تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   نامراتلارنى يۆلەش

«ئون شەھەردىكى يۈز دۇكان» نامراتلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇردى

  شىنجاڭنىڭ ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرى جاڭجياكوۋ شەھىرىدە سېتىلغاندىن كېيىن خېرىدارلارنىڭ ماختىشىغا ئېرىشتى.

  شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى:   ـــ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش «جاڭجياكوۋ خوشۇتنىڭ مېۋىچىلىكىگە ياردەم بېرىش» بويىچە شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرى سودا مەركىزى چاغاننىڭ ھارپىسىدىن بۇيان جاڭجياكوۋ شەھىرىنىڭ شىسەن يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونىدا تىجارەت باشلىغاندىن كېيىن، خېبىي ئۆلكىسبنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىشتىكى  «ئون شەھەردە يۈز دۇكان ئېچىش» تۈرى ئارقىلىق، قىسقىغىنە نەچچە ئاي ئىچىدە ھەمكارلىق كوپىراتىمىزدىكى مەھسۇلاتلارنىڭ سېتىلىش مىقدارى بىر مىليون يۈەنگە يەتتى،-دېدى 5-ئاينىڭ 25-كۈنى بايىنغۇلىن ئوبلاستلىق «خۇاشياڭ» ئۆزگىچە باغۋەنچىلىك-تېرىقچىلىق كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ دېرىكتورى ليۇ جىخۇا.

  ليۇ جىخۇا خېبىي ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بەرگەن كادىرلىرىدىن مىننەتدار بولدى، چۈنكى، خېبىي ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىشتىكى «ئون شەھەردە يۈز دۇكان ئېچىش» تۈرى ئۇنىڭ ھەمكارلىق كوپىراتىپىنى شىنجاڭدىن مەملىكەتكە يۈزلەندۈرگەنىدى، شۇنداقلا ھەمكارلىق كوپىراتىپىدىكى ئەزالارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ، ئۇلارغا بېيىش ئۈمىدى ئېلىپ كەلگەنىدى.

  ــ بۇ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشتىكى ياخشى تۈر، بىز بۇ يىل يەنە تېخىمۇ كۆپ نامرات ئائىلىنى ھەمكارلىق كوپىراتىپىمىزغا ئەزا قىلىپ، ئۇلارنى شىنجاڭغا ياردەم بەرگەن كادىرلار تەمىنلىگەن يول بىلەن بېيىش يولىغا باشلايمىز. نۆۋەتتە، كوپىراتىمىزغا يېڭىدىن قوشۇلغان نەچچە ئون نامرات ئائىلە تېخنىك خادىملىرىنىڭ يېتەكلىشىدە  ھويلىسىدا ئەينۇلا، ياڭاق تېرىدى،ــ دېدى ليۇ جىخۇا تونۇشتۇرۇپ.

  بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكوم، ھۆكۈمەت بىلەن خېبېي ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى شىنجاڭنىڭ ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرىنى سىرتلارغا سېتىش يوللىرىنى يەنىمۇ  كېڭەيتىش، مەھسۇلاتلارنى شىنجاڭ سىرتىغا سېتىش قىيىن بولۇشتەك ئەھۋاللارنى ھەل قىلىش، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، 2017-يىلى، بىرلىكتە «ئون شەھەردە يۈز دۇكان ئېچىش» تۈرىنى پىلانلاپ، يولغا قويدى ۋە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش سىياسىتى ئارقىلىق يېتەكلەش، ھۆكۈمەت ئوتتۇرىغا چىقىش، كارخانا يېقىندىن ماسلىشىش ئارقىلىق، خېبېي ئۆلكىسىدىكى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىدىغان 10 نەچچە  رايون، شەھەردە شىنجاڭنىڭ سۈپەتلىك، ئۆزگىچە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى مەخسۇس ساتىدىغان دۇكاندىن ئاز دېگەندە 100نى ئېچىپ ۋە توردىمۇ سېتىپ، بازارنى كېڭەيتتى.

  جاڭجياكوۋ يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى تەتقىق قىلىپ ياسىغان«جاڭزاگۇ» بۇ يىل خوشۇت ناھىيەسىدە 20 مودەك يەرگە ئۆستۈرۈلدى، ئۇ يەرلىك دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى 10 مىليون يۈەندىن ئاشۇرۇپ، 500 ئائىلىلىككە نەپ يەتكۈزىدۇ؛ شىڭتەي شەھىرى ياردەم قىلىپ كىرگۈزگەن «زەرەپشان جۇڭچىڭ» يېزا ئىگىلىك «نەرسە تورى سۈرۈشتۈرۈش سۇپىسى»نىڭ چىلان ئۆستۈرۈش تۈرىدە 500 مو يەرگە چىلان ئۆستۈرۈلۈپ، يەرلىكتىكى نامرات دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ھەر يىلى بەش مىليون يۈەندىن ئاشۇرىدۇ.

  بۇ يىل، خېبىي ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى يەنە جاڭجياكوۋنىڭ بەرەڭگىسى، چىنخۇاڭداۋنىڭ چوڭ گىلاسى قاتارلىق خېبىي ئۆلكىسىدىكى سورتلۇق مەھسۇلاتلارنى بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدا تېرىشنى سىناق قىلىدۇ.

  بۇنىڭدىن سىرت يەنە، خېبىي ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى يەنە ئاكتىپلىق بىلەن بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ خېبىي ۋە ئىچكىرىكى ئۆلكىلەر بولغان كەسپىي ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بايلىق ئەۋزەللىكى ۋە تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچىدىن پايدىلىنىپ، ياردەم بېرىلىۋاتقان جاينىڭ ئۆزگىچە ئەۋزەل كەسىپلىرىنى يېتىلدۈرۈپ، تەرەققىي قىلدۇرۇپ ۋە نۇقتىلىق قوللاپ، شۇنداقلا توقۇمىچىلىق، كىيىم ـ كېچەك كەسپى ھەم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يېڭىدىن 14 تۈرلۈك ھەمكارلىق توختامى ئىمزالاپ، 670 مىليون مەبلەغ سېلىپ، يېڭىدىن 500دىن ئارتۇق كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى