تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

جىلىن ئۆلكىلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى شىنجاڭغا كېلىپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى كۆزدىن كەچۈردى

چېن چۈەنگو، بايىن چاۋلۇ، شۆھرەت زاكىر ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتناشتى

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، يۈەن لېي خەۋەر قىلىدۇ: جىلىن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، ئۆلكىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى بايىن چاۋلۇ باشچىلىقىدىكى جىلىن ئۆلكىلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى شىنجاڭغا كېلىپ، 5-ئاينىڭ 21-كۈنىدىن 26-كۈنىگىچە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى كۆزدىن كەچۈردى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى پارتكومىنىڭ 1-شۇجىسى، 1-سىياسىي كومىسسار چېن چۈەنگو، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

  جىلىن . شىنجاڭ نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى 5-ئاينىڭ 22-كۈنى چۈشتىن كېيىن ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى. چېن چۈەنگو ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ۋە پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىگە ۋاكالىتەن جىلىن ئۆلكىلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ شىنجاڭغا كۆزدىن كەچۈرۈشكە كەلگەنلىكىنى قىزغىن قارشى ئالدى، جىلىن ئۆلكىسىنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان شىنجاڭنىڭ خىزمەتلىرىنى زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقى ۋە خالىس ياردەم بەرگەنلىكىگە تەشەككۈر ئېيتتى. چېن چۈەنگو مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جىلىن ئۆلكىلىك پارتكوم، ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ گۈللەندۈرۈش، راۋاجلاندۇرۇشنىڭ يېڭى يولىنى تىرىشىپ تېپىش توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش ۋە تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈش، راۋاجلاندۇرۇش مۇساپىسىدە پۇختا قەدەم تاشلاپ، كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى. بىز جىلىن ئۆلكىسىنىڭ ياخشى تەجرىبە، ياخشى ئۇسۇللىرىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئۆرنەك قىلىپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك.

  چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جىلىن ئۆلكىلىك پارتكوم، ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇش، ئومۇمىيەت خىزمىتىگە كىرگۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، بىر تۈركۈم ياخشى كادىرلارنى تاللاپ ئەۋەتتى، بىر تۈركۈم ياخشى تۈرلەرنى قۇرۇشقا ياردەم بەردى، نۇرغۇن ئەمەلىي ئىش، ياخشى ئىشلارنى قىلىپ، ئالتاينىڭ ئىناقلىقى ۋە مۇقىملىقى، ئىقتىسادىي تەرەققىياتى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا، جەمئىيەتنىڭ يۈكسىلىشىگە كۈچلۈك تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە مۇھىم تۆھپە قوشتى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما بۇنى ئەستە چىڭ ساقلايدۇ، مىننەتدارلىق بىلدۈرىدۇ. شىنجاڭدىكى يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ھەممەيلەن يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-، 3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرىمىز ۋە ئەمەلىيلەشتۈرىمىز، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، «بىرىكمە مۇشت»نى ياخشى ئېتىپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىگە يەنىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، ئالاقە، مۇلازىمەتنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنىڭ ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، مۇقىملىق، تەرەققىياتقا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، تىرىشىپ جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنى خاتىرجەم قىلىمىز، ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت خەلققە بەخت يارىتىمىز، جىلىن خەلقىنىڭ خالىس ياردىمىگە جاۋاب قايتۇرىمىز.

  بايىن چاۋلۇ جىلىن ئۆلكىلىك پارتكوم، ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا قولغا كەلتۈرگەن زور مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى تەبرىكلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، شىنجاڭ شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەرقايسى تەرەپلەردىكى خىزمەتلەردە يېڭى مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، قىممەتلىك تەجرىبىلەرنى بارلىققا كەلتۈردى ۋە توپلىدى. بىز شىنجاڭنىڭ ياخشى تەجرىبە، ياخشى ئۇسۇللىرى، ياخشى ئىستىلىدىن ئۆگىنىپ، جىلىننىڭ خىزمەتلىرىنى تېخىمۇ ياخشى ئىشلەيمىز.

  بايىن چاۋلۇ مۇنداق كۆرسەتتى: شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى جىلىنغا تاپشۇرغان بىر تۈرلۈك مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە، شىنجاڭ خىزمىتىنى قوللاش ۋە ئۇنىڭغا مۇلازىمەت قىلىش جىلىننىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى، يۈكسەك سىياسىي ئاڭلىقلىق، چوڭقۇر مىللىي ھېسسىيات، قەتئىي مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى چوقۇم ياخشى تاماملايمىز. شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، جىلىننىڭ ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ياردەم بېرىلىدىغان جاي بىلەن خىزمەتلەرنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، خىزمەتنىڭ قاراتمىلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ياردەم بېرىلىدىغان جايدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنى ئاشۇرىمىز. جىلىننىڭ كەسىپ ئاساسىغا تايىنىپ، ياردەم بېرىلىدىغان جاينىڭ ساياھەت كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوللايمىز. مائارىپ، داۋالاش قاتارلىق جەھەتلەردىكى قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ياردەم بېرىلىدىغان جاينىڭ خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدىكى ئەمەلىي قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىشىغا ھەقىقىي ياردەم بېرىمىز. چاڭچۈن يېزا ئىگىلىك كۆرگەزمىسى قاتارلىق سۇپىلارنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ياردەم بېرىلىدىغان جاينىڭ ئەلا سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سىرتقا سېتىشىنى پائال ئىلگىرى سۈرىمىز. «جىلىن 1- نومۇرلۇق» سۈنئىي ھەمراھقا تايىنىپ، شىنجاڭنى دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىقنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش قاتارلىق ئۇچۇر سانلىق مەلۇمات مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيمىز. قوشماقلىشىپ ياردەم بېرىشنى كۈچەيتىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرىمىز. ھازىر جىلىن ئۆلكىسىدىكى يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ھەممەيلەن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «گۈللەندۈرۈش، راۋاجلاندۇرۇشنىڭ يېڭى يولىنى تىرىشىپ تېپىش» مۇھىم يوليورۇقىغا ئاساسەن، دىققەتنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا مەركەزلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردە جىلىننى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى تىرىشىپ ياراتماقتا. جىلىن بىلەن شىنجاڭنىڭ بىرى ۋەتىنىمىزنىڭ شەرقىي شىمالىغا، بىرى ۋەتىنىمىزنىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان، شىنجاڭ ياخشى جاي، جىلىن قۇتلۇق جاي. ئىككى جاينىڭ دۆلەتنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى مۇھىم پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، ئالاقە، ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىككى جاينىڭ ئەۋزەللىكىنى تىرىشىپ تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئىككى جاينىڭ ئورتاق تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  سۆھبەت يىغىنىدا شۆھرەت زاكىر، جىلىن ئۆلكىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئەن لىجيا ئايرىم-ئايرىم ھالدا شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىيات ۋە نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئەھۋالى، جىلىن ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئومۇمىي ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى.

  جىلىن ئۆلكىلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى شىنجاڭدىكى مەزگىلىدە، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئۈرۈمچى شەھىرى، ئالتاي ۋىلايىتى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش تۈرلىرىنى كۆزدىن كەچۈردى، دېھقان-چارۋىچىلارنى زىيارەت قىلدى، ئۇلاردىن ھال سورىدى، نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئاچتى، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلارنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى. يەنبيەن چاۋشيەنزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى بىلەن دوستلۇق، ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى.

  جىلىن ئۆلكىسىنىڭ رەھبەرلىرىدىن جاڭ ئەنشۈن، جياڭ جىيىڭ، ۋاڭ كەي، ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن شۈ خەيرۇڭ، تيەن ۋېن، سارقىت ئاقان، جاڭ چۈنلىن يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى