تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ 2018–يىللىق جۇڭگو خەلقئارا چوڭ سانلىق مەلۇمات كەسپى كۆرگەزمىسىگە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5-ئاينىڭ 26-كۈنى تېلېگراممىسى. 2018-يىللىق جۇڭگو خەلقئارا چوڭ سانلىق مەلۇمات كەسپى كۆرگەزمىسى 5-ئاينىڭ 26-كۈنى گۇيجوۋ ئۆلكىسىنىڭ گۇيياڭ شەھىرىدە ئېچىلدى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ كۆرگەزمىگە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ھازىر، ئالاقە تورى، چوڭ سانلىق مەلۇمات، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار ۋەكىللىكىدىكى يېڭى بىر ئەۋلاد ئۇچۇر تېخنىكىسى كۈنسايىن يېڭىلىنىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا، دۆلەتنى باشقۇرۇشىغا، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشىغا، خەلق تۇرمۇشىغا زور ھەم چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتمەكتە. چوڭ سانلىق مەلۇماتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش مۇھىم پۇرسىتىنى پۇختا ئىگىلەپ، چوڭ سانلىق مەلۇمات كەسپىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سانلىق مەلۇمات بىخەتەرلىكى، تور بوشلۇقىنى تۈزەش قاتارلىق جەھەتلەردىكى خىرىسنى ياخشى بىرتەرەپ قىلىشتا ھەرقايسى دۆلەتلەر ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى كۈچەيتىشى، ئالاقە، ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى زۆرۈر.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو چوڭ سانلىق مەلۇمات تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ. بىز ئىجادىي، ماس، يېشىل، ئوچۇق، ھەمبەھرە تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، تور كۈچلۈك دۆلىتى، رەقەملىك جۇڭگو، ئاقىل جەمئىيەت قۇرۇشنى چۆرىدەپ، دۆلەتنىڭ چوڭ سانلىق مەلۇمات ئىستراتېگىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈرئەتتە ئېشىشتىن يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلىشقا ئۆزگىرىشىگە تۈرتكە بولىمىز. ۋەكىللەر ۋە ئەزىز مېھمانلارنىڭ «بارلىق شەيئىنى رەقەملەشتۈرۈش . ئەقلىيلەشتۈرۈپ بىرىكتۈرۈش»تىن ئىبارەت كۆرگەزمە باش تېمىسىنى چۆرىدەپ، چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، كۆپچىلىكنىڭ ئەقىل- پاراسىتىنى جارى قىلدۇرۇپ، چوڭ سانلىق مەلۇمات كەسپىدە يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئورتاق تۈرتكە بولۇپ، ئاقىل تۇرمۇشنى ئورتاق بەرپا قىلىپ، دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەت خەلقلىرىگە بەخت يارىتىپ، كىشىلەر تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.