تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئىقتىساد خەۋەرلىرى

2017-يىلى ئېلىمىزدە زەنجىرسىمان داڭلىق قولاي دۇكان كەسپى بىر يىل ئىلگىرىكىدىن %23 ئاشتى

  ‏ شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5-ئاينىڭ 29-كۈنى تېلېگراممىسى. بېيجىڭدا يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن 2018-يىللىق جۇڭگو قولاي دۇكان يىغىنىدا جۇڭگو زەنجىرسىمان تىجارەت جەمئىيتى بىلەن بوستون مەسلىھەتچىلىك شىركىتى بىرلىكتە «2018-يىللىق جۇڭگونىڭ قولاي دۇكان تەرەققىياتى دوكلاتى» نى ئېلان قىلدى. «دوكلات» تا كۆرسىتىلىشىچە، 2017-يىلىدا ئېلىمىزدە زەنجىرسىمان داڭلىق قولاي دۇكان كەسپىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى بىر يىل ئىلگىرىكى ئوخشاش مەزگىلدىكىگە قارىغاندا %23 كە يەتكەن، قولاي دۇكان 106 مىڭغا يەتكەن، بازار كۆلىمى 190 مىليارد يۈەندىن ئاشقان.

  دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، مەملىكىتىمىزدە زەنجىرسىمان قولاي دۇكان كەسپىنىڭ بازار بوشلۇقى چوڭ بولۇپ، 1-، 2-سەپتىكى شەھەرلەر ئېشىش قىزىق نۇقتىسى بولۇپ قالغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، رايون قۇرۇلمىسى روشەن بولۇپ، نېفىت سىستېمىسىدىكى قولاي دۇكاندىن سىرت، كۆپىنچىسى رايونلارغا مەركەزلەشكەن كارخانىلاردىن ئىبارەت ئىكەن.

  دوكلاتتا مۇنداق دېيىلدى: 2017-يىلى ئېلىمىزدىكى نۇرغۇن زەنجىرسىمان قولاي دۇكانلارنىڭ يەككە سودىسى، پايدا سەۋىيەسى بىر ئاز ياخشىلانغان، ئەمما خەلقئارادىكى ئىلغار كارخانىلار بىلەن بولغان پەرق يەنىلا ئىنتايىن چوڭ. 55 قولاي دۇكان كارخانىسىنىڭ ھازىرقى تىجارەت ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە قارىغاندا، ئەۋرىشكە كارخانىلارنىڭ يەككە دۇكانلىرىنىڭ كۈندىلىك سودا مىقدارى ئوتتۇرىچە ھېساب بىلەن 5000 يۈەن بولۇپ، بۇلاردا بىرقەدەر چوڭ ئىلگىرلەش بوشلۇقى مەۋجۇت.

  بۇنىڭدىن سىرت، 2017-يىلى قولاي دۇكان كەسىپلىرىنىڭ ئىجارە ھەققى، ئادەم كۈچى تەننەرخى ھەممىسىدە ئۆسۈش يۈزلىنىشى كۆرۈلگەن. كونكرېت ئېيتقاندا، ئىجارە تەننەرخى %18، ئادەم كۈچى تەننەرخى %12، سۇ، توك تەننەرخى %6.9 ئۆسكەن.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، زەنجىرسىمان قولاي تاللا بازىرى كەسپىدە يېمەكلىك ۋە خاس ماركىلارنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى پەيدىنپەي ئۆسكەن، ئەمما مەھسۇلات قۇرۇلمىسىدا يەنىلا ئىلگىرىلەش بوشلۇقى مەۋجۇت ئىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىملىق يىغىندا جۇڭگو زەنجىرسىمان تىجارەت جەمئىيىتى ئالدىنقى 70 ئورۇندا تۇرىدىغان قولاي دۇكانلارنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلغان، جۇڭگو نېفىت خىمىيەسىنىڭ «يىجيې»، جۇڭگو نېفىتچىلىكىنىڭ «كۇئېنلۇن خاۋكې»، «مېييىجيا»، «خۇڭچى زەنجىرسىمان تاللا بازىرى»، شاڭخەي «ليەنخۇا»، «كۇەيكې» قاتارلىقلار تىزىملىكتە ئالدىنقى 10 نىڭ ئىچىگە كىرگەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى