تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   بىلىم يۇرتى

بىۋاسىتە تىكىلگەن چىلاننى پەرۋىش قىلىش ئۇسۇلى

   1. كۆچەت ئورنىنى بەلگىلەش: 5–ئاينىڭ باشلىرى يېڭى تىكىلگەن چىلان كۆچىتىنىڭ ئېگىزلىكى يەتتە–سەككىز سانتىمېتىرغا يەتكەندە، ئىككى قېتىمغا بۆلۈپ تاقلاپ، تۈپ ئارىلىقىنى 25 سانتىمېتىر قىلىپ كۆچەتنىڭ ئورنىنى بەلگىلەش كېرەك. تاقلىغاندا توم، بولۇق ئۆسكەن كۆچەتلەرنى قالدۇرۇپ، كىچىك، ئاجىز، كېسەل تەگكەن كۆچەتلەرنى يۇلۇۋېتىش كېرەك.

   2. ئوغۇتلاش، سۇغىرىش: 5–ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن 6–ئاينىڭ ئاخىرىغىچە چىلان كۆچىتى ئون سانتىمېتىردىن ئاشقاندا، كۆچەتنىڭ بىر تەرىپىگە ياكى ئىككى تەرىپىگە ماشىنا بىلەن چۆنەك تارتىپ سۇغىرىش ھەم ئىككىلەمچى شاختا ئالتە– يەتتە تال بوغۇم قالدۇرۇپ ئۇچىنى ئۈزۈش لازىم. چىلان كۆچىتىنى مۇۋاپىق، قەرەللىك سۇغىرىشقا دىققەت قىلىپ، ھەرگىز باستۇرۇپ سۇغارماسلىق كېرەك.

   3. قىزىل ئۆمۈچۈك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، يوقىتىش: چىلانغا 7–ئايدا قىزىل ئۆمۈچۈكنىڭ زىيان سېلىشى ئەۋجىگە چىقىدۇ. بۇ ۋاقىتتا %1.8لىك ئابامېكتىن (素菌维阿)نىڭ 1000–1500 ھەسسىلىك سۇيۇقلۇقىنى ياكى %20لىك ساۋمەنجىڭ (净螨扫) ئېمۇلسىيەسىنىڭ 1500 ھەسسىلىك سۇيۇقلۇقىنى چاچسا، زىيانداش ھاشاراتلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى يوقىتىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.

بۇئايشەم ئوبۇل تەييارلىغان
 

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى