ھازىر نۇرغۇن ئاياللار ئورۇقلاشنى مەقسەت قىلىپ گۆشسىز غىزالىنىدۇ. ئەمما ئاياللار تېرىسىنىڭ ساغلاملىقى ئۇلارنىڭ كۈچ - ماغدۇرى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. بۇنداق بولۇشىدىكى ئەڭ مۇھىم ئامىل گۆشتىكى قىزىل قان ئاقسىلى (ھېموگلوبىن)دۇر. قىزىل قان ئېلېمېنتى(ھېموپروتېئىن)دىكى تۆمۈر ئىيونى ئادەم ئورگانىزمى ھۈجەيرىلىرىنى ئوكسىگېن بىلەن تەمىنلەيدىغان مۇھىم مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالغان بولىدۇ، ئەگەر قىزىل قان ئاقسىلىنى ھاسىل قىلىدىغان تۆمۈر يېتەرلىك بولمىسا، سىرتقى تېرە يېتەرلىك ئوكسىگېن بىلەن تەمىنلىنەلمەيدۇ، ھۈجەيرە ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ، تېرە ياش ھەم جەلپكارلىقىنى يوقىتىدۇ. شۇنداقلا قان ئازلىق پەيدا بولۇپ تېرە سۇلغۇن، ئېلاستىكىلىقى ناچار، نۇرسىزلىنىپ، قېرىشنى تېزلىتىۋېتىدۇ.
گۆشسىز غىزالانغۇچىلار تۆمۈردىن باشقا كالتسىي ۋە سىنكقىمۇ دىققەت قىلىشى كېرەك. كۆكتاتلاردا كالتسىي كۆپ بولسىمۇ كۈندىلىك ئېھتىياجىمىزغا يەتمەيدۇ، يەنە كېلىپ كۆكتاتلاردىكى يوپۇرماق كىسلاتاسى بىلەن تاننىك كىسلاتاسى كالتسىينىڭ قوبۇل قىلىنىشىغا توسقۇنلۇق قىلىدۇ. شۇڭا گۆشسىز غىزالانغۇچىلار پۇرچاق ياسالمىلىرى ۋە سۈت ياسالمىلىرىنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىشى كېرەك.
كۆكتاتلاردا سىنك كەم بولغاچقا، گۆشسىز غىزالانغۇچىلاردا ئۇزاق مۇددەت سىنك كەمچىل بولسا چاچ چۈشۈش، ئىشتىھاسىزلىق، تىرناق چۈرۈكلىشىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ، شۇڭا مۇۋاپىق مىقداردا كالا، بېلىق، توخۇ گۆشلىرىنى ئىستېمال قىلىپ بېرىشى كېرەك.
نۈسرەتگۈل ئۆمەر تەرجىمىسى