تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   نەزەرىيە

ماركسىزمنىڭ ئىلمىيلىكى، خەلقچىللىقى، ئەمەلىيەتچىللىقى ۋە ئوچۇقلۇقىدا باشتىن–ئاخىر چىڭ تۇرايلى ۋە ئۇنى جارى قىلدۇرايلى

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم پارتىيە مەكتىپىدىن ساۋ لىخەي

   باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ماركس تۇغۇلغانلىقىنىڭ 200 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سېلىنغان، نەزەر دائىرىسى كەڭ، ئىدىيەسى چوڭقۇر، مەزمۇنى مول بولغان شانلىق ماركسىزملىق پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت بولۇپ، پۈتۈن پارتىيەنى قۇدرەتلىك ئىدىيەۋى كۈچ ۋە نەزەرىيەۋى ئاساس بىلەن تەمىنلىدى.

   باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆزىدە ماركسىزمنىڭ ئىلمىي سىستېمىسى ۋە مول مەزمۇنىنى ئاساسلىق ئالتە جەھەتتىن ئىلمىي چۈشەندۈرۈپ بەردى. بىرىنچى، ئىنقىلابىي ئۇستاز ماركسنىڭ ئۇلۇغ ھاياتى، يەنى يۈكسەك غايىنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، كىشىلەرنىڭ ئازادلىقى ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلغان ھاياتى، جاپا – مۇشەققەت، ئوڭۇشسىزلىقتىن قورقماي، ھەقىقەت ئىزدەش ئۈچۈن باتۇرلۇق بىلەن ئىدىيەنىڭ يۈكسەك پەللىسىگە چىققان ھاياتى، كونا دۇنيانى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، يېڭى دۇنيا قۇرۇش ئۈچۈن توختىماي جەڭ قىلغان ھاياتىنى چوڭقۇر ئەسلەپ ئۆتتى. ئىككىنچى، ماركسىزم ئىلمىي نەزەرىيە، دەپ توغرا ھۆكۈم چىقاردى ھەم ماركسىزمنىڭ ئىلمىيلىكى، خەلقچىللىقى، ئەمەلىيەتچىللىقى ۋە ئوچۇقلۇقىنى مۇنداق چوڭقۇر شەرھلىدى: ماركسىزم كىشىلەر جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىنى ئىجادىي يوسۇندا ئېچىپ بەردى، خەلقنىڭ ئۆز ئازادلىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنىڭ ئىدىيەۋى سىستېمىسىنى تۇنجى قېتىم بەرپا قىلدى، خەلقنىڭ دۇنيانى ئۆزگەرتىش ھەرىكىتىگە يېتەكچىلىك قىلىدۇ، ئۇ باشتىن – ئاخىر دەۋرنىڭ ئالدىدا تۇرىدۇ. ئۈچىنچى، ماركسنىڭ ھازىرغىچە يەنىلا ‹‹1000 يىل مابەينىدىكى تەڭداشسىز مۇتەپەككۇر›› ئىكەنلىكىنى يۈكسەك دەرىجىدە مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، كىشىلەر ئىدىيە تارىخىدا ھەرقانداق ئىدىيە ۋە نەزەرىيە ماركسىزمدەك كىشىلەرگە بۇنداق كەڭ ھەم چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتمىگەن، دەپ ئېنىق كۆرسەتتى. تۆتىنچى، ماركس بىلەن جۇڭگونى، ماركسىزم بىلەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى، ماركسىزم بىلەن جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنى ئىلمىي بايان قىلدى. ماركسىزم جۇڭگونىڭ ئىنقىلابى، قۇرۇلۇشى ۋە ئىسلاھاتىنىڭ قۇدرەتلىك ئىدىيەۋى قورالى، جۇڭگودىن ئىبارەت شەرقتىكى بۇ قەدىمىي چوڭ دۆلەتنى كىشىلەر تارىخىدا مىسلىسىز تەرەققىيات مۆجىزىسى يارىتىشقا يېتەكلىدى، دەپ ئېنىق كۆرسەتتى. بەشىنچى، ماركستىن قانداق ئۆگىنىش، ماركسىزمنى قانداق ئۆگىنىش ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش، يەنى ماركسىزمنىڭ كىشىلەر جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتى، خەلق مەيدانىدا چىڭ تۇرۇش، ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى بىلەن ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋەتلىرى، خەلق دېموكراتىيەسى، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى، ئىجتىمائىي قۇرۇلۇش، ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ مۇناسىۋىتى، دۇنيا تارىخى ۋە ماركسىزملىق پارتىيە قۇرۇش توغرىسىدىكى ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش قاتارلىق توققۇز جەھەتتىن ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق تەپسىلىي شەرھلىدى، بۇلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ يادرولۇق مەزمۇنىنى شەكىللەندۈردى. ئالتىنچى، ماركسىزمنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ غايە – ئېتىقادىنىڭ جېنى ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر چۈشەندۈرۈپ، ئىدىيە جەھەتتە پارتىيە  قۇرۇش ۋە نەزەرىيە ئارقىلىق پارتىيەنى كۈچەيتىشنىڭ ناھايىتى مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ، پۈتۈن پارتىيەنى ماركسىزمدىن ئىبارەت بۇ ئالاھىدە ئىقتىدارنى پۇختا ئۆگىنىپ، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ ۋە ياخشى پايدىلىنىپ، ماركسىزمنىڭ تامامەن توغرا بولغان ئومۇمىي قائىدىلىرىدە چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگونىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتىگە ئىجادىي بىرلەشتۈرۈپ، ماركسىزمنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىياتىنى سىجىل ئىلگىرى سۈرۈشكە چاقىردى.

   باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىلمىيلىك، خەلقچىللىق، ئەمەلىيەتچىللىق ۋە ئوچۇقلۇق نۇقتىسىدىن ماركسىزم ئىلمىي نەزەرىيەسىنىڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكىنى چوڭقۇر تونۇش، مول مەزمۇنىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش ۋە ئۆزلەشتۈرۈش كېرەك.

   ماركسىزمنىڭ ئىلمىيلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك

   باش شۇجى شى جىنپىڭ سۆزىدە مۇنداق كۆرسەتتى: ماركسنىڭ ئىدىيەۋى نەزەرىيەسى ئەينى دەۋرنى مەنبە قىلغان ھەم ئەينى دەۋردىن ھالقىپ كەتكەن، ئۇ ھەم ئەينى دەۋرنىڭ جەۋھىرى، ھەم پۈتكۈل كىشىلەر روھىنىڭ جەۋھىرى. ماركسىزمنىڭ ئىلمىيلىكى ئۇنىڭ ماتېرىيالىزملىق تارىخىي قاراش ۋە قوشۇمچە قىممەت تەلىماتىنى ئىجاد قىلىپ، كىشىلەر جەمئىيىتى تەرەققىياتىنىڭ قانۇنىيىتىنى ۋە كاپىتالىزم ھەرىكىتىنىڭ ئالاھىدە قانۇنىيىتىنى ئېچىپ بەرگەنلىكىدە. ماركسىزمنىڭ ئىلمىيلىكى ئۇنىڭ پۈتكۈل كىشىلەرنىڭ تەرەققىيات تارىخىي مۇساپىسىدە تۇرۇپ، كىشىلەر جەمئىيىتى ياراتقان بارلىق نەرسىلەرگە قارىتا تەنقىدىي نۇقتىدىن قايتا مۇھاكىمە يۈرگۈزۈپ، تارىخىي ھەرىكەتنىڭ ماھىيىتى ۋە دەۋرنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشىنى ئىلمىي چۈشەنگەنلىكىدە. ماركس ‹‹ئىككى قۇتۇپ تۇتىشىش›› قانۇنىيىتىگە ئاساسەن، جۇڭگو دۇنياغا غايەت زور تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن، دەپ بېشارەت بەرگەن. ئېنگېلس: كۆپ يىل ئۆتمەي دۇنيادىكى ئەڭ قەدىمىي ئىمپېرىيەنىڭ جان تالىشىدىغانلىقىنى، پۈتكۈل ئاسىيا يېڭى ئېراسىنىڭ تاڭ نۇرىنى كۆرەلەيمىز، دەپ ھۆكۈم قىلغان. ماركس بۇ دۆلەتنى قايتا ھاياتلىققا ئېرىشتۈرگىنى، بۇ يەردىكى كىشىلەرگە تاڭ نۇرى ئېلىپ كەلگىنى دەل ئۆزىنىڭ ئىدىيەسى  ماركىسزم ئىكەنلىكىنى ئويلىمىغان بولۇشى مۇمكىن. ماركسىزم كىشىلەرگە مۇقەررەرلىك ئالىمىدىن ئەركىنلىك ئالىمىگە ھالقىش يولىنى، ئەركىنلىك ۋە ئازادلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولىنى كۆرسىتىپ بەردى، تېخىمۇ مۇھىمى، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم مۇساپىسى ئۈچۈن ماياكتەك كۆزنى چاقنىتىدىغان ھەقىقەت نۇرىنى ئاتا قىلدى.

   ماركسىزمنىڭ خەلقچىللىقىدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك

   ‹‹ماركسىزم مول بىلىمنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، تېگى – تەكتىدىن ئېيتقاندا، ئۇنىڭدا كىشىلەرنى ئازادلىققا ئېرىشتۈرۈش مەقسەت قىلىنغان››. ماركسىزم ئېزىش بولمىغان، ئېكسپىلاتاتسىيە بولمىغان، ھەممە ئادەم باراۋەر بولغان، ھەممە ئادەم ئەركىن بولغان كوممۇنىستىك جەمئىيەت قۇرۇش يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەرگەن. يەنى ‹‹سىنىپ ۋە سىنىپىي قارشىلىق مەۋجۇت بولغان بۇرژۇئا كونا جەمئىيىتىنىڭ ئورنىنى مۇنداق بىر بىرلەشمە گەۋدە ئالىدۇ، ئۇ يەردە بارلىق كىشىنىڭ ئەركىن تەرەققىي قىلىشى ھەر بىر كىشىنىڭ ئەركىن تەرەققىي قىلىشىنى شەرت قىلىدۇ››. ماركس كاپىتالىستىك دۆلەتنىڭ سىنىپىي ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ماھىيىتىنى، كاپىتالىستىك جەمئىيەتتە ھۆكۈمرانلىق ئورۇنىدا تۇرىدىغان نەزەرىيەنىڭ ماھىيەتتە بۇرژۇئازىيە ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى چوڭقۇر ئېچىپ بەرگەن. كاپىتالىستىك دۆلەتلەرنىڭ ‹‹ئەركىنلىك››، ‹‹باراۋەرلىك››، ‹‹مېھرىبانلىق››نى تەرغىب قىلىدىغان سىياسىي شوئارلارنى توۋلىشى بۇرژۇئازىيەنىڭ ئىشچىلار سىنىپىنى ئېزىشى ۋە ئېكسپىلاتاتسىيە قىلىشىنى تۈزۈملەشتۈرۈش ۋە قانۇنلاشتۇرۇشقا چىرايلىق تون كىيگۈزۈش ئۈچۈندۇر. ماركسنىڭ نەزەرىدە كاپىتالىستىك دۆلەت خىيالىي ئورتاق گەۋدە، كاپىتالىزمنىڭ تەرەققىياتىدىكى ‹‹كېچىلىك قاراۋۇل››.

   ماركس خەلق ئارىسىدا يىلتىز تارتقاندىلا، ئاندىن خەلققە تايىنىپ تارىخنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان كىشىلىك تۇرمۇش يولىنى تاپقىلى بولىدىغانلىقىنى ئىلمىي كۆرسىتىپ بەرگەن. باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىلمىي يوسۇندا مۇنداق كۆرسەتتى: خەلقنى باشتىن – ئاخىر قەلبىمىزگە چىڭ پۈكۈشىمىز، باشتىن – ئاخىر جان – دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشىمىز، باشتىن – ئاخىر خەلقنىڭ مەنپەئىتى ۋە بەخت – سائادىتى ئۈچۈن تىرىشىپ ئىشلىشىمىز كېرەك. قەتئىي ئىشىنىمىزكى، 1 مىليارد 300 مىليوندىن كۆپرەك جۇڭگو خەلقىنىڭ ئۇلۇغ ئارزۇسى يۈكلەنگەن جۇڭخۇا پاراخوتى بىزنى مۇقەررەر غەلىبىلىك ھالدا ئۈمىدكە تولغان ئەتىگە ئېلىپ بارىدۇ!

   ماركسىزمنىڭ ئەمەلىيەتچىللىقىدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك

   ‹‹ئەمەلىيەتچىللىق ماركسىزم نەزەرىيەسىنىڭ باشقا نەزەرىيەلەر بىلەن پەرقلىنىدىغان روشەن ئالاھىدىلىكى››. ماركس تولۇپ تاشقان ئىنقىلابىي قىزغىنلىقى بىلەن توختاۋسىز كۈرەش قىلىپ، دۇنيا بويىچە تۇنجى پىرولېتارىيات پارتىيەسىنى، تۇنجى خەلقئارا ئىشچىلار تەشكىلاتىنى قۇرغان ھەم ئۇلارغا رەھبەرلىك قىلغان، تۇنجى قېتىملىق ئىشچىلار سىنىپىنىڭ ھاكىمىيەتنى قولغا ئېلىش ئىنقىلابىغا رەھبەرلىك قىلغان ۋە ئۇنى قوللىغان. ماركس ئېنىق قىلىپ مۇنداق كۆرسەتكەن: پىرولېتارىيات مۈلۈكدارلار سىنىپى بىرلەشمە كۈچلىرىگە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە، ئۆزىنىڭ مۈلۈكدارلار سىنىپى ئورناتقان بارلىق كونا تۈزۈم بىلەن ئوخشىمايدىغان، قارىمۇقارشى تۇرىدىغان سىياسىي پارتىيەسىنى قۇرغاندىلا، ئاندىن سىنىپ سۈپىتىدە ھەرىكەت قىلالايدۇ. ئىجتىمائىي ئىنقىلابنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىش ۋە ئىنقىلابنىڭ يۈكسەك نىشانىغا يېتىش، يەنى سىنىپنى يوقىتىش ئۈچۈن، پىرولېتارىياتتىن ئىبارەت بۇ تەشكىلاتنىڭ پارتىيە بولۇپ شەكىللىنىشى مۇقەررەر. ئۇ مۇنداق دەپ ئىلمىي يەكۈن چىقارغان: پىرولېتارىيات دىكتاتۇرىسى ئىشچىلار سىنىپى سىياسىي ھوقۇقىنى يۈرگۈزەلەيدىغان بىردىنبىر شەكىل، كاپىتالىستىك جەمئىيەتتىن كوممۇنىستىك جەمئىيەتكە ياكى سىنىپسىز جەمئىيەتكە يۈزلىنىشتە بېسىپ ئۆتىدىغان ئۆتكۈنچى باسقۇچ. جۇڭگو كومپارتىيەسى ئىشچىلار سىنىپى رەھبەرلىك قىلىدىغان، ئىشچى – دېھقانلار ئىتتىپاقى ئاساس قىلىنغان، خەلق دېموكراتىيەسى دىكتاتۇرلۇقىدىكى سوتسىيالىستىك دۆلەت قۇردى، دۆلەتتە بارلىق ھاكىمىيەت خەلققە مەنسۇپ.

   بۇنىڭدىن 40 يىل ئىلگىرى ‹‹ئەمەلىيەت ھەقىقەتنى سىنايدىغان بىردىنبىر ئۆلچەم››، دېگەن چوڭ مۇھاكىمە قانات يايدۇرۇلۇپ، ئېلىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇشى ۋە ئىسلاھاتىدا ئىدىيەدە ئومۇميۈزلۈك ئازاد بولۇش ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا ئومۇميۈزلۈك، ئېچىش خاراكتېرلىك تارىخىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، چوڭقۇر قاتلاملىق ھەم تۈپ تارىخىي ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كەلتۈرۈلدى. تىنچ شارائىتتىمۇ خەۋپ – خەتەرنى ئۇنتۇپ قالماسلىق كېرەك. شۇنى سەگەكلىك بىلەن تونۇپ يېتىشىمىز كېرەككى، ئېلىمىز ھازىر ئۇزاق بىر مەزگىلگىچە سوتسىيالىزمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا تۇرىدۇ، يەنىلا دۇنيا بويىچە تەرەققىي قىلىۋاتقان ئەڭ چوڭ دۆلەت. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ماركس، ئېنگېلس جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ كىشىلەر مەدەنىيىتىنىڭ يۈكسىلىشىگە قوشقان تۆھپىسىنى يۈكسەك مۇئەييەنلەشتۈرگەن، ‹‹جۇڭگو سوتسىيالىزمى››نىڭ ۋۇجۇدقا كېلىدىغانلىقىنى ئىلمىي مۆلچەرلىگەن، ھەتتا ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ قەلبىدىكى يېڭى جۇڭگوغا ‹‹جۇڭخۇا جۇمھۇرىيىتى›› دەپ چىرايلىق نام قويغان. ماركسقا شۇنداق تەسەللى بېرەلەيمىزكى، ماركسىزم جۇڭگونى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىشنىڭ داغدام يولىدا مۇۋەپپەقىيەتلىك مېڭىشقا يېتەكلىدى.

   ماركسىزمنىڭ ئوچۇقلۇقىدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك

   ‹‹ماركس كۆپ قېتىم كىشىلەرگە ماركسىزم نەزەرىيەسى دوگما ئەمەس، بەلكى ھەرىكەت كۆرسەتمىسى، ئۇ چوقۇم ئەمەلىيەتنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ راۋاجلىنىدۇ، دەپ ئەسكەرتكەن››. ماركسىزملىق پارتىيە بولغان جۇڭگو كومپارتىيەسى ‹‹ماركسنىڭ نەزەرىيە يولىنى بويلاپ ئىلگىرىلەپ، ئوبيېكتىپ ھەقىقەتكە بارغانسېرى يېقىنلىشىدۇ››. تارىخ ۋە ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، ماركسىزم ئېلىمىزنىڭ كىشىلەر تارىخىدىكى مىسلىسىز تەرەققىيات مۆجىزىلىرىنى يارىتىشىدىكى قۇدرەتلىك ئىدىيەۋى قورال. جۇڭگو كومپارتىيەسى دۇنياغا كەلگەن كۈنىدىن باشلاپ ماركسىزمنىڭ تۈپ قائىدىسىنى جۇڭگونىڭ ئىنقىلابى، قۇرۇلۇشى ۋە ئىسلاھاتىدىكى ھەرقايسى تارىخىي مەزگىللەرنىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرغانلىقتىن، جۇڭخۇا مىللىتى ئورنىدىن دەس تۇرۇش، بېيىشتىن قۇدرەت تېپىشقىچە بولغان ئۇلۇغ يۈكسىلىشنى كۈتۈۋالدى. دەل باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆرسەتكەندەك ‹‹تارىخ بىلەن خەلقنىڭ ماركسىزمنى تاللىغانلىقى تامامەن توغرا بولدى!››.

   ماركسىزم خۇددى ھەيۋەت بىلەن كۆتۈرۈلگەن قۇياشقا ئوخشاش، كىشىلەرنىڭ تارىخىي قانۇنىيەت ۋە ئۆز ئازادلىقى ئۈستىدە ئىزدىنىش يولىنى يورۇتۇپ بەردى. زامانىمىزدىكى جۇڭگو كوممۇنىستلىرى ماركسىزمنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىياتىنىڭ ئوچۇقلۇقىدا چىڭ تۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىدىن ئىبارەت  ئىجادىيلىققا، دەۋرلىككە ئىگە 21 – ئەسىردىكى جۇڭگو ماركسىزمىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈردى. دۇنيا سوتسىيالىزم ھەرىكىتى 500 يىللىق تارىخنى بېسىپ ئۆتتى، كىشىلەرنىڭ غايىۋى جەمئىيەت ئۈستىدە ئىزدىنىش ھەرىكىتىنىڭ ئەزەلدىن بۇ دۇنيادا توختاپ قالمىغانلىقىغا قەتئىي ئىشىنىمىز. 200 يىلدىن بۇيان، ماركس ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ ئۇلۇغ مۇتەپەككۇر بولۇش سۈپىتى بىلەن ئەزەلدىن بۇ دۇنيادىن ئايرىلغان ئەمەس.

   بۈگۈن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ماركسنى چوڭقۇر ئەسلىشىمىز ۋە داغدۇغىلىق خاتىرىلىشىمىز دەل ماركسىزمغا ساداقەتمەنلىك بىلەن ئېتىقاد قىلغانلىقىمىز ۋە ئۇنى قەتئىي ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكەنلىكىمىزدۇر! شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بىلەن مېڭىمىزنى قوراللاندۇرۇپ، ‹‹ماركسىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى داۋاملىق ئېگىز كۆتۈرۈپ، ماركس، ئېنگېلسنىڭ تەسەۋۋۇرىدىكى كىشىلەر جەمئىيىتىنىڭ گۈزەل مەنزىلىنى جۇڭگو زېمىنىدا ئۈزلۈكسىز جانلىق نامايان قىلايلى!››
 

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى