شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى. ئاپتونوم رايونلۇق دېھقانچىلىق نازارىتى يېقىندا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بۇ يىللىق 1-قېتىملىق دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتىنى قەرەللىك تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئېلان قىلدى. ئاپتونوم رايونىمىزدا سەي-كۆكتات، چارۋا-قۇش، سۇ مەھسۇلاتلىرىدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ تۈردىن 23 سورتتىكى جەمئىي 2678 ئەۋرىشكە ئارىلاپ تەكشۈرۈلدى، ئارىلاپ تەكشۈرۈشنىڭ ئومۇمىي لاياقەتلىك بولۇش نىسبىتى %98.73 بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 0.53 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرىلىدى. بۇنىڭ ئىچىدە، سەي-كۆكتات، چارۋا-قۇش مەھسۇلاتى ۋە سۇ مەھسۇلاتلىرىنىڭ لاياقەتلىك بولۇش نىسبىتى %97.54، %99.85 ۋە %100 بولدى، دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتى داۋاملىق ياخشى تەرەققىي قىلدى.
بۇ قېتىملىق دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتى 3-ئايدىن 5-ئايغىچە قەرەللىك تەكشۈرۈلگەن بولۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق دېھقانچىلىق نازارىتى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى تەكشۈرۈش سالاھىيىتىگە ئىگە تۆت ئورۇنغا ھاۋالە قىلغان، تەكشۈرۈش دائىرىسى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 50 ناھىيە (شەھەر) دىكى سەي-كۆكتات ئىشلەپچىقىرىش بازىلىرى، قۇشخانا، باقمىچىلىق بازىلىرى، دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى توپ تارقىتىش (دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى) بازىرى ۋە سەي-كۆكتاتلارنى يېڭى پېتى ساقلاش ئامبىرى قاتارلىق مۇھىم ھالقىلارنى قاپلىدى.
مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايونلۇق دېھقانچىلىق نازارىتى تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى جايلارغا ئۇقتۇرۇش قىلغان ھەم تەكشۈرۈشتە بايقالغان مەسىلىلەرنى ئەستايىدىل ئۆزگەرتىشنى، قاراتمىلىقى بار ھالدا دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ، ئارىلاپ تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى.