تۆلەم كەچۈرۈم نىسبىتىنى ھېسابلىماسلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) سېتىۋالدى. سۇغۇرتا مۇددىتى ئىچىدە، شۈ خۇيجې ئاپتوموبىل ھەيدەپ كېتىۋاتقاندا ئاپتوموبىل تەگلىكى سۈركىلىپ كېتىش ۋەقەسى كۆرۈلدى، شۈ خۇيجې سۇغۇرتا شىركىتىگە ۋاقتىدا دېلو مەلۇم قىلدى، لېكىن سۇغۇرتا شىركىتى خادىم ئەۋەتىپ نەق مەيداننى تەكشۈرمەي، شۈ خۇيجېدىن پىراۋا، يول يۈرۈش كىنىشكىسى ۋە نەق مەيداننى سۈرەتكە تارتىپ، ئۈندىدار ئارقىلىق ئەۋەتىپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلى بىلەن ئالاقىلىشىپ ۋەقەگە ئۇچرىغان ئاپتوموبىلنى مەلۇم ئاپتوموبىل شىركىتىگە رېمونت قىلىشقا يۆتكىدى.

   ئىشتىن كېيىن، شۈ خۇيجې سۇغۇرتا شىركىتىدىن ئاپتوموبىل زىيىنىنى تۆلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى، لېكىن مەزكۇر سۇغۇرتا شىركىتى ئاپتوموبىل سوقۇلغاندىن كېيىن ۋاقتىدا توختاتماي موتورنىڭ زىيىنىنىڭ ئېغىرلاپ كەتكەنلىكىنى باھانە قىلىپ تۆلەم تۆلەشنى رەت قىلدى. شۇنىڭ ئۈچۈن، شۈ خۇيجې ئۈرۈمچى تۆمۈريول تىرانسپورتى ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلدى.

   سوت مەھكىمىسى بىرىنچى سوتتا مۇنداق دەپ قارىدى: شۈ خۇيجې ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن ۋاقتىدا دېلو مەلۇم قىلىپ مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلدى، سۇغۇرتا شىركىتىنىڭ نەق مەيدانغا بېرىپ تەكشۈرمەي، ۋەقە يۈز بېرىشنىڭ خاراكتېرى، سەۋەبى، زىيان دەرىجىسى قاتارلىقلار توغرىسىدا ئىسپات كۆرسىتىپ بېرەلمەي، تۆلەم تۆلەشنى رەت قىلىشى سۇغۇرتا قانۇنىدىكى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەرگە خىلاپ. كەسپىي ئاپپاراتنىڭ باھالىشى ئارقىلىق، ۋەقە يۈز بەرگەن ئاپتوموبىلنىڭ موتورى كاردىن چىققان، رېمونت ھەققىگە 150 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك كېتىدىكەن، شۈ خۇيجې تەلەپ قىلغان 140 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك تۆلەم كاپالەت پۇلى باھالاش سوممىسى ۋە سۇغۇرتا چېكىدىن ئېشىپ كەتمىگەن، قوللاشقا بولىدۇ.  

   سۇغۇرتا شىركىتى: دېلوغا چېتىشلىق ئاپتوموبىلنىڭ تەگلىكى سۈركىلىپ كېتىش ۋەقەسى ئاپتوموبىل موتورىنىڭ كاردىن چىقىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارمايدۇ، ھەيدىگۈچىنىڭ ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىنمۇ ئاپتوموبىلنى توختاتماي داۋاملىق ئۇزۇن ئارىلىققىچە ھەيدىگەنلىكىدىن ئاپتول ئېقىپ تۈگەپ، موتورنىڭ سىلىندىرى جىجىلىپ موتور كاردىن چىققان. موتورنى ئالماشتۇرۇشتىن كېلىپ چىققان خىراجەتنى سۇغۇرتا شىركىتى ئۈستىگە ئالمايدۇ، دەپ قاراپ، قانۇن بويىچە ئۈرۈمچى تۆمۈريول تىرانسپورتى ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىگە نارازىلىق ئەرزى سۇندى.

[قانۇن چۈشەندۈرۈش]

   ‹‹مەزكۇر دېلودىكى ئاپتوموبىلنىڭ ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن داۋاملىق يول يۈرگەن  – يۈرمىگەنلىكى، داۋاملىق يۈرگەنيول ئارىلىقى قاتارلىقلار يول يۈزىدىكى ئىز ئارقىلىق بېكىتىلگەن بولۇپ، سۇغۇرتا شىركىتىنىڭ زىياننى بېكىتكۈچىسى نەق مەيدانغا بېرىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارمىغان، پەقەت زىياننى بېكىتكۈچىنىڭ سۇبيېكتىپ ھۆكۈمىگە ئاساسەن ئاپتوموبىل ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىنمۇ داۋاملىق يول يۈرگەن، دەپ قاراشنىڭ ئوبيېكتىپ دەلىل – ئىسپاتى يوق››. ئۈرۈمچى تۆمۈريول تىرانسپورتى ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باش سوتچىسى جاڭ جىن مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: سۇغۇرتا شىركىتى ئىسپات كۆرسىتەلمەسلىكتىن كېلىپ چىققان ئاقىۋەتكە ئىگە بولۇشى كېرەك، شۇڭا سوت مەھكىمىسى سۇغۇرتا شىركىتىنىڭ موتورنى رېمونت قىلىش خىراجىتى سۇغۇرتا جاۋابكارلىقى تۆلەم دائىرىسىگە كىرمەيدۇ، دېگەن تەشەببۇسىنى قوللىمايدۇ.  
 

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • يېڭىسارنىڭ تونۇر كاۋىپى
  • ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان چوڭ جىلغىسى ساياھەت مەخسۇس لىنىيەسىنى ئاچتى
  • سايرام كۆلىنىڭ قىش مەنزىرىسى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى