تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

ماركسىزملىق ئېتىقادنى چىڭىتىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقايلى

شىنجاڭ سىفەن داشۆسى ماركسىزم شۆيۈەنىنىڭ دوكتور ئاسپىرانتى ما لى

    جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە 100 يىلغا يېقىن بوشاشماي كۈرەش قىلىش ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتى ئورنىدىن دەس تۇرۇش، بېيىشتىن قۇدرەت تېپىشقىچە بولغان ئۇلۇغ يۈكسىلىشنى كۈتۈۋالدى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە كىردى، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىمۇ يېڭى دەۋرگە كىردى. ئىناق  – ئىتتىپاق، ئاۋات  – باي، مەدەنىي  – ئالغا باسقان، خاتىرجەم ياشايدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇش شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ ئورتاق ئارزۇسى، شۇنداقلا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىدىن كۈتكەن سەمىمىي ئۈمىدى. ‹‹ئىرادە تىكلىمىگەندە، ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقارغىلى بولمايدۇ››. ئېتىقاد كۈرەش نىشانىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ، ئالغا ئىلگىرىلەش ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ئاتا قىلىدۇ، مەنىۋى مەنزىلنى يۈكسەلدۈرىدۇ. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئۇلۇغ بايرىقىنى ئىگىز كۆتۈرۈپ، ماركسىزملىق ئېتىقادىنى چىڭىتىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىدۇ.
    مۇستەھكەم ماركسىزملىق ئېتىقاد ماركسىزمنىڭ غايەت زور ھەقىقەت كۈچى ۋە كۈچلۈك ھاياتىي كۈچىدىن كەلگەن. دېڭ شياۋپىڭ 1992 – يىلى جەنۇبنى كۆزدىن كەچۈرگەندە تەكىتلەپ ‹‹شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمەنكى، دۇنيادا ماركسىزمنى ياقلايدىغانلار كۆپىيىپ بارىدۇ، چۈنكى ماركسىزم  پەن›› دېگەن. باش شۇجى شى جىنپىڭ 2017 – يىلى مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 43 – قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە ‹‹كىشىلەر ئىدىيە تارىخىدا، ئىلمىيلىكى، ھەققانىيلىقى، تەسىر كۈچى ۋە تارقىلىش دائىرىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ھەر قانداق بىر ئىدىيە ۋە نەزەرىيە ماركسىزمنىڭ يۈكسەكلىكىگە يەتمىگەن، شۇنداقلا ھەر قانداق بىر تەلىمات ماركسىزمدەك دۇنياغا غايەت زور تەسىر كۆرسەتمىگەن›› دەپ كۆرسەتتى. ماركسىزم دىيالېكتىك ماتېرىيالىزم ۋە تارىخىي ماتېرىيالىزمدا چىڭ تۇرۇپ، شەيئىلەرنىڭ ماھىيىتى، ئىچكى باغلىنىشى ۋە تەرەققىيات قانۇنىيىتىنى ئېچىپ بېرىپ، كىشىلەر جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ  بېرىدىغان ئىلمىي دۇنيا قاراش؛ ماركسىزم كىشىلەرنىڭ مەسىلىلەرنى تەھلىل قىلىشى ۋە دۇنيانى كۆزىتىشىدىكى كۈچلۈك ئىدىيەۋى قورال، ‹‹ئۇلۇغ بىلىش قورالى››، ئىلمىي مېتودولوگىيە؛ ماركسىزم ئادەمنىڭ ئەركىنلىكىنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتىنى، پۈتكۈل ئىنسانىيەتنى ئازاد قىلىشنى ئىنتىلىش نىشانى قىلغان ئىلمىي قىممەت قارىشى؛ ماركسىزم پىرولېتارىيات ئازادلىقى بلەن ئىنسانىيەت ئازادلىقىنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرىدۇ، خەلقنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداپ، مۇتلەق كۆپ ساندىكىلەرنىڭ مەنپەئىتىنى كۆزلەيدۇ، سىياسىي مەيدانى روشەن؛ ماركسىزم ھەم دۇنيانى ئىلمىي چۈشەندۈرۈشكە، ھەم دۇنيانى پائال ئۆزگەرتىشكە كۈچەيدۇ، روشەن ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش ئۇسلۇبىغا ئىگە. تارىخ ۋە رېئاللىق شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ماركسىزم قۇدرەتلىك ھاياتىي كۈچكە ئىگە، ئىلمىي ئىدىيەنىڭ ئۇلۇغ كۈچىنى نامايان قىلىدۇ، ھەقىقەت ۋە ئەخلاقنىڭ يۇقىرى پەللىسىدە تۇرىدۇ. بۇ، بىزنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇشىمىز ۋە ماركسىزملىق ئېتىقادىمىزنى چىڭىتىشىمىزدىكى ئىلمىي ئاساس.
    ماركسىزملىق ئېتىقادنى مۇستەھكەملەشنى يېقىنقى زاماندىن بۇيان شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات تارىخىدىكى مۇقەررەرلىك ۋە ئۆلچەم بەلگىلىگەن. ماركسىزم بىلەن قوراللانغان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭدا غايەت زور تارىخىي ئۆزگىرىش بولدى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ سىياسىي ھوقۇقى، پۇقرالىق ھوقۇقى، ئىقتىسادىي ھوقۇقى، ئىجتىمائىي ھوقۇقى، مەدەنىيەت ھوقۇقى، مۇھىت ھوقۇقى ۋە دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ھوقۇقى قاتارلىق ھوقۇقلىرى ئۈزلۈكسىز كاپالەتلەندۈرۈلدى. شىنجاڭنىڭ تارىخى ۋە رېئاللىقى شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ئىلغار نەزەرىيە يېتەكلىمىگەن بولسا، ئىلغار نەزەرىيە بىلەن قوراللانغان ئىلغار پارتىيە رەھبەرلىك قىلمىغان بولسا، ئىلغار پارتىيە تارىخىي ئېقىمغا بېقىپ، مەردانىلىق بىلەن تارىخىي مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، جاسارەت بىلەن زور قۇربان بەرمىگەن بولسا، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق ئۆزىنى بېسىپ تۇرغان ھەر خىل ئەكسىيەتچىلەرنى مەغلۇب قىلالمايتتى؛ ئېزىلىش ۋە قۇل قىلىنىش تەقدىرىنى ئۆزگەرتەلمەيتتى؛ بىردەك ئىتتىپاقلىشىپ، سوتسىيالىزم يولىدا گۈللىنىپ قۇدرەت تېپىشقا يۈزلىنەلمەيتتى.
    ماركسىزملىق ئېتىقادنى چىڭىتىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇش ئۈچۈن، ھەقىقىي ئۆگىنىش، ھەقىقىي چۈشىنىش، ھەقىقىي ئىشىنىش ۋە ھەقىقىي پايدىلىنىش كېرەك. قاتتىق كۈچەپ، جاپالىق ئەجىر سىڭدۈرۈپ، ماركسىزم – لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، ‹‹ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش›› مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارشى ۋە شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزىم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ، ماركسىزملىق ئىدىيەۋى ئاڭ ۋە نەزەرىيە سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئۇلۇغۋار غايىگە، كۈرەش نىشانىغا بولغان ئېنىق تونۇش ۋە توختاۋسىز ئىزدىنىشنى داۋاملاشتۇرۇش كېرەك. ماركسىزمنى ھەقىقىي چۈشىنىپ، ھەر خىل ئىدېئالىزملىق نۇقتىئىينەزەرلەرنى پەرق ئېتىپ، ھەر خىل تارىخىي ئىنكارچىلىق سەپسەتىلىرىگە قارشى تۇرۇپ، كومپارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش قانۇنىيىتى، سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇشنىڭ قانۇنىيىتى ۋە كىشىلەر جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتى ھەققىدە يېڭى بايقاش ۋە ئىجادىيەتنى ئۈزلۈكسىز بارلىققا كەلتۈرۈش كېرەك.
   ماركسىزملىق ئېتقادنى چىڭىتىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇشنى باشتىن – ئاخىر ھەرىكەتتە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. ئۆگىنىش نەتىجىسىنى پارتىيەۋىلىك جەھەتتە تەربىيەلىنىش، ئىدىيەۋى ئاڭ ۋە ئەخلاق سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشنىڭ مەنىۋى ئوزۇقى قىلىپ،  ماركسىزملىق مەيدان، نۇقتىئىينەزەر ۋە ئۇسۇللارنى تەتبىقلاپ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىدا يولۇققان مۇھىم نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش مەسىلىلىرىنى تەتقىق قىلىپ ۋە ھەل قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى يېتەكچى قىلىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى ئاساس قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، دىن ئەسەبىيلىكى ئىدىيەسىنىڭ يامرىشىنى توسۇش قاتارلىقلارنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، ئىتتىپاق – مۇقىم قىلىش ۋە ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، تىرىشىپ جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇش داۋامىدا، ماركسىزمدا چىڭ تۇرۇش بىلەن ماركسىزمنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، نەزەرىيەنى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلدۇرۇپ ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىپ، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىپ، ماركسىزمنىڭ ھاياتىي كۈچىنى مەڭگۈ ساقلاپ، ئۇنىڭ تېخىمۇ پارلاق ھەقىقەت نۇرىنى چاقنىتىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى