تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئىقتىساد خەۋەرلىرى

خەلققە قولايلىق باج سۇپىسى «يان تېلېفون ھېسابات» سىستېمىسى يولغا قويۇلدى

  شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى: خەلققە قولايلىق باج سۇپىسى—رېنلۇڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق ماشىنا ئادەم «يان تېلېفون ھېسابات» سىستېمىسى 5-ئاينىڭ 25-كۈنى رەسمىي ئېلان قىلىندى. بۇنىڭدىن كېيىن، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ باشقۇرغۇچىلىرى قوشۇمچە بوغالتىر ياكى باج ۋاكالەتچىسى تەكلىپ قىلمىسىمۇ، سىستېما ئارقىلىقلا بىر يۈرۈش مۇكەممەل بولغان مالىيە تۈزۈمى، بوغالتىرلىق دوكۇمېنتى، ۋە مالىيە جەدۋىلىدىن بەھرىمەن بولالايدۇ ھەمدە ھەرۋاقىت مالىيە ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ تۇرالايدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كىچىك، مىكرو كارخانىلارنى باشقۇرغۇچىلارنى 24 سائەتلىك مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدىغان خەلققە قولايلىق باج سۇپىسى «يان تېلېفون ھېسابات» سىستېمىسى مالىيە-باج بىر گەۋدىلەشكەن بىر خىل ئېلېكتىرونلۇق ھېسابات سىستېمىسى بولۇپ، بۇ سىستېما بوغالتىرلىق مىزانىغا قاتتىق ئەمەل قىلىپ، ھېساباتنى ئايدا بوغۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، باجغا ئالاقىدار يۇمشاق ماتېرىياللارنى سىستېمىغا كىرگۈزۈپ، مالىيە جەدۋىلى ۋە باج تاپشۇرۇش توغرىسىدىكى مەلۇمات جەدۋىلىنى بىۋاسىتە ھاسىل قىلىپ، ساختا سودىنى ئۈنۈملۈك كونترول قىلىپ، «ھەممە كىشى خاتىرلىيەلەيدىغان، ھەممە كىشى قىلالايدىغان» نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان، مالىيە-باج ھېساباتىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسى ھېسابلىنىدىكەن. كارخانا ئىشچى-خىزمەتچىلىرىدە پەقەت بىر ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفونلا بولسا، مالىيە بىلىملىرىگە پىششىق بولۇش ھاجەتسىز بولۇپ، ئۇلار كارخانا بوغالتىرلىق دوكۇمېنتىنىڭ دەسلەپكى كىرگۈزگۈچىسىگە ئايلىنىپ، كىرگۈزگەن مالىيە ئۇچۇرلىرىغا بىۋاستە مەسئۇل بولالايدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى