تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

ئۈچ تارماق مەملىكەت بويىچە يېزا ئىگىلىك ئىناۋەت قەرز كېپىللىكىنى ئىلگىرى سۈردى

    خەلق گېزىتى، بېيجىڭ، 5-ئاينىڭ 26-كۈنى تېلېگراممىسى. مالىيە مىنىستىرلىقى، يېزا ئىگىلىك-يېزا مىنىستىرلىقى، بانكا سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى يېقىندا بىرلىكتە مەملىكەت بويىچە يېزا ئىگىلىك ئىناۋەت قەرزى كېپىللىك خىزمىتى توغرىسىدا ۋىدىئولوق يىغىن ئاچتى، يېزا ئىگىلىك ئىناۋەت قەرز كېپىللىك خىزمىتىدە مەۋجۈت بولۇۋاتقان بىر قىسىم بىخ خاراكتېرلىك، خاھېش خاراكتېرلىك مەسىلىلەرگە قارىتا، ھەر دەرىجىلىك ئالاقىدار تارماقلار بىلەن يېزا ئىگىلىك ئىناۋەت قەرز كېپىللىك شىركەتلىرىدىن يېزا ئىگىلىكىدە مۇۋاپىق كۆلەملىك ئىگىلىكنىڭ سىياسىي خاراكتېرلىك ئورۇن بەلگىلىشىنى پۇختا ئىگىلەپ ، كېپىللىك خىيىم-خەتەرنىڭ تۆۋەن چېكىنى قاتتىق ساقلاپ ئالدىنى ئېلىش، كونترول قىلىش، مەملىكەت بويىچە يېزا ئىگىلىك ئىناۋەت قەرز كېپىللىك خىزمىتىنىڭ ساغلام تەرتىپلىك تەرەققىي قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى.
    يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى يولغا قويۇشنى زىچ چۆرىدەپ، ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ئادا قىلىش، ئىنتىزام قائىدىسىنى چىڭ تۇتۇش، سىياسەتنى چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈش لازىم.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى