تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

ئىقتىسادىي تەپتىش خىزمىتىنىڭ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، كادىرلارنى مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىپ، رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ چوڭقۇر يىلتىز تارتىشىغا قەتئىي تەۋرەنمەي تۈرتكە بولۇش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركىزىي ئىقتىسادىي تەپتىش كومىتېتىنىڭ 1 – يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە ‹‹مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭىنىڭ كەڭ كادىرلارنى يېڭى دەۋردە دادىللىق بىلەن يېڭى مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، يېڭى رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا يەنىمۇ ئىلھاملاندۇرۇش توغرىسىدىكى پىكرى›› يەتكۈزۈلدى ۋە ئۆگىنىلدى

چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

   مۇخبىرىمىز ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 5 – ئاينىڭ 27 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركىزىي ئىقتىسادىي تەپتىش كومىتېتىنىڭ 1 – يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە ‹‹مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭىنىڭ كەڭ كادىرلارنى يېڭى دەۋردە دادىللىق بىلەن يېڭى مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، يېڭى رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا يەنىمۇ ئىلھاملاندۇرۇش توغرىسىدىكى پىكرى››نى يەتكۈزدى ۋە ئۆگەندى، ئاپتونوم رايوننىڭ ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش پىكرىنى مۇزاكىرە قىلىپ، ‹‹شىنجاڭنىڭ 13 – بەش يىللىق ساياھەتچىلىكنى راۋاجلاندۇرۇش يىرىك پىلانىنى يولغا قويۇش ئۈچ يىللىق ھەرىكەت لايىھەسى››نى قاراپ چىقتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

   يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركىزىي ئىقتىسادىي تەپتىش كومىتېتىنىڭ 1 – يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىدە ئىقتىسادىي تەپتىش خىزمىتىنىڭ مۇھىم رولى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى ئومۇمىيىتى يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ چوڭقۇر شەرھلىنىپ، ئىقتىسادىي تەپتىش خىزمىتىدىكى يېتەكچى ئىدىيە، نۇقتىلىق خىزمەتلەر، نىشان – ۋەزىپىلەر ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلغان، بۇ، يېڭى دەۋردە ئىقتىسادىي تەپتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىسادىي تەپتىش خىزمىتىنىڭ سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. ئىدىيەۋى تونۇشنى ئۆستۈرۈش كېرەك، ئىقتىسادىي تەپتىش خىزمىتى پارتىيە ۋە دۆلەت نازارەتچىلىك سىستېمىسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، ئىنتىزام ۋە قائىدىنى چىڭىتىش، ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىشنى رېۋىزىيە قىلىشنى كۈچەيتىشنىڭ مۇھىم ۋاسىتىسى، ئىقتىسادىي تەپتىش خىزمىتىنىڭ مۇھىملىقىنى تولۇق تونۇپ، ئىقتىسادىي تەپتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى ئاڭلىقلىق، تەخىرسىزلىك ۋە مەسئۇلىيەتچانلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك. ‹‹تۆت ئاڭ››نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، پارتىيەنىڭ ئىقتىسادىي تەپتىش خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك، بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن ئاڭلىق ھالدا يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىقتىسادىي تەپتىش خىزمىتى توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرما – تەلەپلىرىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. ئومۇميۈزلۈك قاپلاشقا تۈرتكە بولۇپ، ئىقتىسادىي تەپتىش نازارەتچىلىكىنىڭ كەڭلىك ۋە چوڭقۇرلۇق دەرىجىسىنى كېڭەيتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، خەلق تۇرمۇشى مەبلىغى تۈرى قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەرنى چۆرىدەپ ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىشقا تېگىشلىكلىرىنى جەزمەن ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش، ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىشتا جەزمەن قاتتىق بولۇش، جاۋابكارلىقنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، تۈزۈم ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، پەن – تېخنىكىلىق ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىشنى كۈچەيتىش، ئىقتىسادىي تەپتىش قوشۇنىنى كۈچلۈك قۇرۇش، مەركەزلىك، بىرلىككە كەلگەن، ئومۇميۈزلۈك قاپلىغان، نوپۇزلۇق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئىقتىسادىي تەپتىش نازارەتچىلىكى سىستېمىسىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىش كېرەك. ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىشنى قوللاش ۋە ئۇنىڭغا ماسلىشىش كېرەك، ھەر دەرىجىلىك پارتكوملار ئىقتىسادىي تەپتىش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشى، ئىقتىسادىي تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ قانۇن بويىچە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشىنى قوللىشى، ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار ئىقتىسادىي تەپتىش نازارەتچىلىكىنى باشلامچىلىق بىلەن قانۇن بويىچە ئاڭلىق قوبۇل قىلىشى كېرەك. ئىقتىسادىي تەپتىش نەتىجىلىرىدىن ياخشى پايدىلىنىش، ئىقتىسادىي تەپتىش نازارەتچىلىكىنى پارتىيە كادىرلارنى باشقۇرۇش، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش قاتارلىقلار بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش نەتىجىسى ۋە تۈزىتىش ئەھۋالىنى رەھبىرىي كادىرلارنى باھالاش، تەيىنلەش – قالدۇرۇش، مۇكاپاتلاش – جازالاشتىكى مۇھىم ئاساس قىلىش، ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىشتا بايقالغان ئىنتىزامغا، قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسى، يىپ ئۇچى ۋە باشقا ئىشلارنى ۋاقتىدا ئالاقىدار تارماقلارغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش، ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىشتا بايقالغان تىپىك، ئومۇميۈزلۈك، خاھىش خاراكتېرلىك مەسىلىلەرنى ئەستايىدىل مۇھاكىمە قىلىپ ھەل قىلىپ، تۈزۈم قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

    يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى بېسىپ تارقاتقان ‹‹كەڭ كادىرلارنى يېڭى دەۋردە دادىللىق بىلەن يېڭى مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، يېڭى رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا يەنىمۇ ئىلھاملاندۇرۇش توغرىسىدىكى پىكىر›› ھەم بۇ توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، يۇقىرى ساپالىق كەسىپلەشكەن كادىرلار قوشۇنى قۇرۇشتىكى مۇھىم تەدبىر، ئۇنى ئەستايىدىل ئۆگىنىشىمىز، ئىزچىللاشتۇرۇشىمىز، ئاپتونوم رايوندىكى كادىرلارنى يېڭى دەۋردە دادىللىق بىلەن يېڭى مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، يېڭى رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا يەنىمۇ ياخشى ئىلھاملاندۇرۇشىمىز كېرەك. ئاپتونوم رايوندىكى كادىرلارغا بولغان ئىدىيەۋى تەربىيەنى كۈچەيتىپ، ئۇلارنى دادىللىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىش، رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بىلەن كاللىنى قوراللاندۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش جەھەتتە تەربىيەلەپ ۋە يېتەكلەپ، ‹‹تۆت ئاڭ››نى كۈچەيتىپ، ‹‹تۆت ئىشەنچ››نى چىڭىتىپ، سىياسىي مەسئۇلىيەت، تارىخىي مەسئۇلىيەت، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى ياخشى يارىتىش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك. توغرا يۆنىلىش تۇرغۇزۇپ، كادىرلارغا كۆڭۈل بۆلۈپ ۋە كۆيۈنۈپ، ياخشى كادىر ئۆلچىمى ۋە ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدىكى كادىرلارنىڭ سىياسىي ئۆلچىمىدە چىڭ تۇرۇپ، كادىرلارنى باھالاش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى، ئوينىغان رولىنى ئۆلچەيدىغان ئۆلچەمنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئەمەلىي ئىشلەشكە، ئەمەلىي نەتىجىگە ئەھمىيەت بېرىدىغان ئادەم ئىشلىتىش يۆنىلىشىنى ئېنىق تۇرغۇزۇپ، ئىشلىمەكچى بولغانلارغا پۇرسەت، ئىشلىيەلەيدىغانلارغا سەھنە، ئىش قىلالايدىغانلارغا ئورۇن ھازىرلاپ بېرىشىمىز كېرەك. مەسئۇلىيەتنى مەردانىلىق بىلەن دادىل زىممىسىگە ئالالايدىغان كادىرلارغا مەدەت بېرىشىمىز، كادىرلارغا تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن كۆڭۈل بۆلۈشىمىز ۋە كۆيۈنۈشىمىز، كادىرلار قوشۇنىنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقىنى تولۇق قوزغىشىمىز ۋە ئۇلارنى ئىلھاملاندۇرۇشىمىز كېرەك. ئىقتىدار، سەۋىيەنى ئۆستۈرۈپ، كۈچلۈك بىرىكمە كۈچ مۇجەسسەملىشىمىز كېرەك. غايە – ئېتىقاد تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، تەربىيەلەش – يېتىشتۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، كادىرلارنىڭ ئۆگىنىش ئىقتىدارى، سىياسىي جەھەتتە رەھبەرلىك قىلىش ئىقتىدارى، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى، ئىلمىي تەرەققىيات ئىقتىدارى، قانۇن بويىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارى، ئاممىۋى خىزمەت ئىقتىدارى، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇش ئىقتىدارى، خەۋپ – خەتەرنى تىزگىنلەش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشىگە ياردەم بېرىشىمىز كېرەك. سىياسەت، تەدبىرلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىلغار تىپلارنى تۇرغۇزۇپ، تەشۋىقات سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، يېڭى دەۋردە ئىش قىلىپ ئىگىلىك تىكلەيدىغان كۈچلۈك بىرىكمە كۈچ مۇجەسسەملىشىمىز كېرەك.

   يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ساياھەتچىلىكنى راۋاجلاندۇرۇشنى تېزلىتىش شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇشتىكى مۇھىم تەدبىر، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇشتىكى مۇھىم تۇتقا، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم ۋاسىتە، شىنجاڭنىڭ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشنىڭ مۇھىم كاپالىتى. ساياھەتچىلىكنى راۋاجلاندۇرۇشنى تېزلىتىشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ، تەستە ئېرىشكەن پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، زور يوشۇرۇن كۈچلەرنى قېزىپ، تەجرىبىلەرنى ياخشى ئۆگىنىپ، لايىھەنى ياخشى تۈزۈپ، سىياسەتنى ياخشى يۈرۈشلەشتۈرۈپ، بازاردىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئەسلىھەنى ياخشىلاپ، ئېكولوگىيەنى ياخشى قوغداپ، ساياھەتچىلىكنى تىرىشىپ تۈۋرۈك كەسىپ قىلىپ چىقىشىمىز كېرەك. بىر تۈركۈم كۇرسلۇق ماركىلارنى يارىتىپ، تەبىئىي ئېكولوگىيە ساياھىتى، ئادىمىيەت مەنزىرە ساياھىتى، ئالاھىدە مىللىي ئۆرپ – ئادەت ساياھىتى، مىللىي مەنزىرە ساياھىتىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، ساياھەت مەنزىلگاھى كۇرسلۇق ماركا سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈش؛ بوغما ھالەتنى بۇزۇپ تاشلاپ، قولايلىق ئىستېرېئولۇق قاتناش سىستېمىسى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، ساياھەتچىلىكنى تېز راۋاجلاندۇرۇشنى كۈچلۈك تىرەككە ئىگە قىلىش؛ ياخشى ئوبراز تىكلەپ، كۆپ خىل يول، كۆپ خىل شەكىل، كۆپ خىل تاراتقۇلار ئارقىلىق تەشۋىق قىلىش، تونۇشتۇرۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ‹‹بىپايان زېمىن، چەكسىز مەنزىرە، شىنجاڭ ياخشى جاي›› دېگەن سادانى ياڭرىتىش؛ بىر تۈركۈم ئېسىل مەھسۇلاتلارنى يېتىشتۈرۈپ، نۇقتىلىق مەنزىرە رايونلىرىنىڭ مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئومۇمىي ساياھەتچىلىكىنىڭ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش؛ بىر تۈركۈم لىنىيەنى شەكىللەندۈرۈپ، مەنزىرە رايونلارنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى سەرخىللاشتۇرۇپ، ئالتۇن لىنىيەلەرنى پىلانلاپ، ئومۇمىي ئۈنۈمنى گەۋدىلەندۈرۈش؛ بىر تۈركۈم مەھسۇلاتلارنى ئېچىپ، خاسلىقىغا ئەھمىيەت بېرىپ، مەزمۇنىنى بېيىتىپ، سەۋىيەنى ئۆستۈرۈپ، ساياھەت خاتىرە بۇيۇملىرىنى تەتقىق قىلىپ ئىشلەپچىقىرىشنى كۈچەيتىش؛ بىر تۈركۈم كەسىپلەرگە تۈرتكە بولۇپ، ساياھەتچىلىكنى يېتەكچى قىلىپ، يۇغۇرما تەرەققىيات مېخانىزمى ئورنىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلغان كەسىپلەر توپىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

   شۆھرەت زاكىر، شاۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ، لى پېڭشىن، ليۇ ۋەنلۇڭ، لى ۋېي، شۈ خەيرۇڭ، ئەركىن تۇنىياز، ما شۆجۈن، تيەن ۋېن، سارقىت ئاقان، جاڭ چۈنلىن قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.