تىيانشان تورى   ›   سۈرەت

باش ياز ئايلىرىدا تىمتاسلىققا چۆمگەن غەربىي تاغ يېزىسى

  ئۆز خەۋىرىمىز. غەربىي تاغ يېزىسى قومۇل ئېۋىرغول رايونىدىكى بىر تاغلىق يېزا. ئۇ مەنزىرىسىنىڭ گۈزەللىكى، قاتنىشىنىڭ راۋان، ياتاق-تامىقىنىڭ قولايلىقلىقى بىلەن كىشىلەر ئارام ئېلىپ، ساياھەت قىلىدىغان ياخشى جايغا ئايلانغان.

  باش يازدىكى 5-ئايدا، قومۇل شەھەر رايونىدىن يولغا چىقىپ، دۆلەت يولىنى بويلاپ غەربكە نەچچە كېلومېتىر يۈرسىڭىز، غەربىي تاغ يېزىسىغا قايرىلىدىغان يول ئېغىزىغا يېتىپ كېلىسىز، بۇ چاغدا  ئوڭ تەرەپنى كۆرسەتكەن يول بەلگىسى بويىچە ماڭسىڭىز قوش يۆنىلىشلىك ئاسفالىت يول بىلەن تاغ باغىرىغا يېتىپ بارىسىز.

  غەربىي تاغ يېزىسىغا ساياھەتكە بارىدىغانلارنىڭ نەزىرى تاشيولنىڭ ئىككى چېتىدىكى مەنزىرىدىن ساقىت بولمايدۇ. تاشيولنىڭ ئىككى چېتىدىكى چۆل ئوتلىقى تۆگىلەرنىڭ مەززىلىك تائاملار دۇنياسى، تاشيولنى بويلاپ پىيادە يۈرگەندە توپ-توپ بولۇپ ئوزۇقلۇق ئىزدەپ يۈرگەن تۆگىلەر بىلەن يېقىن ئارىلىقتا ئۇچراشقىلى بولىدۇ. بۇ خىل ئۆزگىچىلى سەپىرىڭىزگە يېڭىچە مەنا ئاتا قىلىدۇ، تەلىيىڭىز كېلىپ قالسا بۈركۈتلەرنىڭ ياۋا توشقان ۋە يىلانلارنى ئولجا ئالغان ھەيۋەت كۆرۈنۈشىنى كۆرۈشكە، ئاستاغىنا سۈرەتكە تارتىۋېلىشقىمۇ مۇيەسسەر بولالايسىز.

  غەربىي تاغ يېزىسىغا كېلىپ، كۆك بىلەن بوي تالاشقان ھەيۋەتلىك تاغلارنى، تاغلار تامان ھەر خىل شەكىللەرنى چىقىرىپ ئۈزۈپ يۈرگەن ئاپئاق بۇلۇتلارنى تاماشا قىلىش بىر تۈرلۈك مۇھىم ساياھەت تۈرى. ئاپتوموبىلىڭىزنىڭ سۈرئىتىنى ئاستىلىتىپ، دېرىزە ئەينىكىنى چۈشۈرسىڭىز، بۇلۇت قاتلىمى ئاپتوموبىلنىڭ ئۈستىدىلا تۇرغاندەك ھېس قىلىسىز، بېشىڭىزنى كۆتۈرۈپ بۇلۇتقا قارىسىڭىز، ھەرىكەتتىكى بۇلۇتلارغا قولىڭىزنى سوزسىڭىزلا يېتىدىغاندەك تۇيغۇ پەيدا بولىدۇ. كۆزىڭىزنى خىرە يۇمۇپ كۆككە باقسىڭىز، كىشىگە ھوزۇر بېغىشلايدىغان گۈزەل، مېھرىبان ئانا تەبىئەت قوينىدا ئەللەيلەنگەندەك تۇيغۇغا كېلىسىز.

  (ساۋ شىنجيا فوتوسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى