تەڭرىتاغ تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ئائىلە

بەختىڭىزگە كۈندە بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتامسىز؟

ماتېرىيال سۈرەت

  تۇرمۇشتا ئەر-ئايال ئوتتۇرىسىدىكى سۈركىلىشتىن ساقلانغىلى بولمايدۇ، بەزىلەر سۈركىلىشنى توختام سۇدەك تىنچ ھاياتنىڭ تەم خۇرۇچى، دېيىشىدۇ. ھالبۇكى، ئەر-ئاياللىق تۇرمۇشتىكى پاسسىپ ھۈجەيرە، دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل تىل بار، ئۇ بولسىمۇ «زەھەردەك يامان تىل».

  بۇ خىل تىل ھۇجۇم قىلىش، مەسخىرە قىلىش ۋە ھاقارەتلەش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە. مەسىلەن: «كاللىڭىز ئىشلەمدۇ؟»، «كۆزۈم قارىغۇ بولۇپ سىزدەك ئەرگە تېگىپ قاپتىمەن!» دېگەندەك... مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى ئەر-ئاياللىق تۇرمۇشتا ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا سۈركىلىش پەيدا قىلىدىغان يامان سۆزلەردۇر.

  ئامېرىكا جەمئىيەت پەنلىرى ئالىملىرى كىلىف ۋە خوۋاردنىڭ تۇرمۇش مەسلىھەتچىلىك شىركىتى ئامېرىكا، ئەنگلىيە، ئاۋستىرالىيە، جەنۇبىي ئافرىقا ۋە ھىندىستاندىن ئىبارەت بەش قىتئەگە جايلاشقان دۆلەتلەردە «يامان سۆزلەرنىڭ تۇرمۇشقا بولغان بۇزغۇنچىلىق رولى» دېگەن تېمىدا ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان.

  ئۇلار ھەر بىر دۆلەتتىن يېڭى توي قىلغان 100 ئەر-ئايالنى تاللاپ، ئەتىگەنلىك ۋە كەچلىك تاماق ۋاقتىدا ئەر-ئايال ئوتتۇرىسىدىكى بارلىق دىئالوگلارنى ئۈنگە ئېلىۋالغان. بۇ پائالىيەت نەق 10 يىل داۋاملاشقان بولۇپ، كېيىن ئالىملار بۇ دىئالوگلارنى رەتلەپ، ئېنىق يەكۈنگە ئېرىشكەن.

  ئۇلارنىڭ بايقىشىچە، مەيلى قايسى دۆلەتتە بولسۇن، ئەر-ئايالنىڭ 100 جۈملە سۆزى ئىچىدە «يامان سۆز» 10 جۈملىدىن ئېشىپ كەتكەن ئەر-ئاياللارنىڭ كۆپىنچىسى ئايرىلىپ كەتكەن. كىلىف ۋە خوۋارد يىغىنچاقلاپ مۇنداق دەيدۇ : يامان سۆزلەرنىڭ تۇرمۇشقا بۇزغۇنچىلىق قىلىش كۈچىنى سەل چاغلىغىلى بولمايدۇ. ئۇلار تۇرمۇشتىكى پاسسىپ ھۈجەيرىلەردەك ئاستا-ئاستا، ئىختىيارسىز ھالدا تۇرمۇشتىن ئوزۇقلۇق سۈمۈرىدۇ. ئۇلاردا ماھىيەتلىك ئۆزگىرىش بولغان ھامان تۇرمۇش راك كېسىلىگە گىرىپتار بولىدۇ-دە، ئاخىرىدا ھالاك بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مىنىستىرلىقى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتتى
  • قاراجۈن مەنزىرە رايونى
  • يازدىكى نېلۇپەر گۈللىرى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى