تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

ماركسىزمنىڭ ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى يېتەكچىلىك ئورنىدا چىڭ تۇرۇش باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ تۈپ كاپالىتى

ماركسىزمنىڭ ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى يېتەكچىلىك ئورنىدا چىڭ تۇرۇش باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ تۈپ كاپالىتى

شىنجاڭ پېداگوگىكا داشۆسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، پىروفېسسور، دوكتور ئاسپىرانت يېتەكچىسى سۈنشيۇلىڭ


    بۇ يىل ماركس تۇغۇلغانلىقىنىڭ 200 يىللىقى، ‹‹كومپارتىيە خىتابنامىسى›› ئېلان قىلىنغانلىقىنىڭ 170 يىللىقى. ماركسىزم ئىلمىي دۇنيا قاراش ۋە مېتودولوگىيەنىڭ بىرلىكى بولۇپلا قالماستىن، ئىلمىيلىك بىلەن ئىنقىلابىيلىقنىڭ بىرلىكى، ماركسىزمنىڭ ماتېرىيالىزم، دىيالېكتىكا، ماتېرىيالىستىك تارىخ قارىشى قاتارلىق مۇھىم ھۆكۈملىرى دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك ئىدېئولوگىيە قۇرۇلۇشىنىڭ نەزەرىيەۋى كۆرسەتمىسى. تارىخ ۋە خەلقنىڭ تاللىشى بىلەن، ماركسىزم  پارتىيەمىزنىڭ پارتىيە قۇرۇش، دۆلەت قۇرۇشتىكى تۈپ يېتەكچى ئىدىيەسىگە ئايلاندى، ماركسىزمنىڭ ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى يېتەكچىلىك ئورنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەندى ۋە كۈچەيدى، ئۇ جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ تۈپ كاپالىتى.
    ئىدېئولوگىيە مۇئەييەن جەمئىيەتتىكى سىنىپ، گۇرۇھلارنىڭ ئۆز مەنپەئىتىنى ئاساس قىلىپ، ھازىرقى ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتكە ئاڭلىق ئىنكاس قايتۇرۇشىدىن شەكىللەنگەن بىلىش سىستېمىسى بولۇپ، مۇئەييەن سىياسىي، قانۇن، پەلسەپە، ئەخلاق، سەنئەت، دىن قاتارلىق ئىجتىمائىي تەلىماتلار، نۇقتىئىنەزەرلەردىن تەركىب تېپىپ، مۇئەييەن سىنىپ ياكى گۇرۇھنىڭ مەنپەئەت يۆنىلىشى ۋە قىممەت يۆنىلىشىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ ھەم ئۇنىڭ ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىپ، ئۇنىڭ سىياسىي پىروگراممىسى، ھەرىكەت مىزانى، قىممەت يۆنىلىشى، ئىجتىمائىي پىكىر ئېقىمىنىڭ نەزەرىيەۋى ئاساسىغا ئايلىنىدۇ. ئاساسىي ئېقىم ئىدېئولوگىيەسىنىڭ بىخەتەرلىكى دۆلەتنىڭ سىياسىي تۇرمۇشىنىڭ مۇھىم تەرىپى بولۇپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى بىخەتەرلىكىنى قوغداش، ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيەنىڭ قانۇنلۇقلىقىنى قوغداشتا، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە ئىجتىمائىي ئىناقلىق، مۇقىملىقتا مۇھىم رول ئوينايدۇ.  
    ماركسىزم جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ نەزەرىيەۋى ئاساسى، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشىدىكى ئورتاق ئىدىيەۋى ئاساس، شۇنداقلا پارتىيەنىڭ خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ دۆلەتنى ئىدارە قىلىشىدىكى تۈپ يېتەكچى ئىدىيە. ماركسىزمنىڭ ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى يېتەكچىلىك ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىدېئولوگىيە خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىك ھوقۇقىنى پۇختا ئىگىلەش يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ ئىدېئولوگىيە خىزمىتى نىشانىنى چوڭقۇر تونۇغانلىقى ۋە ئۇنىڭغا توغرا ھۆكۈم قىلغانلىقىدۇر، ئۈنۈملۈك ئىدېئولوگىيە خىزمىتىمۇ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ جۇڭگو خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، جۇڭگونىڭ ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش ۋە ئىسلاھات ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىدە ئۈزلۈكسىز غەلىبە قىلىشىدىكى مۇھىم ئەڭگۈشتەرى. دۆلىتىمىز قۇرۇلغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىشىدىكى بىر گەۋدىلىك ئالاھىدىلىكى ۋە ئەڭگۈشتەرى دەل ماركسىزمنىڭ يېتەكچىلىك ئورنىدا چىڭ تۇرغانلىقىدۇر. باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 95 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يېتەكچى ئىدىيە بىر پارتىيەنىڭ مەنىۋى بايرىقى. 95 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ يېقىنقى زاماندىن بۇيانقى ھەرخىل سىياسىي كۈچلەر ئورۇندىيالمايدىغان مۈشكۈل ۋەزىپىلەرنى ئورۇندىيالىشى دەل ماركسىزمدىن ئىبارەت بۇ ئىلمىي نەزەرىيەنى باشتىن – ئاخىر ئۆزىنىڭ ھەرىكەت كۆرسەتمىسى قىلغانلىقىدا ھەم ئەمەلىيەت داۋامىدا ماركسىزمنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىش ۋە راۋاجلاندۇرۇشتا چىڭ تۇرغانلىقىدا. ماركسىزم  بىزنىڭ پارتىيە قۇرۇش، دۆلەت قۇرۇشتىكى تۈپ يېتەكچى ئىدىيەمىز. ماركسىزمدىن چەتنىسەك ياكى ۋاز كەچسەك، پارتىيەمىز جېنىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ، نىشاندىن ئادىشىپ كېتىدۇ. ماركسىزمنىڭ يېتەكچىلىك ئورنىدا چىڭ تۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ تۈپ مەسىلىدە قەتئىي تەۋرەنمەسلىكىمىز كېرەك، ھەرقانداق ۋاقىت، ھەرقانداق ئەھۋالدا قىلچە تەۋرىنىشكە بولمايدۇ.  
    پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بايراقنى ئېگىز كۆتۈرۈپ يۆنىلىش بەلگىلەپ، پىلان تۈزۈپ، ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىپ، يېڭى ۋەزىيەتتە ئىدېئولوگىيە خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاشنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش ئومۇمىيىتىنى كۆزلەپ، ئىدېئولوگىيە خىزمىتىنىڭ ئېنىق ئورنىنى بەلگىلەپ، ئىدېئولوگىيە پارتىيەنىڭ بىر تۈرلۈك ئىنتايىن مۇھىم خىزمىتى، دېگەن مۇھىم تېمىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىدېئولوگىيە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ‹‹پارتىيەنىڭ ئىستىقبالى ۋە تەقدىرىگە، دۆلەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە، مىللەتنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچى ۋە مەركەزگە ئىنتىلىش كۈچىگە مۇناسىۋەتلىك›› دەپ كۆرسىتىپ، پارتىيەنىڭ ئىدېئولوگىيە خىزمىتىنىڭ تۈپ ۋەزىپىسى ‹‹ماركسىزمنىڭ ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى يېتەكچىلىك ئورنىنى مۇستەھكەملەش، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىدىغان ئورتاق ئىدىيەۋى ئاساسىنى مۇستەھكەملەش›› دەپ تەكىتلىدى. شىنجاڭنىڭ ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ناھايىتى كەسكىن بولۇۋاتقان ۋەزىيەتتە، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئەھۋالنى كۆزىتىپ، ۋەزىيەتنى مۆلچەرلەپ، پىلان تۈزۈپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتىنى نەزەردە تۇتۇپ، ئىچكى، تاشقى ئىككى ئومۇمىيەتنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ماركسىزمنىڭ ئاساسىي قائىدىلىرىنى تەتبىقلاپ، شىنجاڭنىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتى بىلەن ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈپ، تارىخ، رېئاللىق، كەلگۈسىنى تەھلىل قىلىش ئارقىلىق زور ئىستراتېگىيەلىك ھۆكۈم چىقاردى، شىنجاڭ خىزمىتىگە دائىر بىر قاتار مۇھىم نەزەرىيەۋى  ۋە ئەمەلىي مەسىلىلەرنى چوڭقۇر بايان قىلدى، پارتىيەمىزنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتىكى شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى بېكىتتى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانى، دەپ ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇقىملىق ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان سىياسىي ۋەزىپە، دەپ كۆرسەتتى. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش، ‹‹ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش›› خىزمىتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىقلار شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسى، كۆزلەش نۇقتىسى ۋە كۈچەش نۇقتىسى، شۇنداقلا پارتىيەمىزنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتە شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشى، نۇرغۇن يېڭى تارىخىي ئالاھىدىلىككە ئىگە ئۇلۇغ كۈرەشلەرنى ئېلىپ بېرىشىنىڭ شىنجاڭدىكى جانلىق ئەمەلىيىتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، سوتسىيالىستىك ئىدېئولوگىيە قۇرۇلۇشىغا كۈچەپ، يۈرۈشلۈك ‹‹بىرىكمە مۇشت›› تەدبىرىنى يولغا قويۇپ، ماركسىزمنىڭ يېتەكچىلىك ئورنىنى تېخىمۇ روشەن، ئاساسىي مېلودىيەسىنى تېخىمۇ ياڭراق قىلىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقى، ھەر مىللەت خەلقنىڭ خاتىرجەم ياشىشىغا كاپالەتلىك قىلدى.
    ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى كۈرەش باشتىن-ئاخىر ئىس-تۈتەكسىز كۈرەش. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە كىرگەن بۈگۈنكى كۈندە، پارتىيە خەلقنى يېتەكلەپ ئۇلۇغ كۈرەشلەرنى قىلىش، ئۇلۇغ ئىشلارنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئۇلۇغ ئارزۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا، چوقۇم پارتىيەنىڭ ئىدېئولوگىيە خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى قەتئىي بوشاشماي كۈچەيتىپ، ئىدېئولوگىيە كۈرىشى ئاڭلىقلىقىنى كۈچەيتىپ، ھازىرقى ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى تۈرلۈك خىرىسلارغا بىۋاسىتە يۈزلىنىشى، ئىنكاس قايتۇرۇشى، بۇ خىرىسلاردا غەلىبە قىلىشى كېرەك.
    شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىسى، 21-ئەسىردىكى ماركسىزم، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. ئىناق-ئىتتىپاق، ئاۋات-باي، مەدەنىي-ئالغا باسقان، خاتىرجەم ياشايدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ، شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە، ماركسىزمنىڭ ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى يېتەكچىلىك ئورنىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىدېئولوگىيە خىزمىتىدىكى رەھبەرلىك ھوقۇقى، باشقۇرۇش ھوقۇقى ۋە سۆز ھوقۇقىنى پۇختا ئىگىلەپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى ‹‹بىرىكمە مۇشت›› ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە تەلىپى بويىچە، ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى بايرىقىمىز روشەن ھالدا كەڭ، چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، مەنبەدىن ساپلاشتۇرۇپ، يامانغا لەنەت ئوقۇپ، ياخشىغا مەدەت بېرىپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ تارىخنى بۇرمىلايدىغان، ئىدېئولوگىيەنى قالايمىقانلاشتۇرىدىغان رېئال زىيىنى ۋە رەزىل نىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ماركسىزملىق ‹‹بەش قاراش››نى پۇختا تۇرغۇزۇپ، ‹‹بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش››نى ئاشۇرۇپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ سىڭدۈرمىچىلىكىگە تاقابىل تۇرۇش ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى ياخشى يېزىپ چىقىشقا تۆھپە قوشۇش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى