تەڭرىتاغ تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

پەن–تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە تەرەققىياتنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتىنى چوڭقۇر ئىگىلەيلى

ــــ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىككى ئاكادېمىيەنىڭ ئاكادېمىكلار  يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى توغرىسىدا

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

   پەن – تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ دولقۇنى مەۋج ئۇرماقتا، كەسكىن رىقابەتتە باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىگەنلەر غەلىبە قىلىدۇ.  

   باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ 19 – قېتىملىق ئاكادېمىكلار يىغىنى، جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسىنىڭ 14 – قېتىملىق ئاكادېمىكلار يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىدە پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى ئومۇمىيىتىدە تۇرۇپ، پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، دۆلىتىمىزنىڭ پەن – تېخنىكا ئىشلىرىدىكى تارىخىي ئۆزگىرىشلەر ۋە قولغا كەلتۈرۈلگەن مۇۋەپپەقىيەتلەرنى يۈكسەك دەرىجىدە خۇلاسىلەپ، پەن – تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە تەرەققىيات ئومۇمىي ۋەزىيىتىنى توغرا ئىگىلەپ، پەن – تېخنىكا تەرەققىياتىدا دۆلىتىمىز دۇچ كېلىۋاتقان ۋەزىيەت ۋە ۋەزىپەلەرنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ، دۇنيادىكى پەن – تېخنىكىدا قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇپ چىقىش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش توغرىسىدا نۇقتىلىق ئورۇنلاشتۇرما قىلدى، ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ مۇھىم سۆز پەن – تېخنىكا خىزمەتچىلىرىنى باتۇرلۇق بىلەن يېڭى دەۋردىكى پەن – تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ باشلامچىلىرىدىن بولۇشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت، پۈتۈن جەمئىيەتنى دۇنيادىكى پەن – تېخنىكىدا قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇپ چىقىش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىشقا سەپەرۋەرلىك قىلىشتا زور رېئال ئەھمىيەتكە ۋە چوڭقۇر تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە.

   خىمىيە، ماتېرىيال، فىزىكا قاتارلىق پەنلەردە دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇردۇق، دەرىجىدىن تاشقىرى كومپيۇتېر ئۇدا ئون قېتىم دۇنيا بويىچە 1 – ئورۇندا تۇردى، ‹‹گۈللىنىش›› ناملىق يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىز قوغلاپ يېتىشىۋېلىشتىن يول باشلاپ يۈگۈرۈشكىچە ھالقىلىق بىر قەدەمنى تاشلىدى... بۇ بىر قانچە يىلدىن بۇيان، دۆلىتىمىز پەن – تېخنىكا ئىشلىرىدا زىچ كۈچەپ، تېز ھالقىپ، تارىخىي خاراكتېرلىك، ئومۇمىي خاراكتېرلىك، ئەندىزە خاراكتېرلىك زور ئۆزگىرىشلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، زور يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىنى بەس – بەستە ياراتتى، قىسمەن ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان تەتقىقاتلار دۇنيا بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەش، باشلامچى بولۇپ مېڭىش باسقۇچىغا كىردى. پەن – تېخنىكا ئەمەلىي كۈچى مىقدار جەھەتتە جۇغلىنىشتىن سۈپەت جەھەتتە ھالقىيدىغان، نۇقتىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىشتىن سىستېما ئىقتىدارىنى ئۆستۈرىدىغان مۇھىم پەيتتە تۇرماقتا. بۇ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىنىڭ نەتىجىسى. پۈتۈن مەملىكەتتىكى پەن  –  تېخنىكا ساھەسى ۋە جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىنىڭ نەتىجىسى.

   ‹‹ۋەزىيەتنى كۆزەتكۈچىلەر دانا، ۋەزىيەتكە يۈزلەنگۈچىلەر ئاقىلدۇر››. پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، دۆلىتىمىز پەن – تېخنىكا ئىشلىرىدا تارىخىي ئۆزگىرىشلەر يۈز بېرىشىنىڭ، تارىخىي نەتىجىلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشىنىڭ ئاچقۇچى شۇكى ــــ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيەتنى كۆزىتىپ، ئومۇمىيەتنى پىلانلاپ، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك كۈچەپ، پارتىيەنىڭ پەن – تېخنىكا ئىشلىرىغا بولغان رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ پەن – تېخنىكا ئىشلىرى تەرەققىياتىنى كۈچلۈك سىياسىي كاپالەتكە ئىگە قىلغانلىقىدا؛ دۇنيادىكى پەن – تېخنىكىدا قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇپ چىقىش كۈرەش نىشانىدا چىڭ تۇرۇپ، پەن – تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ يېتەكلەش رولىنى تېخىمۇ يۇقىرى قاتلام، تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە جارى قىلدۇرغانلىقىدا؛ جۇڭگوچە ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەۋزەل ساھەلەردە، ئاچقۇچلۇق تېخنىكىدا زور بۆسۈش ھاسىل قىلغانلىقىدا؛ ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسىنىڭ ئومۇمىي ئۈنۈمىنى ئۆستۈرگەنلىكىدە؛ يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇشنىڭ ماھىيىتىنىڭ ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق تۈرتكە بولۇش ئىكەنلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، دۇنياۋى نەزەر ۋە خەلقئارالىق سەۋىيەگە ئىگە زور بىر تۈركۈم ئىستراتېگىيەلىك پەن – تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرى، پەن – تېخنىكا باشلامچىلىرى، ياش پەن – تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرى ۋە يۇقىرى سەۋىيەلىك يېڭىلىق يارىتىش كوللېكتىپىنى زور كۈچ بىلەن يېتىشتۈرگەنلىكىدە؛ دۇنيا پەن – تېخنىكا يېڭىلىق يارىتىش تورىغا سىڭىشىشتا چىڭ تۇرۇپ، دۆلىتىمىزنى دۇنيادىكى يېڭىلىق يارىتىش خەرىتىسىدە كۈنسېرى مۇھىم قۇتۇپقا ئايلاندۇرغانلىقىدا.

   دۇنيا پەن – تېخنىكا تەرەققىيات ۋەزىيىتىدىن قارىغاندا، يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن – تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپ ئۆزگىرىشى يەر شارىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش يېڭى خەرىتىسىنى قايتىدىن  تۈزۈۋاتىدۇ، دۇنيانىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلمىسىنى قايتىدىن تەشكىللەۋاتىدۇ، پەن – تېخنىكا ئەزەلدىن دۆلەتنىڭ ئىستىقبالى ۋە تەقدىرىگە، خەلقنىڭ تۇرمۇشى، بەختىگە بۈگۈنكىدەك چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىپ باقمىغان. نۆۋەتتە، دۆلىتىمىزنىڭ پەن – تېخنىكا ساھەسىدە يەنىلا جىددى ھەل قىلىشقا تېگىشلىك بەزى گەۋدىلىك مەسىلىلەر مەۋجۇت، بولۇپمۇ پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان يېڭى ۋەزىپە، يېڭى تەلەپلەرگە سېلىشتۇرغاندا، دۆلىتىمىز پەن – تېخنىكىسىنىڭ نەزەر ئەندىزىسى، يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى، بايلىق تەقسىملەش، تۈزۈلمە –  سىياسەت قاتارلىق جەھەتلەردە نۇرغۇن ماس كەلمىگەن تەرەپلىرى بار. ھازىر، بىز  دۇنيانىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن – تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپ ئۆزگىرىشى بىلەن ئېلىمىزنىڭ تەرەققىيات ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشنىڭ تارىخىي گىرەلەشمە مەزگىلىنى كۈتۈۋالدۇق، ھەم تېپىلغۇسىز تارىخىي پۇرسەتكە، ھەم پەرق چوڭىيىۋاتقان كەسكىن خىرىسقا دۇچ كەلدۇق. ۋەزىيەت كىشىنى قىستاۋاتىدۇ، خىرىس كىشىنى قىستاۋاتىدۇ، بۇرچ كىشىنى قىستاۋاتىدۇ. پەن –  تېخنىكا خىزمەتچىلىرى ئومۇمىي ۋەزىيەتنى ئىگىلەپ، ياخشى پۇرسەتنى قولغا كەلتۈرۈپ، مەسىلىگە توغرا يۈزلىنىپ، جاپاغا قارشى ئالغا ئىلگىرىلەپ، دۇنيا پەن – تېخنىكىسىنىڭ ئالدىنقى سېپىنى كۆزلەپ، پەن – تېخنىكا تەرەققىيات يۆنىلىشىگە يېتەكچىلىك قىلغاندىلا تارىخ يۈكلىگەن ئېغىر ۋەزىپىنى زىممىسىگە ئالالايدۇ.

   ‹‹جۇڭگو قۇدرەت تاپماقچى، گۈللەنمەكچى بولسا چوقۇم  پەن – تېخنىكىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، تىرىشىپ دۇنيادىكى ئاساسلىق ئىلىم  –  پەن مەركىزىگە ئايلىنىشى ۋە يېڭىلىق يارىتىشتىكى يۇقىرى پەللىنى ئىگىلىشى كېرەك››. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىككى ئاكادېمىيەنىڭ ئاكادېمىكلار يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويغان سەمىمىي ئۈمىدى بىزگە ئالدىنقى قاتاردىكى ساھەلەردە ۋەزىيەتكە قاراپ ئىلگىرىلەپ، باتۇرلۇق بىلەن ئالدىدا مېڭىپ، پەن – تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ يېتەكچىلىك رولىنى تېخىمۇ يۇقىرى قاتلام، تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە جارى قىلدۇرۇشنىڭ يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بەردى. بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، قىيىنچىلىقلارنى يەڭسەكلا، بۇرچىمىزنى چوقۇم ئادا قىلىپ، خەلقنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويماي، پەن – تېخنىكا ئەمەلىي كۈچىمىز ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىمىزنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، دۇنيادىكى پەن – تېخنىكىدا قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇپ چىقىش كۈرەش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرالايمىز.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 – ئاينىڭ 28 – كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • باغراش كۆلى سۇ ئۈستى باغچىسى ئالقىشقا ئېرىشتى
  • نەنسەندىكى رەڭگارەڭ گۈل دېڭىزى ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى
  • نارات مەنزىرە رايونىدا يەككە كۈندە كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچىلەر سانىدا رېكورت يارىتىلدى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى