تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

كىرئالغۇغا ئائىت بىلىشكە تېگىشلىك ساۋاتلار

    كۆپىنچە ۋاقىتلاردا كىرئالغۇنى ئىشلىتىپ بولغاندىن كېيىن يەرنىڭ سۇ بولۇپ كەتكەنلىكىنى بايقايمىز، بۇنىڭ سەۋەبى نېمە؟
    كىرئالغۇنىڭ سۇ چىقىرىش نەيچىسى (排水管) نى بىۋاسىتە سۇ چىقىرىۋېتىش تۇرۇبىسى (地漏) غا چاتقاندا يۇقىرىقىدەك ئەھۋال كېلىپ چىقىدۇ.
    نۇرغۇن كىشىلەر ئۆينى بېزىگەندە كىرئالغۇنىڭ سۇ چىقىرىش تۇرۇبىسىنى ئورنىتىش مەسىلىسىنى ئويلىشىدۇ.
    كىرئالغۇنىڭ سۇ چىقىرىۋېتىش تۇرۇبىسى بىلەن ئادەتتىكى سۇ چىقىرىۋېتىش تۇرۇبىسىنىڭ قۇرۇلمىسى پۈتۈنلەي ئوخشىمايدۇ.

    نۇرغۇن كىشىلەر بالكوننى بېزىگەندە سۇ چىقىرىش نەيچىسىنى سۇ چىقىرىۋېتىش تۇرۇبىسىغا بىۋاسىتە چېتىپ قويسىلا نۇرغۇن ئاۋارىچىلىقتىن ساقلانغىلى بولىدۇ، دەپ قاراپ پەقەت ئادەتتىكى سۇ چىقىرىۋېتىش  تۇرۇبىسىدىن بىرنىلا ئورنىتىدۇ. ئەمما بۇنداق قىلغاندا سۇ ئېقىپ قالىدۇ. چۈنكى كىرئالغۇ ھەرىكەتلىنىۋاتقاندا چىقىرىۋىتىلىدىغان سۇنىڭ ئېقىمى تېز بولىدۇ، ئەگەر سۇنىڭ ئېقىمى تېزلىشىپ سۇ ۋاقىتىدا چىقىرىۋېتىلمىسە، سۇ   چىقىرىش نەيچىسىگە قايتىپ كېتىپ، مىكروب پەيدا قىلىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، سۇ چىقىرىۋېتىش تۇرۇبىسى ئوچۇق ھالەتتە بولغاچقا، پاشا، سۈۋەرەكنىڭ كىرىش ئېغىزىغا ئايلىنىپ قالىدۇ.

    ۋاقىت ئۇزانغانسىرى سېسىق پۇراق تارقىلىپ، مۇھىتقا تەسىر كۆرسىتىدۇ، شۇڭا كىرئالغۇ ئورناتقاندا سۇ چىقىرىۋېتىش مەخسۇس تۇرۇبىسىنى ئورنىتىش كېرەك.
    مەخسۇس كىرئالغۇ سۇ چىقىرىۋېتىش تۇرۇبىسى يېپىق ھالەتتە بولغاچقا، سۇ ئېقىمى ھەرقانچە تېز بولسىمۇ، سۇ ئېقىپ چىقمايدۇ، سېسىق پۇراق تارقالمايدۇ ۋە مېكروب پەيدا بولمايدۇ.
    كىرئالغۇ ئىشلەتكەندە  دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك نۇقتىلار
    بىرىنچى، پارتلاش ۋە ئوت كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، تەركىبىدە پارغا ئايلىنىپ كېتىدىغان (بېنزىن،كىرسىن، ئىسپىرت، سۇيۇقلاندۇرغۇچ قاتارلىقلار) ماددا بار بولغان كىيىملەرنى كىرئالغۇدا يۇيماسلىق كېرەك.
    ئىككىنچى، كىيىملەرنى كىرئالغۇدا يۇيۇشتىن ئىلگىرى، ئالدى بىلەن كىيىملەرنىڭ يانچۇقىدىكى ۋە كىيىملەرگە تاقاپ قويغان نەرسىلەرنى ئېلىۋېتىش كېرەك. مەسىلەن، سەرەڭگە، چاچ قىسقۇچ، تەڭگە، ئاچقۇچ قاتارلىقلار.
    ئۈچىنچى، كىيىملەرنى تۈرى، كىر بولۇش ئەھۋالى ۋە رەڭگىگە ئاساسەن تۈرگە ئايرىپ يۇيۇش كېرەك.

    تۆتىنچى، يىپ، يىپەك قاتارلىقلاردىن توقۇلغان ياكى تىكىلگەن توقۇلما بۇيۇملارنى تور خالتىغا (网袋) سېلىپ يۇيۇش، تۈگمىلىك ياكى ئىلمەك تالالىق كىيىملەرنىڭ ئىچىنى تېشىغا ئۆرۈپ يۇيۇش كېرەك.
    بەشىنچى، كىيىملەرنىڭ ياقىسى ۋە يېڭى بەكرەك كىرلىشىپ كەتكەن بولسا ئالدى بىلەن چوتكىلاپ سوپۇندا يۇيۇۋېلىپ ئاندىن كىرئالغۇغا سېلىش كېرەك.
    ئالتىنچى، توقۇلما بۇيۇملارنى ئاقارتقۇچ بىلەن يۇيغاندا رەڭگى ئۆڭۈپ كېتىدۇ. ئاقارتقۇچ سۇيۇقلۇقىنى كىرئالغۇغا سۇ قاچىلىنىۋاتقاندا قۇيۇش كېرەك، ئاقارتقۇچ پاراشوكىنى ئالدى بىلەن سۇدا سۇيۇلدۇرۋالغاندىن كېيىن كىر يۇيۇلىۋاتقاندا سېلىش كېرەك.
    يەتتىنچى، كىرئالغۇ ھەرىكەتلىنىۋاتقاندا، قاتتىق سىلكىنىپ تەۋرەنسە ياكى بىنورمال ئاۋاز چىقارسا دەرھال توختۇتۇپ تەكشۈرۈش كېرەك، كاشىلىنى بىر تەرەپ قىلىپ بولغاندىن كېيىن داۋاملىق ئىشلەتسە بولىدۇ.

    كىرئالغۇنى قانداق ئاسراش كېرەك؟
    بىرىنچى، كىرئالغۇنى ئىشلىتىپ بولغاندىن كېيىن، توك مەنبە ئ‍ۈزچات (电源开关) ىنى، سۇ كىرىش جۈمىكىنى ئېتىپ، كىرئالغۇ دېسى ۋە سۇ چىقىرىش نەيچىسىگە يىغىلىپ قالغان سۇنى تازىلاپ چىقىرىپ، سۇ چىقىرىش نەيچىسىنى ئىلغىغا ئىلىپ قويۇپ، روزېتكىدىن توك سىمىنى تارتىۋېتىش كېرەك.
    ئىككىنچى، سۇ كىرىش كىلاپانىنىڭ سۈزگۈچى، سۇ كىرىش نەيچىسىنى ئۇلىغۇچتىكى سۈزگۈچنىمۇ قەرەللىك تازىلاپ تۇرغاندا سۇنىڭ راۋان ئېقىشىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.
    ئۈچىنچى، كىرئالغۇ قاپقىقىنىڭ بېسىلىپ ئۆزگىرىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، كىرئالغۇنىڭ قاپقىقى ئۈستىگە ئېغىر ياكى قىزىيدىغان ئۈسكۈنىلەرنى قويماسلىق كېرەك.
    تۆتىنچى، ئېلېكتىر موتور (电动机)، كوندېنساتور (电容器)، سىم يولى (线路)، ۋىكليۇچاتېل (开关) ۋە ۋاقىت بەلگىلىگۈچ (定时器) قاتارلىقلارنى ئامالبار قۇرغاق ئورۇندا ساقلاش كېرەك. ئېلېكتىر موتورنىڭ ئوققازىنى قاتارلىق ھەرىكەت ئۆتكۈزگۈچلەرگە قەرەللىك ماي قاچىلاپ تۇرۇش كېرەك.
    بەشىنچى، كىرئالغۇنى نۆلدىن تۆۋەن تېمپېراتۇرىدا ئىشلەتمەسلىك ياكى كىرئالغۇ تۇڭىغا خالىغانچە سۇ قاچىلىماسلىق كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى