تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   نامراتلارنى يۆلەش

ھەر بىر پارچە ئېتىزغا ياخشى ئىشلەيمىز، ھەر بىر تۇياق چارۋىنى ياخشى باقىمىز

  شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى: ئۇچتۇرپان ناھىيەسى ئاقتوقاي يېزىسى سۇيۇتقا كەنتىدىكى نامرات ئاھالىلىك ئامانگۈل مەمەت ئائىلىسىدىكىلەر  4-ئاينىڭ 25-كۈنى يۇبەسەي يۇلۇۋاتاتتى.

  «بىز بۇ يىل ئىككى پارنىكقا كۆكتات تېرىدۇق، ئۇلاردىن تەخمىنەن 3000 يۈەن كىرىم قىلغىلى بولىدۇ، بىز چوقۇم نامراتلىقتىن قۇتۇلالايمىز» دېدى ئامانگۈل مەمەت. ئۇچتۇرپان ناھىيەسى نامرات ئاھالىلەرنىڭ نامراتلىقتىن بالدۇرراق قۇتۇلۇشى ئۈچۈن، «ھەر بىر پارچە ئېتىزغا ياخشى ئىشلەش، ھەر بىر تۇياق چارۋىنى ياخشى بېقىش» ئارقىلىق كۆكتات تېرىپ كىرىمنى ئاشۇرۇش، نامراتلارنى يۆلەش كالا، قويلىرىنى ۋاكالىتەن باشقۇرۇش قۇرۇلۇشلىرىنى چىڭ تۇتۇپ ئىشلەپ، نامرات ئاھالىلەرنىڭ دەل جايىدا نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلدى.

  ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدە بۇ يىل 1-ئايدا كۆكتات تېرىپ كىرىمنى ئاشۇرۇش قۇرۇلۇشى قوزغىتىلدى، پۈتۈن ناھىيەدىكى 42 نامرات كەنتتە ئىككى مىليون كۆكتات مايسىسى ئۆستۈرۈلدى.

  «نامرات ئاھالىلەرنى ھويلىسى ياكى ئېتىزلىقىغا يۇبەسەي تېرىشقا يېتەكلىدۇق، ئۇنىڭغا كېتىدىغان خىراجەتنىڭ %90ىنى ھۆكۈمەت، %10ىنىلا ئۆزلىرى چىقىرىدۇ. ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، ئېغىر نامرات كەنتنىڭ كەنت ئاھالىلىرى ھويلىسىدا 727 مو، ئېتىزلىقىدا 2000 مو يۇبەسەي تېرەلەيدۇ، بىر يىلدا ھەربىر كىشى 300 يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلالايدۇ» دېدى ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى لياۋ جيەنگو تونۇشتۇرۇپ.

  مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدە نامرات ئائىلىلىكتىن 8992 ئائىلە بولۇپ، ئۇلارنىڭ 5188ى كۆكتات تېرەلەيدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدىكى 1739 ئائىلىنىڭ تېخى ھويلىدا ئىقتسادىي كىرىم يارىتىش شارائىتى بولۇپ، ئامانگۈل مەمەت دەل مۇشۇ ئائىلىلىكلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدىكەن.

  «بىز پارنىك كۆكتاتچىلىقى بىلەن شۇغۇللاندۇق، بۇنىڭدا يىلدا ئىككى قېتىم ھوسۇل ئالالايمىز، ئۆزىمىزنىڭ كۆكتات سېتىۋالىدىغان پۇلىمىز تېجىلىپلا قالماي يەنە، كىرىمىمىز ئاشتى. بىز يەنە 50 مىڭ يۈەن ياردەم قەرز پۇلغا يەتتە كالا سېتىۋالدىم. ھويلىمزىدا ھەم كۆكتات تېرىساق ھەم باقمىچىلىق قىلساق، يىل ئاخىرىدا 15 مىڭ يۈەن كىرىم قىلالايدىكەنمىز» دېدى ئامانگۈل مەمەت تەخمىنىي مۆلچەر قىلىپ. ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتى نامراتلارنى ئاكتىپ يۆلەپ، كەنتنى بىرلىك قىلغان ھالدا پەرقلەندۈرۈپ، كۆلەملەشتۈرۈپ كۆكتات تېرىشنى يولغا قويدى. 42 ئېغىر نامرات كەنتتە نامرات ئائىلىلەرنى ئاساس قىلغان كۆكتات ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرىنى قۇرۇپ، كۆكتات، كالا گۆشى، قوي گۆشى سېتىۋېلىشقا مەسئۇل ئادەمنى سايلاش ئارقىلىق بېكىتتى، ئاندىن ئۇلار كالا گۆشى، قوي گۆشلىرىنى ھۆكۈمەت ئورگانلىرى، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ، ساقچىخانا، يەسلى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ ئاشخانىلىرىغا ساتتى، يەنە ناھىيەلەردىكى تەمىنات-سودا شىركەتلىرىنىڭ ئورتاق سېتىشىغىمۇ تەمىنلىدى.

  چارۋىچىلىق كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشمۇ ئۇچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش يولىنىڭ بىرى.

  نامرات ئاھالىلەر چارۋا بېقىشنى خالىسا، بىراق ئىقتىدارى ياكى شارائىتى بولمىسا، ئۆزلىرىنىڭ ئۆيىدىكى كالا، قويلارنى كەسپىي باقمىچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا تاپشۇرۇپ بەرسە، يىل ئاخىرىدا دارامەت تەقسىم قىلىنىدۇ. شۇنداق بولغاندا، چارۋىچىلارمۇ كارخانىغا ياكى ھەمكارلىق كوپىراتىپقا كېلىپ ئىشلەپ، قوش كىرىم ھاسىل قىلالايدۇ.

  ئۇچتۇرپان ناھىيەسى ئاقيار يېزىسىنىڭ تۈمەن كەنتىدىكى نامرات ئاھالە ئابلىكىم ئابدۇروسۇل ھۆكۈمەت تارقاتقان نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش كالىسىنى شىنجاڭ «جىن شىڭيۈەن» چارۋىچىلىق چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ بېقىشىغا ھاۋالە قىلغان بولۇپ، ئۆزى يەنە شۇ شىركەتتە چارۋا باققۇچى بولدى. «مېنىڭ يىلدا 30 مىڭ يۈەن مائاشىم بار، يەنە تېخى شىركەتمۇ دارامەت تەقسىم قىلىپ بېرىدۇ» دېدى ئۇ خۇشال ھالدا.

  شىنجاڭ «جىن شىڭيۈەن» چارۋىچىلىق چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ باش دېرىكتورى ۋىي گو تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە، ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدىكى 730 نامرات ئائىلىنىڭ 300دىن ئارتۇق كالىسى، 4000دىن ئارتۇق قويى شىركىتىمىزدە بېقىلىۋاتىدۇ، پۈتۈن شىركەتتە يەنە 300گە يېقىن ئادەم باقمىچىلىق، مال دوختۇرى، ئېتىز-ئېرىق باشقۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، شىركەت ۋە ئەتراپتىكى نامرات ئائىلىلەر سېتىۋېلىش كېلىشىمى ئىمزالاپ، كۆممىقوناق، سامان قاتارلىق ماتېرىياللارنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇردى.

  «قوي، كالىلارنى كارخانىغا تاپشۇرۇپ بەرگەندىن كېيىن، شىركەت %10تىن %12 نىسبەت بويىچە ھەريىلى دېھقانلارغا دارامەت تەقسىم قىلىپ بېرىدۇ، دېھقانلار باقالايمىز، دېگەندە يەنە ئېلىپ كەتسە بولىدۇ» دېدى ۋېي گو.

  نۆۋەتتە، ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدە 6116 نامرات ئائىلىلىكنىڭ قوي، كالىلىرى نامراتلىتىن يۆلەش كارخانىسى ۋە ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرىدا بېقىلىۋاتىدۇ، ھەر بىر ئائىلىلىككە 1000 يۈەن دارامەت تەقسىم قىلىنىپ بېرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى