ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز بەختىيار قۇربان خەۋىرى، فوتوسى: يېقىندا، چەرچەن ناھىيەلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسى، مېتېئورولوگىيە ئىدارىسىنىڭ چوڭكۆل يېزىسى قىياقلىق كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلنى مايىل قىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش» خىزمەت ئەترىتىدىكى كادىرلار 26 ئائىلىلىك دېھقانغا جەمئىي 520 سورتلۇق توخۇ چۈجىسى، 52 خالتا توخۇ يېمى تارقىتىپ بېرىپ، دېھقانلارنىڭ ھويلا-ئاران ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئائىلە ئىقتىسادىي كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا يېشىل چىراغ يېقىپ بەردى.
كەنتتىكى 58 ياشلىق خەلچىخان ئانا مۇنداق دېدى: كادىرلار ئادەتتە تۇرمۇشىمىزغا بەك كۆڭۈل بۆلىدۇ، ھازىر يەنە بىزگە توخۇ چۈجىسى ئېلىپ كەپتۇ، بىز بەك خۇش بولدۇق، بىز چوقۇم بۇ چۈجىلەرنى ياخشى بېقىپ، تۇرمۇشىمىزنى تېخىمۇ ياخشىلاشقا تىرىشىمىز.