تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   بىلىم يۇرتى

تېرىقچىلىق ۋە باقمىچىلىققا مۇلازىمەت قىلىشتا «چوڭىغا ئەھمىيەت بېرىپ، كىچىكىگە سەل قاراش»تىن ساقلىنىش لازىم

جاڭ يەن

   يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، جايلاردا تېرىقچىلىق ۋە باقمىچىلىق تېز تەرەققىي قىلدى، بولۇپمۇ بەزى تېرىقچىلىق ۋە باقمىچىلىق چوڭ ئائىلىلىرىدىكىلەرنىڭ پىكرى ئوچۇق، كۆزى ئۆتكۈر، يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىغا پىششىق، بازار ئۇچۇرىنى ئىگىلەشكە ماھىر ھەم توپلىغان تەجرىبىلىرى مول بولغاچقا، تىجارەتتە داۋاملىق پۇرسەتنى ئالدىن تۇتۇپ، ئالدىن بېيىپ، بېيىش يولىدىكى باشلامچىلاردىن بولالىدى.

   بۇ تېرىقچىلىق ۋە باقمىچىلىق چوڭ ئائىلىلىرى يېزا ئىقتىسادىنىڭ يارقىن نۇقتىسىغا ئايلىنىپ، ھەر جەھەتتىن ئېتىبارغا ئېلىندى، سىياسەت جەھەتتە ئالدىن قوللاشقا ئېرىشتى، بانكا قەرزىدىن ئالدىن بەھرىمەن بولدى، پەن – تېخنىكا جەھەتتىن ئالدىن يېتەكلەندى، يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرى ۋە بازار ئۇچۇرىدىن ئالدىن خەۋەردار قىلىندى... ئەمما قىسمەن ئۇششاق دېھقان ئائىلىلىرى كۆپچىلىكنىڭ ئېتىبارىغا ئېلىنىۋاتقان بۇ باقمىچىلىق ۋە تېرىقچىلىق چوڭ ئائىلىلىرى بىلەن روشەن سېلىشتۇرما بولۇپ، قوللاش، يېتەكلەش ۋە ئۇچۇرلاردىن بەھرىمەن بولۇش جەھەتتە ئېتىبارسىز قارىلىپ، تەرەققىي قىلىپ زورىيىش جەريانىدا ھەر خىل مەسىلىگە يولۇقماقتا.

   ئۇششاق تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق ئائىلىلىرىنىڭ كۆلىمى كىچىك بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ سانى كۆپ بولغاچقا، يېزا – كەنتلەردە كۆپ سالماقنى ئىگىلەيدۇ. شۇڭا ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنىڭ قانداق بولۇشى يېزا – كەنتلەرنىڭ ئاساسىي قىياپىتىنى بەلگىلەيدۇ. يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش، يېزا ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، دېھقانلارنى بېيىتىشتا ئۇششاق دېھقان ئائىلىلىرىدىن ئايرىلالمايمىز. يېزا – كەنتلەردە تېرىقچىلىق ۋە باقمىچىلىققا مۇلازىمەت قىلىشتا ‹‹چوڭىغا ئەھمىيەت بېرىلىپ، كىچىكىگە سەل قارالسا››، ھەتتا ئاساسىي مۇلازىمەت بىلەنمۇ تەمىنلىنىلمىسە، يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشقا زور توسالغۇ بولىدۇ.

   ئۇششاق دېھقان ئائىلىلىرىنىڭ چوڭ تېرىقچىلىق – باقمىچىلىق ئائىلىلىرىگە قارىغاندا ئۇچرايدىغان قىيىنچىلىقى تېخىمۇ كۆپ، خېيىم – خەتەرگە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى تېخىمۇ ئاجىز، ئۇلار ھەر جەھەتلەردىن يۆلەشكە تېخىمۇ جىددىي ئېھتىياجلىق بولىدۇ. يەنە بىر جەھەتتىن قارىغاندا، چوڭ تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق ئائىلىلىرىمۇ ئۇششاق دېھقان ئائىلىسىدىن تەدرىجىي تەرەققىي قىلىپ زورايغان. ئۇششاق تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق ئائىلىلىرىنى كۆپرەك يۆلىگەندە، ئۇلارمۇ زورىيىپ چوڭ باقمىچىلىق، تېرىقچىلىق ئائىلىلىرىگە ئايلىنىدۇ، شۇڭا ھۆكۈمەت ۋە ئالاقىدار تارماقلار يېزا – كەنتلەردە تېرىقچىلىق ۋە باقمىچىلىققا مۇلازىمەت قىلىشتا ‹‹چوڭىغا ئەھمىيەت بېرىپ، كىچىكىگە سەل قاراش››تىن ساقلىنىشى، ئىدىيەنى يەنىمۇ ئازاد قىلىپ، كۆز قاراشنى ئۆزگەرتىپ، ئۇششاق تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق ئائىلىلىرىگە ھەقىقىي غەمخورلۇق قىلىشى ۋە ئۇلارنى كۆپرەك يۆلىشى كېرەك. بۇ يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش، يېزا خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، يېزا ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى مۇھىم ۋەزىپە ھېسابلىنىدۇ.

 ‹‹جۇڭگو دېھقانلار گېزىتى››دىن
 

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى