تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

تېلېۋىزورنى تامغا ئېسىش كېرەكمۇ ياكى ئىشكاب ئۈستىگە قويۇش كېرەكمۇ؟

    ئۆيىڭىزدىكى تېلېۋىزور تامغا ئېسىلغانمۇ ياكى تېلېۋىزور ئىشكابى ئۈستىگە قويۇلغانمۇ؟
    تېلېۋىزورنى ئاسقان ياكى قويغان ئورۇن توغرا بولمىسا ئادەمنى بىئارام قىلىدۇ.
    تېلېۋىزورنى كۆز بىلەن پاراللىل قويغاندا ياكى ئاسقاندا، ئەڭ راھەت كۆرگىلى بولىدۇ. تېلېۋىزورنى مەيلى تامغا (ياكى تېلېۋىزور ئىشكابى) ئۈستىگىرەك ياكى تۆۋەنرەك قىلىپ ئېسىڭ، تېلېۋىزورنى ئۇزۇنراق كۆرگەن ھامان بويۇن تېلىپ ئاغرىيدۇ.
    شۇڭا، تېلېۋىزورنى دىۋان (سافا) دىن ئېگىزرەك قىلىپ قويغاندا مەيلى تېلىۋىزورنى دىۋاندا ئولتۇرۇپ كۆرسە ياكى يېتىپ كۆرسە، بويۇن تېلىپ ئاغرىمايدۇ.
    ئادەتتە تېلېۋىزورنى يەردىن تەخمىنەن 80 سانتىمېتر ئېگىزلىكتىكى ئورۇنغا قويسا ياكى ئورناتسا مۇۋاپىق. ئەلۋەتتە، كونكرېتنى ئېگىزلىكىنى يەنىلا دىۋاننىڭ ئېگىزلىكىگە قاراپ بىكىتىش كېرەك.
    ئەگەر تېلېۋىزور ئىشكابى پاكارراق بولسا، ئۇنداقتا تېلېۋىزورنى يەنىلا تامغا ئورناتسا مۇۋاپىق بولىدۇ.

    تېلېۋىزورنى تېلېۋىزور ئىشكابىغا قويۇشنىڭ ئارتۇقچىلىقى
    بىرىنچى، تېلېۋىزورنى تېلىۋىزور ئىشكابىغا قويغاندا ئورنىنى يۆتكەشكە ۋە تەڭشەشكە قولايلىق.
    ئىككىنچى، تېلېۋىزورنى تېلېۋىزور ئىشكابىغا قويغاندا، تېلېۋىزورنىڭ ئارقىسى بىلەن تام ئارىسىدا بەلگىلىك بوشلۇق ساقلاپ قېلىنىدىغان بولۇپ، تېلېۋىزورنىڭ ئىسسىقلىقنى تارقىتىشىغا پايدىلىق، بۇنداق بولغاندا تېلېۋىزورنىڭ ئىشلىتىش ئۆمرى ئۇزىرايدۇ.
    ئۈچىنچى، تېلېۋىزورغا توك مەنبە سىمى، سىگنال سىمى چېتىش كېرەك. ئەگەر تېلېۋىزورنى تامغا ئاسماقچى بولۇپ، ئالدىن يوشۇرۇن سىم ئورناتمىغاندا، توك يوللىرى سىرتقا چىقىپ قالىدۇ. ئەكسىچە،
    تېلېۋىزورنى ئىشكابنىڭ ئۈستىگە قويغاندا، تازىلاشقا قولايلىق.

    تېلېۋىزورنى تېلېۋىزور ئىشكابىغا قويۇشنىڭ يېتەرسىزلىكى
    بىرىنچى، تېلېۋىزورنى تېلېۋىزور ئىشكابىغا قويغاندا، ئىشكاب خېلىلا كۆپ ئورۇننى ئىگىلەپ مېھمانخانىنى تېخىمۇ تار ھەم كىچىك كۆرسىتىپ قويىدۇ.
    ئىككىنچى، تېلېۋىزورنى تېلېۋىزور ئىشكابىغا قويغاندا بالىلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يېتىشى مۇمكىن.

    تېلېۋىزورنى تامغا ئېسىشنىڭ ئارتۇقچىلىقى
    تېلېۋىزورنى تامغا ئاسقاندا خېلىلا كۆپ بوشلۇقنى تېجەپ قالغىلى بولىدۇ ھەمدە مېھمانخانىمۇ ئازادە كۆرۈنىدۇ.

    تېلېۋىزورنى تامغا ئېسىشنىڭ يېتەرسىزلىكى
    بىرىنچى، تېلېۋىزورنى تامغا ئاسقاندا توك سىملىرى سىرتقا چىقىپ قېلىپ سەل كۆرۈمسىز كۆرۈنىدۇ ھەم ئورنىنى ئالدىراپ يۆتكىگىلى بولمايدۇ.
    ئىككىنچى، تېلېۋىزورنى تامغا ئاسقاندا تېلېۋىزوردىن چىققان ئىسسىقلىقنىڭ تارقىلىشىغا پايدىسىز، شۇنداق بولغاندا تېلېۋىزورنىڭ ئىشلىتىش ئۆمرىمۇ قىسقىراپ كېتىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى