تەڭرىتاغ تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

كىرلىكتىكى كانىنى تازىلاشنى ئۆگىنىۋېلىڭ

    كانىنىڭ(螨虫) زىيىنى تەسەۋۋۇرىڭىزدىن نەچچە ھەسسە ئېغىر. كانا يىنىك بولسا تەر تۆشۈكچىلەرنى يوغىنىتىپ، تېرىنى يىرىكلەشتۈرۈۋېتىدۇ، ئېغىر بولغاندا زىيادە سەزگۈرلۈكنى پەيدا قىلىدۇ. تۆۋەندە كىرلىك ۋە باشقا تۇرمۇش بۇيۇملىرىدىكى كانىنى تازىلاش ئۇسۇللىرىنى بىللە ئۆگىنىمىز.

    كىرلىك ۋە كىيىملەردىكى كانىنى تازىلاش ئۇسۇلى
   قايناق سۇدا يۇيۇش ياكى ئاپتاپقا سېلىش ئارقىلىق كىرلىك ۋە كىيىملەردىكى كانىلارنى يوقاتقىلى بولىدىغانلىقى ھەممىمىزگە مەلۇم. ئەمما گۈل سۈيى (花露水) بىلەن كىرلىكلەردىكى %99 كانىنى يوقاتقىلى بولىدىغانلىقىنى كۆپىنچە كىشىلەر بىلمەسلىكى مۇمكىن.
بۇ باسقۇچ ئىنتايىن ئاددىي بولۇپ، كىيىم ياكى كىرلىكلەرنى يۇيۇۋاتقاندا گۈل سۈيىنى ئازراق قۇيۇپ، كۆپ بولغاندا بىر مىنۇت چىلاپ يۇيسىلا كانىلار ئاساسەن يوقاپ كېتىدۇ.

    ياستۇقتىكى كانىنى تازىلاش ئۇسۇلى
    ئەگەر ئادەمنىڭ تېرىسى كانىنىڭ «داستىخان» ى بولسا، ياستۇق دەل كانىنىڭ «ئۇۋا» سى. ياستۇقنى ھەر كۈنى يۇيۇشقا ئامالسىز بولغاچقا يەنە كېلىپ ئادەمنىڭ باش ۋە يۈز قىسمى بىلەن بىۋاسىتە ئۇچراشقاچقا، ئادەم بەدىنىدىكى مۈڭگۈز ماددا (ئۆلۈك تېرىلەر) بىلەن كېپەكنى سۈمۈرۈۋالىدۇ، شۇڭا ياستۇقتىكى كانىنىڭ سانى تەسەۋۋۇرىمىزدىكىدىن خېلىلا كۆپ.
    ياستۇقنى يۇيماي تۇرۇپمۇ كانىنى ئاددىي ئۇسۇل بىلەن يوقاتقىلى بولىدۇ. تۆۋەندىكى بۇ ئۇسۇل بىلەن دائىم يۇيۇشقا ئەپسىز بۇيۇملاردىكى، قونچاقلاردىكى، دىۋان ياستۇقلىرىدىكى كانىلارنىمۇ تازىلىغىلى بولىدۇ.

    توڭلاتقۇنىڭ توڭلىتىش بۆلمىسىدە توڭلىتىش ئارقىلىق كانىنى تازىلاش ئۇسۇلى
    ياستۇق، دىۋان ياستۇقى (抱枕)، تۈكلۈك قونچاق قاتارلىقلارنى يېڭى ساقلاش خالتىسى (保鲜膜) غا سېلىپ، ئاندىن توڭلاتقۇنىڭ توڭلىتىش بۆلمىسىدە 24-6 سائەتكىچە توڭلاتقاندا، %70 كانىنى تازىلىغىلى بولىدۇ. ئاخىرىدا ئاپتاپقا قاقلىغاندا كانىلار پۈتۈنلەي يوقايدۇ.

    قارا سۇلياۋ خالتىغا قاچىلاپ ئاپتاپقا قاقلاش ئارقىلىق كانىنى تازىلاش ئۇسۇلى
    تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئاپتاپقا قاقلىغاندا پەقەت %30 كانىنى يوقاتقىلى بولىدىكەن. ئەمما ياستۇق قېپىنى قارا رەڭلىك سۇلياۋ خالتىغا قاچىلاپ ئاپتاپقا ئىككى سائەت قاقلىغاندا تېخىمۇ كۆپ كانىنى يوقاتقىلى بولىدىكەن.
    قارا سۇلياۋ خالتىنىڭ ئىسسىقلىقنى قوبۇل قىلىشى ئىنتايىن يۇقىرى، يەنە كېلىپ ئاپتاپقا قاقلىغاندىن كېيىن سۇلياۋ خالتىنىڭ تېمپېراتۇرىسى 55 گرادۇستىن ئېشىپ تېخىمۇ كۆپ كانىلارنى يوقاتقىلى بولىدىكەن.

    بورا تۆشەكتىكى (凉 席) كانىنى تازىلاش ئۇسۇلى
    نۇرغۇن كىشىلەر يازدا بورا تۆشەك ئىشلىتىشكە ئامراق. ئەمما بورا تۆشەكنىڭ ئارىلىقلىرىغا كانا يىغىلىۋالىدىغان بولغاچقا، بەدەن تەرلىگەن ھامان بورا تۆشەك نەملىشىپ، كانا كۆپىيىپ كېتىدۇ، نەتىجىدە تېرە ياللۇغىنى پەيدا قىلىدۇ.
    بورا تۆشەكتىكى كانىنى تازىلاشنىڭ ئۇسۇلى كۆپ. بورا تۆشەككە گۈل سۈيى (花露水) چېچىپ قويغاندا بورا تۆشەكتىكى كانىلار يوقايدۇ.
    بورا تۆشەكنى دەزمال بىلەن دەزماللىسىمۇ كانىلار يوقايدۇ، ئەمما بۇ ئۇسۇل بىر قەدەر ئاۋارىچىلىق.
    ئەلۋەتتە، بورا تۆشەكنى ئاپتاپقا 6-4 سائەت قاقلاش ئارقىلىقمۇ %60 كانىنى يوقاتقىلى بولىدۇ.

    ماتراستىكى كانىنى تازىلاش ئۇسۇلى
    ماتراس ياستۇققا ئوخشاشلا دائىم تېرە بىلەن ئۇچرىشىدىغان كارىۋات بۇيۇمى بولۇپ، كانا ئىنتايىن كۆپ. ماتراس بەك يوغان بولغاچقا، ئاپتاپقا قاقلاشقىمۇ، توڭلاتقۇدا توڭلىتىشقىمۇ ئانچە ماس كەلمەيدۇ. شۇڭا چاڭ-توزان سۈمۈرگۈچ بىلەن ماتراسنى بىر قېتىم تازىلىۋەتكەندىن كېيىن، ماتراسقا ئىچىملىك سودا (小苏打) نى تەكشى سىپىپ، بىر نەچچە سائەتتىن كېيىن  قېقىپ پاكىزلىۋەتسىلا كانىلار يوقايدۇ.

    لۆڭگىدىكى كانىلارنى تازىلاش ئۇسۇلى
    لۆڭگىنى ئۇزۇن مەزگىل ئىشلەتكەندە، بولۇپمۇ ھاجەتخانىغا ئېسىپ قويغاندا كانا تېز سۈرئەتتە كۆپىيىدۇ. لۆڭگىدىكى كانىنى يوقۇتۇشنىڭمۇ بىر قانچە خىل ئۇسۇلى بار:
    بىرىنچى، لۆڭگىنى پاكىز يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن قايناق سۇغا چىلاپ، بەش گرام تۇز قۇيۇپ بەش مىنۇت چىلاپ ئېلىۋېلىپ، پاكىز سۇدا چايقىۋەتكەندىن كېيىن قۇرۇتساقلا كانىلار يوقايدۇ.
    ئىككىنچى، لۆڭگىنى پاكىز يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن قايناق سۇغا چىلاپ، 10 مىللىگىرام ئاق ئاچچىقسۇ قۇيۇپ، بەش مىنۇت چىلاپ قۇرۇتساقلا كانىلار يوقايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • باغراش كۆلى سۇ ئۈستى باغچىسى ئالقىشقا ئېرىشتى
  • نەنسەندىكى رەڭگارەڭ گۈل دېڭىزى ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى
  • نارات مەنزىرە رايونىدا يەككە كۈندە كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچىلەر سانىدا رېكورت يارىتىلدى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى