تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىپ، رولىنى جارى قىلدۇرۇۋاتقان كادىرلارغا مەردانىلىك بىلەن ئىلھام-مەدەت بېرەيلى

ــــ كادىرلارنى يېڭى دەۋردە يېڭى مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، يېڭى رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرۇش توغرىسىدا (3)

جۇڭ زۇۋېن

   ئىگىلىك تىكلەش جاپالىق بولسىمۇ، كۈرەش قىلىش ئارقىلىق ئىگىلىك تىكلىگىلى بولىدۇ. ھازىر، يېڭى تەرەققىيات قارىشىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشتىكى ‹‹ئۈچ چوڭ جەڭ››نى ياخشى قىلىش زور بىر تۈركۈم ‹‹باتۇر ئەزىمەتلەر››، ‹‹ئاۋانگارتلار››نىڭ ئاتاكىغا ئۆتۈشىگە، شۇنداقلا ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ ئۇلارنىڭ كۈچلۈك يۆلەنچۈكى بولۇشىغا موھتاج. ‹‹كەڭ كادىرلارنى يېڭى دەۋردە دادىللىق بىلەن يېڭى مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، يېڭى رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا يەنىمۇ ئىلھاملاندۇرۇش توغرىسىدا پىكىر››دە، بۆسۈش ھاسىل قىلىشقا ۋە ئىشلەشكە جۈرئەت قىلىدىغان، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان كادىرلارنى دادىل قوللاش تەلەپ قىلىنىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالغۇچىلارغا مەسئۇل بولۇش، مەسئۇلىيەتچانلارغا مەسئۇل بولۇش، ئىش قىلغۇچىلارغا مەدەت بېرىشتىن ئىبارەت كۈچلۈك سىگنال تارقىتىلدى.

   ھەر قانداق ئىشنىڭ خەۋپ – خەتىرى بولىدۇ، ھەر قانداق خىزمەتتە پەقەت مەغلۇپ بولماي، مۇۋەپپەقىيەتلا قازىنىمەن دېگىلى بولمايدۇ. مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىپ، رولىنى جارى قىلدۇرۇۋاتقانلارغا مەدەت بېرىشتە ئاچقۇچ  باش شۇجى شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان ‹‹ئۈچنى پەرقلەندۈرۈش›› تەلىپىگە ئاساسەن، خاتالىقنى سىغدۇرۇش – تۈزىتىش مېخانىزمى ئورنىتىپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كادىرلارنىڭ ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش داۋامىدىكى سەۋەنلىكى، خاتالىقىغا كەڭ قورساق بولۇشتا. كەسىپنى ئۈستۈن ئورۇنغا قويۇش، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، قانۇن – ئىنتىزامغا تايىنىش، خاتالىقنى سىغدۇرۇش – تۈزىتىشتىن ئىبارەت ‹‹تۆت پىرىنسىپ››نى مۇۋاپىق ئىگىلەپ، مۇددىئا – پوزىتسىيە، ئوبيېكتىپ شارائىت، تەرتىپ – ئۇسۇل، خاراكتېر – دەرىجە، ئاقىۋەت – تەسىر ۋە زىياننى قايتۇرۇۋېلىشتىن ئىبارەت ‹‹ئالتە مۇھىم شەرت››كە بىرلەشتۈرۈپ، كادىرلارنىڭ خاتالىقىنى ئۇنىۋېرسال ئانالىز قىلىپ، كادىرلارنىڭ ئومۇمنىڭ مەنپەئىتىنى كۆزلىگەنلىكى ياكى شەخسىي مەنپەئىتىنى كۆزلىگەنلىكى، غەرەزسىز ھالدا خاتالاشقانلىقى ياكى قەستەن خاتالىق ئۆتكۈزگەنلىكى، تەرتىپكە ئەمەل قىلغانلىقى ياكى پىرىنسىپنى بۇزغانلىقى، ئىنتىزامغا رىئايە قىلىپ قانۇنغا بويسۇنغانلىقى ياكى قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ ئىنتىزامنى بۇزغانلىقىنى پەرقلەندۈرۈش، ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك. بۇيرۇقنى ئىجرا قىلمىغان، چەكلىگەندىن يانمىغان ئەمەس، دادىل ئىزدىنىپ، ئالدىدا مېڭىپ، ئاۋۋال سىناق قىلغان؛ مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىش، ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىشنىلا ئويلاپ، ئۆزى، باشقىلار ۋە ئورۇنلارنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىنى كۆزلىمىگەن؛ سۇبيېكتىپ سەۋەب، قەستەنلىكتىن ئەمەس، قارشى تۇرغىلى بولمايدىغان كۈچ، مۆلچەرلەش قىيىن بولغان ئەھۋال قاتارلىق ئامىللار سەۋەب بولغان؛ شەخسنىڭ ئۆز بېشىمچىلىق قىلىشى، خالىغىنىچە ئىش قىلىشى بىلەن ئەمەس، ئىلمىي تەدبىر بەلگىلەش، دېموكراتىك تەدبىر بەلگىلەش تەرتىپىدىن ئۆتكەن؛ تاسادىپىي ھادىسىلەرنى بىرتەرەپ قىلىشتا دەرھال بىر قارارغا كېلىپ، ئىشتىن كېيىن مەلۇم قىلىش تەرتىپىنى ۋاقتىدا ئادا قىلغان ۋاھاكازالار... بۇ ئەھۋاللار مۇھاكىمە قىلىش ئارقىلىق سىغدۇرۇشقا بولىدىغان خاتالىق دەپ بېكىتىلگەن بولسا، دادىللىق بىلەن سىغدۇرۇپ، باتۇرلۇق بىلەن يۈكنىڭ ئېغىرىنى كۆتۈرۈپ، يول ئېچىپ ئىلگىرىلىگەن كادىرلارغا مەدەت بېرىش ۋە ئۇلارنى ئىلھاملاندۇرۇش كېرەك.

   كەڭ قورساق بولۇش ــــ ئۆز مەيلىگە قويۇۋېتىش دېگەنلىك ئەمەس، قوغداش ــــ قانات ئاستىغا ئالغانلىق ئەمەس. خاتالىقنى سىغدۇرۇشنىڭ ئالدىنقى شەرتى ۋە تۆۋەن چېكى بار، بۇ ھەر قانداق خاتالىقنى سىغدۇرۇش دېگەنلىك ئەمەس، بەلكى ئىنتىزام، قانۇن رامكىسى ئىچىدىكى خاتالىقنى سىغدۇرۇش دېگەنلىك. قانۇن – ئىنتىزامغا ئاساسلىنىش ئالدىنقى شەرتى بىلەن خاتالىقنى سىغدۇرۇپ، سىغدۇرۇشقا بولىدىغان ‹‹چېگرا سىزىقى›› ۋە قەتئىي سىغدۇرۇشقا بولمايدىغان ‹‹قىزىل سىزىق››، ‹‹تۆۋەن چەك››نى بېكىتىش، ھەم ئاق – قارىنى پەرق ئەتمەي، باشقىلارغا ‹‹تۆھمەت قىلماسلىق››، ھەم خاتالىقنى سىغدۇرۇشنى بىر ‹‹سېۋەت›› بىلىپ، ئۇنىڭغا ھەر قانداق خاتالىقنى قاچىلاۋېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. مەسىلىنىڭ خاراكتېرىنى ئارىلاشتۇرۇۋېتىپ، خاتالىقنى سىغدۇرۇشنى ‹‹مۇھاپىزەت كۈنلۈكى›› قىلىۋېلىپ، ئىنتىزامنى ‹‹بوشاشتۇرۇش››نىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. قالايمىقان، قارىسىغا ئىش قىلغانلارنى، ئىشلەش بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ، قائىدە – ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغۇچىلارنى پەرقلەندۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش، ئۇلارنىڭ ‹‹قىلغان بىر ئىشى بىلەن باشقا خاتالىقلىرىنى يېپىشى››غا قەتئىي يول قويماسلىق كېرەك.

   سەھنە ھازىرلاش، رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرۇش ــــ كادىرلارغا ئەڭ ياخشى كۆڭۈل بۆلگەنلىك، شۇنداقلا كادىرلارنى ئەڭ ياخشى قوغدىغانلىق. ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش جەريانىدا سەۋەنلىكى، خاتالىقى بار كادىرلارغا مۇئامىلە قىلىشتا، سىناش – تەكشۈرۈشتە ئوبيېكتىپ باھا بېرىش، تاللاپ ۋەزىپىگە قويۇشتا ئادىل، مۇۋاپىق بولۇش كېرەك. ئىدىيە جەھەتتىن يېتەكلەش، تەربىيەلەش، ئەمەلىيەت داۋامىدا چېنىقتۇرۇش، رىغبەتلەندۈرۈش، كاپالەتلەندۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە دەل جايىدا، داۋاملىق كۈچەپ، كادىرلارنىڭ مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىش جاسارىتى ۋە ئىرادىسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىش، كادىرلارنى تىرىشىپ ئەمەلىي خىزمەت داۋامىدا خاتالىقنى ئاز سادىر قىلىدىغان، خاتالىق ئۆتكۈزمەيدىغان قىلىش كېرەك. مەسئۇل بولۇشقا جۈرئەت قىلالايدىغان، دادىل مەسئۇل بولالايدىغان، رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا ماھىر، ئەمەلىي نەتىجىسى گەۋدىلىك كادىرلارنى ھەم ۋاقتىدا بايقاش، تەشۋىق قىلىش، ئەتىۋارلاپ ئىشلىتىش، ھەم ئازراق يېتەرسىز تەرەپلىرى بار كادىرلارنى تەربىيەلەش، ئۇلارغا ھەيدەكچىلىك قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئۇلارنىڭ يېتەرسىزلىكلەرنى تۈزىتىشىگە ياردەم بېرىپ، ئۇلارنى داۋاملىق ئىش قىلىش، ئىگىلىك تىكلەش پۇرسىتى، سۇپىسى بىلەن تەمىنلەش كېرەك. خاراكتېرى روشەن، پىرىنسىپتا چىڭ تۇرىدىغان، دادىل تۇتالايدىغان، دادىل باشقۇرالايدىغان، باشقىلارنى رەنجىتىپ قويۇشتىن قورقمايدىغان كادىرلارغا ئومۇميۈزلۈك تارىخىي دىيالېكتىكىلىق نۇقتىئىنەزەر بىلەن ئادىل، ھەققانىي مۇئامىلە قىلىپ، ھەربىر كادىرغا تەشكىلنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى، غەمخورلۇقىنى ھېس قىلدۇرۇش كېرەك. سىردىشىش، سۆھبەتلىشىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش قاتارلىق زور ۋەزىپىلەرنى چۆرىدىگەن ھالدا ئىدىيەۋى – سىياسىي خىزمەتنى ياخشى ئىشلەشكە ئەھمىيەت بېرىپ، كادىرلارنى ئۆستۈرۈش، رەھبەرلىك ۋەزىپىسىدىن چېكىندۈرۈش، ۋەزىپىسىنى ساقلاپ قېلىش، تەڭ دەرىجە بويىچە ئالماشتۇرۇشقا توغرا مۇئامىلە قىلىشقا يېتەكلەش كېرەك. تەمىنات جەھەتتە رىغبەتلەندۈرۈش، كاپالەتلەندۈرۈش تۈزۈمى، سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەمۇرلارنىڭ ۋەزىپىسى، دەرىجىسىنى پاراللىلاشتۇرۇش تۈزۈمىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئالاقىدار تەقدىرلەش – مۇكاپاتلاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، كادىرلارنىڭ پىسخىك ساغلاملىقىغا كۆڭۈل بۆلۈش كېرەك. ياماننى جازالاپ، ياخشىغا مەدەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، كادىرلارنىڭ ئابرۇيىنى قوغداشقا ئەھمىيەت بېرىپ، كادىرلارنىڭ ‹‹نامىنى بۇلغاش››تىن ساقلىنىپ، كادىرلار قوشۇنىنىڭ ئوبرازىنى قوغداش كېرەك. قارا چاپلاش، زىيانكەشلىك قىلىش قىلمىشلىرىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىرتەرەپ قىلىپ، ئەھۋالى يالغان ئىنكاس قىلىنغان كادىرلارنى ۋاقتىدا ئېنىقلاپ ئاقلاپ، ئۇلارنىڭ ئەندىشىسىنى تۈگىتىش، مەسىلىسى بار كادىرلارنى كەچۈرمەسلىك، شۇنداقلا مەسىلىسى يوق كادىرلارغا دەخلى قىلماسلىق كېرەك.

   كادىرلارغا كۆڭۈل بۆلۈپ ۋە غەمخورلۇق قىلىپ، مەردانىلىك بىلەن كادىرلارغا ئىلھام  –  مەدەت بېرىش ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە رەھبىرىي كادىرلارنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى، جەزمەن مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىش ئارقىلىق مەسئۇلىيەتچان بولۇشقا تۈرتكە بولۇش، رولىنى جارى قىلدۇرۇش ئارقىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كادىرلارغا كۆڭۈل بۆلۈش، كادىرلارنى ئاسراش، كادىرلارنى ئىلھاملاندۇرۇشقا ئالاقىدار تۈرلۈك تەدبىر  –  تەلەپلىرىنى كونكرېت كىشى، كونكرېت ئىش، كونكرېت خىزمەتلەردە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جاپا چەككەنلەرنى زىيان تارتقۇزماي، تەر تۆككۈچىلەرنى ياش تۆككۈزمەي، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، رولىنى جارى قىلدۇرغانلارنىڭ غەم – ئەندىشىسىنى تۈگىتىپ، كادىرلارنىڭ شەرەپ تۇيغۇسى، تەۋەلىك تۇيغۇسى، ئېرىشىش تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ كادىر ئىختىساسلىقلارنى زېھىننى مەركەزلەشتۈرۈپ، ھەققانىيەت يولىدىن قايتماي، يەڭنى تۈرۈپ جاسارەت بىلەن ئىشلەپ، پۈتۈن زېھنىنى بىلەن پارتىيە ۋە خەلق ئۈچۈن ئىشلەش، ئىگىلىك تىكلەش، تۆھپە ۋە نەتىجە يارىتىشقا يېتەكلەش كېرەك.

(5 – ئاينىڭ 25 – كۈنىدىكى ‹‹خەلق گېزىتى››گە بېسىلغان)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى