تەڭرىتاغ تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

ئېچىتىلغان يېمەكلىكلەر قېرىشنى كېچىكتۈرىدۇ

   ئېچىتىلغان يېمەكلىك دېگىنىمىز  پايدىلىق مىكرو ئورگانىزملاردىن پايدىلىنىپ پىششىقلاپ ئىشلەنگەن يېمەكلىكلەرنى كۆرسىتىدۇ. ئېچىتىش ئارقىلىق يېمەكلىكلەردە ئەسلىدە بار ئوزۇقلۇق تەركىبلەرنى ئۆزگەرتكىلى ھەم ئالاھىدە تەملەرگە ئىگە قىلغىلى بولىدۇ. ئېچىتىلغان يېمەكلىكلەردە ئىسسىقلىق ۋە ياغ نىسبەتەن ئاز بولىدۇ.

يېمەكلىكلەر ئېچىغاندا مىكرو ئورگانىزم ئاجرىتىپ چىقارغان ئېنزىملار ھۈجەيرە پوستىنى پارچىلاپ، ئوزۇقلۇقلاردىن پايدىلىنىش دەرىجىسىنى ئاشۇرىدۇ. يېمەكلىك ئېچىش جەريانىدا ئەسلىدە بار بولغان ئاقسىل پارچىلىنىپ ئادەم بەدىنىنىڭ قوبۇل قىلىشى ئاسانلىشىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، مىكرو ئورگانىزملار يەنە بىر قىسىم B گۇرۇپپا ۋىتامىننى بىرىكتۈرەلەيدۇ.

   كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ئېچىتىلغان يېمەكلىكلەر ئاساسلىقى دان تۈرىدىكى ئېچىتىلغان يېمەكلىك، پۇرچاق تۈرىدىكى ئېچىتىلغان يېمەكلىك ۋە سۈت تۈرىدىكى ئېچىتىلغان يېمەكلىكلەرگە بۆلۈنىدۇ. دان تۈرىدىكى ئېچىتىلغان يېمەكلىكلەر تاتلىق ئۇن بوتقىسى ۋە گۈرۈچ ئاچچىق سۈيىنى كۆرسىتىدۇ، ئۇلاردا تىرېئونىن قاتارلىق تەركىبلەر مول بولۇپ، ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىنىڭ چېكىنىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالالايدۇ. ئاچچىق سۇنىڭ ئاساسلىق تەركىبى كۆپ خىل ئامىنو كىسلاتاسى ۋە مىنېرال ماددىلار بولۇپ، قان بېسىمى، قان شېكىرى ۋە خولېستېرىننى تۆۋەنلىتىشكە ياردىمى بولىدۇ. پۇرچاق تۈرىدىكى ئېچىتىلغان يېمەكلىكلەر پۇرچاقتىن قىلىنغان قىيام، جياڭيۇ، ئېچىتىلغان پۇرچاق بوتقىسىنى كۆرسىتىدۇ. ئېچىتىلغان دادۇردا قان نوكچىسىغا قارشى تەركىب مول بولۇپ، قان نوكچىسىنى ئېرىتىش، ئارتېرىيە قېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىش رولى بولىدۇ. پۇرچاق تۈرىدىكىلەر ئېچىغاندىن كېيىن ۋىتامىن Kنى بىرىكتۈرۈشكە قاتنىشىپ، سۆڭەك شالاڭلىشىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ۋە سۆڭەكنى تېخىمۇ مۇستەھكەم قىلىدۇ. قېتىق ۋە ئېرىمچىكتە سۈت كىسلاتا باكتېرىيەسى مول بولۇپ، ئۈچەي يولىنى چىرىتىش باكتېرىيەسىنىڭ ئۆسۈشىنى ۋە بەدەندىكى خولېستېرىننى بىرىكتۈرگۈچى ئوكسىدسىزلىغۇچى ئېنزىمنىڭ ئاكتىپلىقىنى چەكلەيدۇ، ئورگانىزملارنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى غىدىقلاپ، ئاكتىپ ئامىللارنى قوزغىتىپ، راكنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالالايدۇ.

ياسىن ئىبراھىم تەرجىمىسى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مىنىستىرلىقى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتتى
  • قاراجۈن مەنزىرە رايونى
  • يازدىكى نېلۇپەر گۈللىرى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى