ياز پەسلىدە ھاۋا تەڭشىگۈچ كۆپ ئىشلىتىلگەنلىكتىن بۇرۇن ياللۇغى قوزغىلىپ، ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ.
زىيادە سەزگۈرلۈك بۇرۇن ياللۇغى بىلەن ئاستا خاراكتېرلىك بۇرۇن ياللۇغى تەكرار قوزغالسا، دائىم بۇرۇن پۈتۈپ، نەپەس توسالغۇغا ئۇچراپ، قاندىكى ئوكسىگېننىڭ قويۇقلۇق دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ، باشقا توقۇلما ۋە ئورگانىزملارنىڭ ئىقتىدارى ۋە ماددا ئالمىشىشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. باش ئاغرىش، باش قېيىش، ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ كېتىش، كۆكرەك ئاغرىش، بۇرۇقتۇم بولۇش، روھىي چۈشكۈنلۈك قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ، ھەتتا دەم سىقىلىش قاتارلىق ئەگەشمە كېسەللىكلەر پەيدا بولىدۇ.
بۇرۇن ياللۇغى ياشانغانلارنىڭ يۈرەك، مېڭىسىگە ئوكسىگېن يەتكۈزۈپ بېرىشكە تەسىر يەتكۈزىدۇ، ئېغىر بولغاندا مېڭە قان تومۇرى توسۇلىدۇ، يۇقىرى قان بېسىم ۋە يۈرەك كېسىلى تۇيۇقسىز قوزغىلىدۇ، ھەتتا ھاياتىغا خەۋپ يېتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا بۇرۇن ياللۇغى پەيدا قىلغان ئۇيقۇسىزلىقمۇ ياشانغانلارنىڭ باشقا كېسەللىكلىرىنى داۋالىتىشىغا ۋە سالامەتلىكىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ. چۈنكى، ياشانغانلارنىڭ ئورگانىزمىنىڭ ئىنكاسى ئاستا بولغاچقا بۇرۇن ياللۇغى پەيدا قىلغان ئۇيقۇسىزلىق، نەپەس ۋاقتىنچە توختاپ قېلىش ياشانغانلارنىڭ ھاياتىغا خەۋپ يەتكۈزىدۇ. شۇڭا ياشانغانلار بۇرۇن ياللۇغىغا سەل قارىماسلىقى، بۇرۇن بوشلۇقىنىڭ راۋان بولۇشىنى ساقلىشى، زۇكامنىڭ ئالدىنى ئېلىشى لازىم. ياز پەسلىدە جامائەت سورۇنلىرى ھاۋا تەڭشىگۈچ ئىشلىتىدۇ، بۇ نىسپىي ئاجىز بولغان ياشانغانلار ئۈچۈن ئېيتقاندا يوشۇرۇن خەۋپ بولۇپ، بۇرۇن ياللۇغىنىڭ قوزغىلىش نىسبىتىنى كۆرۈنەرلىك ئاشۇرۇۋېتىدۇ، شۇڭا ياشانغانلار ھاۋا تەڭشىگۈچ مۇھىتىدىن ئامالنىڭ بارىچە يىراق تۇرۇشى لازىم.
ئېرفانجان ياسىن تەرجىمىسى