تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

چاي ئاياللاردىكى بالىياتقۇ راكى خەۋپىنى تۆۋەنلىتىدۇ

    بالىياتقۇ ئىچكى پەردە راكى ئاياللاردا دائىم كۆرۈلىدىغان يامان سۈپەتلىك ئۆسمىلەرنىڭ بىرى، قوزغىلىش نىسبىتى سۈت بېزى راكى ۋە بالىياتقۇ بوينى راكىدىن قالسىلا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. ئامېرىكا روسۋېل پاك راك كېسەللىكى تەتقىقات ئورنى ئېلان قىلغان بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئاياللار دائىم چاي ئىچىپ بەرسە بالىياتقۇ ئىچكى پەردە راكىنىڭ خەۋپىنى تۆۋەنلىتىدىكەن.

    تەتقىقاتچىلار 1100 گە يېقىن ئايالنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرگەن، نەتىجىدە بايقىلىشىچە، ئادەتتە ئىچىدىغان ھەر قانداق چاينىڭ بالىياتقۇ راكى خەۋپىنى تۆۋەنلىتىش ئۈنۈمى بولىدىكەن، كۆكچاينىڭ ئۈنۈمى ئالاھىدە ياخشى ئىكەن. دائىم چاي ئىچىدىغان ئاياللارنىڭ بالىياتقۇ پەردە ياللۇغىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتى چاي ئىچمەيدىغانلارنىڭكىگە قارىغاندا تۆۋەن بولىدىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە، چاي ئىچىش قېتىم سانى قانچە كۆپ بولسا، بۇ خىل راكقا گىرىپتار بولۇش نىسبىتى شۇنچە تۆۋەن بولىدىكەن. كۈنىگە تۆت ئىستاكاندىن يۇقىرى چاي ئىچىدىغان ئاياللارنى چاي ئىچمەيدىغان ئاياللار بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئۇلارنىڭ بالىياتقۇ  ئىچكى پەردە ياللۇغىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتى %50 تۆۋەن بولىدىكەن. كۈنىگە ئىككى ئىستاكان چاي ئىچىدىغانلارنىڭ بۇ خىل راكقا گىرىپتار بولۇش نىسبىتى %44 تۆۋەن بولىدىكەن، ھەپتىدە يەتتە قېتىم ۋە ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ چاي ئىچىدىغانلارنىڭ بۇ خىل راكقا گىرىپتار بولۇش نسبىتى %20 تىن تۆۋەن بولىدىكەن.

    بالىياتقۇ ئىچكى پەردە راكى بىر خىل ھورمونغا بېقىنىدىغان ئۆسمە بولۇپ، كۆپ مىقداردىكى ئانىلىق ھورمون كېسەللىك پەيدا قىلىدۇ. چاي ئىچكەندە ئادەم بەدىنىدىكى ئانىلىق ھورمون سەۋىيەسىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ. چاي تەركىبىدىكى چاي پونېفىنولى مۇرەككەپ بىرىكمىسىنىڭ لىمفا ھۈجەيرىلىرىنى كۆپەيتىپ، ئىممۇنىتېت كۈچىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش رولى بار. شۇڭا ئاياللارغا كۆپرەك چاي ئىچىپ بېرىش تەكلىپىنى بېرىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى